سۈيدۈك قىستاش تۇيۇقسىز كۈچلۈك سىيىش ھاياجىنىنى ھېس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە دەرھال ھاجەتخانا تېپىشقا توغرا كەلگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش، مەزى بېزى مەسىلىسى، دىئابېت كېسىلى ياكى باشقا كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سەۋەبى:
1. سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش:مەسىلەن:دوۋساق ياللۇغى ياكى سۈيدۈك يولى ياللۇغى، بۇ يۇقۇملىنىشلار سۈيدۈك يولىنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، شۇنىڭ بىلەن سۈيدۈك قىستاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. مەزى بېزى مەسىلىسى:ئەرلەردە مەزى بېزى يوغىناش ياكى مەزى بېزى ياللۇغى سۈيدۈك يولىنى بېسىۋېلىپ، سۈيدۈك قىستاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3. دىيابېت كېسىلى:يۇقىرى قان شېكىرى سەۋىيەسى سۈيدۈك تەركىبىدە قەنت مىقدارىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ دوۋساقنى غىدىقلايدۇ ھەم سۈيدۈك قىستاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. باشقا ئامىللار:دورىنىڭ ئەكس تەسىرى، نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، ھامىلىدارلىق ياكى باشقا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:
1. بەدەن تەكشۈرۈش:دوختۇر دوۋساقنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە ھەرقانداق بىنورماللىقنىڭ بار – يوقلۇقىنى باھالاش ئۈچۈن، قورساق ۋە داس بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشى مۇمكىن.
2. سۈيدۈك ئانالىزى:سۈيدۈك ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۇقۇملىنىش ياكى باشقا نورمالسىزلىق بار – يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ.
3. قان تەكشۈرۈش:بەدەننىڭ ئومۇمىي سالامەتلىك ئەھۋالىنى باھالاشقا ياردەم بېرىدۇ.
4. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈش:دوختۇرلارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تاش ياكى باشقا بىنورماللىقنىڭ بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
5. سۈيدۈكنى دىنامىكىلىق تەكشۈرۈش:بۇ دوۋساقنىڭ سۈيدۈك ساقلاش ۋە چىقىرىش جەريانىدىكى بېسىم ۋە ئېقىم مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئۇسۇل.
6. سۈيدۈك يولى ئەينىكىدە تەكشۈرۈش:بۇ سۈيدۈك يولىنىڭ ئىچكى قىسمىنى بىۋاسىتە كۆزىتىدىغان بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، ھەرقانداق نورمالسىزلىقنى بايقاشقا ياردەم بېرىدۇ.
7. سۆرەتلەش ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش:مەسىلەن:CT تەسۋىر كۆچۈرۈش ياكى MRI دوختۇرنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تاش ياكى باشقا نورمالسىزلىق بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى:
1. ئانتىبىئوتىك دورىلار بىلەن داۋالاش:ئەگەر باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان بولسا، دوختۇر ئانتىبىئوتىك دورىلار بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالىشى مۇمكىن.
2. زەمبۇرۇغقا قارشى دورىلار:ئەگەر زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان بولسا، دوختۇر زەمبۇرۇغقا قارشى دورىلار ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى داۋالىشى مۇمكىن.
3. ۋىرۇسقا قارشى دورىلار:ئەگەر ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان بولسا، دوختۇر ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى يېزىپ يۇقۇملىنىشنى داۋالىشى مۇمكىن.
4. دورا بىلەن داۋالاش:بەزى دورىلار دوۋساق مۇسكۇللىرىنى بوشىتىشقا ياكى سۈيدۈك جىددىيلىكىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.
5. ئوپېراتسىيە:بەزى ئەھۋاللاردا، ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تاشنى ئېلىۋېتىش، زىيانغا ئۇچرىغان سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى توقۇلمىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى داۋالاشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.