ئانا سەھىپەتۇرمۇشتۇرمۇش ساۋاتلىرىئۆمۈرلۈك ساغلاملىق پىلانى

ئۆمۈرلۈك ساغلاملىق پىلانى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئادەم بەدىنىنىڭ قانداق قىلىپ قايتا ھاياتىي كۈچكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلگىڭىز كېلەمدۇ؟ تۆۋەندە بىز ئادەم بەدىنىنىڭ سىرى، تەبىئىي ماددا ئالمىشىش جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز

ئادەتتە، كىشىلەر تۇغۇلۇشنى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى، ئۆلۈمنى ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى، دەپ قارايدۇ. بۇ بىر خاتا قاراش. چۈنكى ئادەم بەدىنىدە ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ھاياتلىق ياشاش بىلەن ئۆلۈم، بۇزۇلۇش بىلەن قايتا قۇرۇش توختىماي داۋاملىشىدىغان جەريان. ئادەم بەدىنىدىكى مولېكۇلا ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ھەر بىر قېتىم نەپەس ئالغىنىڭىزدا بىر قىسىم يېڭى ھۈجەيرە ياكى توقۇلمىلار ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ؛ ھەر بىر قېتىم تىنغىنىڭىزدا بىر قىسىم كېرەكسىز ماددىلارنى سىرتقا چىقىرىسىز؛ ھەر يۇتۇم سۇ ئىچكىنىڭىزدە، بىر نەرسە يېگىنىڭىزدە بەدىنىڭىزدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ماددا ئالمىشىش ئارقىلىق بەدىنىڭىزدە بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ.

ئۆمۈرلۈك ساغلاملىق پىلانى

بۇنداق ئۆزگىرىشنى سەزمەسلىكىڭىزدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ تەدرىجىي يۈز بېرىدىغان جەريان بولغانلىقىدىندۇر. كۈندىلىك پائالىيەتتە ھەر بىر مولېكۇلا ۋە ئاتومنىڭ ئورنىنى يېڭى مولېكۇلا ۋە ئاتوم ئىگىلەيدۇ. شۇڭا ئادەم بەدىنىنىڭ بىر قىسمى ھامان يېڭىدۇر. مۇشۇ قانۇنىيەتتىن قارىغاندا، مەلۇم شەكىلدىكى ئۆلۈش دەل يېڭى ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىدۇر. ھاياتلىق توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇنداق ئۆزگىرىش ئەسلىدىكى توقۇلمىلارنىڭ بۇزۇلىشى ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئۈزلۈكسىز ئۆلۈش ھەرىكىتى بولمىسا، باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەيمىز.

پەن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۆلۈشنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار: بىرى، بەدەننىڭ ئۆلۈشى، يەنە بىرى، مولېكۇلىنىڭ ئۆلۈشى. بەدەننىڭ ئۆلۈشى ئادەم نەپىسىنىڭ توختىشى بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدىكى ئۆلۈشتۇر، مولېكۇلىنىڭ ئۆلۈشى بولسا ئۇنىڭ توختىماي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىدۇر. كۆپچىلىك مولېكۇلىنىڭ ئۆلۈشىنىڭ پايدىلىق جەريان ئىكەنلىكى، كېرەكسىز مولېكۇلىنىڭ بەدەن سىرتقا چىقىرىلىش جەريانى ئىكەنلىكى، يېڭى مولېكۇلىنىڭ قوبۇل قىلىنىش جەريانى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئۆلۈش بىر چاكار بولۇپ، ئۇ ھاياتىمىزنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، مولېكۇلىنىڭ ئۆلۈشى بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلايدۇ. بۇ ئەخلەتلەر بەدەندە توپلىنىپ قالسا، بەدەننى چىرىتىپ، ئادەمنى قېرىتىدۇ، ھەتتا بەدەننىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۆلۈش ھاياتلىقنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى بولغان ئىكەن، كۆپچىلىك ئۇنىڭ رولىنى چۈشىنىپ يېتىشى ھەم بۇ جەرياننىڭ تاماملىنىشىغا ئىمكانقەدەر ماسلىشىشى كېرەك. دېمەك، ئادەم ھاياتلىقنى توغرا چۈشىنەلىسە، ئۆلۈم بىلەن تىركىشىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى توختىماي نەپەسلىنىشىمىزدىن ئۆلۈش ھادىسىسى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بىز ياشاۋاتقان دۇنيادا ھەر ۋاقىت ئۆلۈش ۋە يېڭى ھاياتلىقنىڭ مەيدانغا كېلىش جەريانى داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ قانۇنىيەتنى چۈشەنسىڭىز ئۆلۈمدىن قورقۇپ كەتمەيسىز ھەم ئۆلۈمنى يېڭىشكە باش قاتۇرۇپ ئولتۇرمايسىز. سەمىڭىزدە بولسۇن، ساغلاملىق، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىتىگە يېتىشتە، سىز تاقابىل تۇرغىدەك دۈشمەن يوق. ماددا ئالمىشىش جەريانىنى قانچە ئېنىق چۈشەنسىڭىز تەبىئەتنىڭ سىز بىلەن قارشىلاشمايدىغانلىقى، ئەكسىچە سىزگە شارائىت يارىتىدىغانلىقىنى شۇنچە چۈشىنىسىز. مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزسىڭىز، ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەل قىلمىغانلىقى، مولېكۇلىنىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن ئۆلۈشى ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنىيەتنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكىدىن بەدەننىڭ ئۆلۈشى كېلىپ چىقىدىغانلقىنى بايقايسىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:38:23

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ