توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
قان پلاستىنكىلىرى قاندىكى تەركىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسى قان ئۇيۇتۇش ۋە قان توختىتىش، بۇزۇلغان قان تومۇرلارنى ئوڭشاشتىن ئىبارەت. ئەگەر قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، ئاسانلا بۇرۇن بوشلۇقى قاناش، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى قاناش قاتارلىق ھەر خىل قاناش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش كېسىلى
Thrombocytopenia
血小板减少
بىمار چوقۇم ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىشى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغانلار ھەر كۈنى يېتىپ ئارام ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىپ، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
بىمارلار يىرىك، زىيادە قىزىق، قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىشى، يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى ۋىتامىنلىق، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يۇمشاق ياكى سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشى كېرەك.
بىمارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ پاكىزە، رەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تىرنىقىنى پات – پات ئېلىپ تۇرۇش، يۇيغاندا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇش، بەك قىزىپ كەتمەسلىك، تېرىنى كۈچەپ سۈرتمەسلىك، چىش چوتكىلىغاندا يۇمشاق چىش چوتكىسى ئىشلىتىش، چىش كولىغۇچ بىلەن چىش كوچىلىماسلىق، تۇرمۇشتا ساقلانغىلى بولىدىغان قاناشنى ئازايتىش كېرەك. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىمارنىڭ چوڭ تەرىتىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، چوڭ تەرەت قىلغاندا بەك كۈچەپ كەتمەسلىك، قورساق بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىپ قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
پۈتۈن بەدەندىكى تېرە، شىللىق پەردە، چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ، قاناش ئالامەتلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.