ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىقوساق ئاچماستا يېگەن تاماق قەنت مىقدارىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ

قوساق ئاچماستا يېگەن تاماق قەنت مىقدارىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا ئاشكارىلىغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى:«بەزى كىشىلەر كۆپ ھاللاردا قورسىقى ئاچماي تۇرۇپلا تاماق يەيدۇ، چۈنكى تەرەققىيات ئۇلارغا يېمەكلىككە ئېرىشىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئېچىپ بەردى، يېمەكلىكنىڭ تەمى ۋە رەڭگى ئادەملەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان قىلىپ قويدى

بىراق بىز بۇ قېتىمقى تەتقىقات داۋامىدا قورساق تېخى ئاچماي تۇرۇپلا يېگەن تاماقنىڭ قاندىكى قەنت مىقدارىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغانلىقىنى بايقىدۇق، بۇنىڭ سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىھاجەت بولسا كېرەك».

تەتقىقاتقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«بىز بۇ تەتقىقاتنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئېلىپ باردۇق، بۇ جەرياندا تاماق يېيىشتىن بۇرۇن قورسىقى بىر ئاز ئاچ كىشىلەرگە قارىغاندا، قورسىقى ئاچمايلا تاماق يېگەن ئادەمنىڭ قېنىدىكى قەنتنىڭ زىيادە ئۆرە بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. تەتقىقات نەتىجىسى ئادەملەر قورسىقى سەل ئاچقاندا ئاندىن تاماق يېسە، قورسىقى ئېچىشتىن بۇرۇن تاماق يېگەنگە قارىغاندا كۆپ ساغلام بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى، چۈنكى بۇ چاغدا قاندىكى قەنتنىڭ مىقدارىدا ئۆرلەش بولمىدى».

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-06-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:30:46

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ