رېتسېپ : تاشئوتتىن 10 گرام ، كەۋرەكتىن 10 گرام ، ئەينۇلادىن 10 گرام ، شازاندىرادىن 10 گرام ، چۈچۈكبۇيا يىلتىزىدىن 5 گرامنى قاينىتىپ ، ئىككىگە بۆلۈپ ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچىپ بەرسە ، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ . ئۈنۈم بېرىش نىسبىتى %100 كە يېتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا كانايچە ياللۇغى ، زىققا قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ شىپا بولىدۇ .
رېتسېپ : ماگنولىيە غۇنچىسىدىن 10 گرام ، بۇدۇشقاق ئۇرۇقىدىن 10 گرام ، ئاسارۇندىن 3 گرام ، ئورمان كىرىشىدىن 9 گرام ، بايناقدىن 10 گرام ، قانتېپەردىن 10 گرام ، جەزبۇزاردىن 10 گرام ، جىنكېۋىزىدىن 10 گرام ، شازاندارادىن 9 گرامنى قاينىتىپ ، ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بېرىلسە ، سوغۇقتىن ھەم تال ۋە بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان بۇرۇن ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ .
رېتسېپ : قوناق ساقىلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ، ياللۇغلىنىپ بۇرنى پۈتۈپ قېلىشقا داۋا بولىدۇ .
رېتسېپ : ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىنى سوقۇپ ، ئازراق ھەسەل قوشۇپ ، بۇرۇن تۆشۈكىگە قويسا ئۈنۈمى بولىدۇ .
رېتسېپ : كەتىرادىن 30 گرام ، چوڭ چىلاندىن 30 گرام ئېلىپ ، ئاۋۋال كەتىرانى يېرىم سائەت قاينىتىپ ، ئاندىن چىلاننى سېلىپ ئېزىلگۈچە قاينىتىپ ، سۈيىنى ئىچىپ ، چىلاننى يەپ بېرىشنى كۈندە 2 قېتىمدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇپ بېرىلسە بولىدۇ .
رېتسېپ : چىلاندىن 10 دانە ، بۇدۇشقاق ئۇرۇقىدىن 9 گرامنى قاينىتىپ ، سۈيىنى ئىچىپ چىلان يەپ بېرىلىدۇ .