2024-يىلى مايدا، بىرازىلىيەدە يۈز بەرگەن بىر ئاز ئۇچرايدىغان ۋەقە پۈتۈن دۇنيا ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاق ئانىسىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بالىياتقۇ ئىچىدىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ھالقىسىنى (IUD) قولىدا چىڭ تۇتۇۋالغان ھالدا دۇنياغا كەلدى. بۇ بوۋاق ماتېئۇس گابرىئېلنىڭ بۇ سۈرىتى تېزلىكتە تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىنى ھەيران قالدۇردى. بۇ ۋەقە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمى %99 تىن ئاشىدىغان بۇ خىل ۋاسىتىنىڭمۇ بەزىدە ئۈنۈمسىز بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى كىشىلەرگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.
بوۋاقنىڭ 34 ياشلىق ئانىسى كۇئېيدى ئاراخو دې ئولىۋېيرا (Queidy Araujo de Oliveira) بۇ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ھالقىسىنى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى بىلگەندە قاتتىق ھەيران قالغان. ئۇ دەسلەپتە بۇنى مۇمكىن ئەمەس دەپ قاراپ، دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى قايتا-قايتا سۈرۈشتۈرگەن. دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بۇ ھالقىنى ئېلىۋېتىشنىڭ بالا چۈشۈپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇنى بالىياتقۇدا قالدۇرۇشنى قارار قىلغان. گەرچە كۇئېيدى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەزى ئەندىشىلەرگە ۋە ئازراق قاناش ئەھۋاللىرىغا يولۇققان بولسىمۇ، ئاخىرىدا ھامىلىدارلىق جەريانى ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ساغلام بىر ئوغۇل پەرزەنت كۈتۈۋالغان.
بىرازىلىيەنىڭ نېروپولىس شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا، ماتېئۇس ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلغاندا، ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمىگەن بىر كۆرۈنۈش يۈز بەردى. تۇغۇت جەريانىدا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ھالقىسىمۇ بوۋاق بىلەن بىللە چىقتى. تۇغۇتقا مەسئۇل بولغان ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى ۋىنىسىيۇس رودرىگېس بۇ ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرۈپ، ھالقىنى بوۋاقنىڭ قولىغا قويۇپ، بۇ «غەلىبە لوڭقىسى»نى تۇتۇۋالغان ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرىلىۋالغان. ماتېئۇس 7 قاداق 1 ئۇنسىيە (تەخمىنەن 3.2 كىلوگرام) ئېغىرلىقتا، ئىنتايىن ساغلام تۇغۇلغان.
بۇ ئائىلە بۇ كۈتۈلمىگەن «مۆجىزە»دىن ئىنتايىن خۇشال بولغان. دوختۇرلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىكەن، ئەمما بۇ ھېچقانداق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنىڭ %100 كاپالەتلىك ئەمەسلىكىنى ، ھىلىھەم ھەر تۈرلۈك ئايال تەرەپ ئىشلىتىدىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋاپلىرى ئاياللارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ۋەقە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇسۇللارنى توغرا تاللاشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.