ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىشتۇنجى تىتان قېتىشمىسىدىن ياسالغان يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلدى

تۇنجى تىتان قېتىشمىسىدىن ياسالغان يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلدى

2024 – يىلى 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى، ئامېرىكا تېكساس يۈرەك تەتقىقات ئورنى تۇنجى تىتان قېتىشمىسىدىن ياسالغان يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ باردى. بۇ خىل پۈتۈنلەي مېخانىكىلىق يۈرەكنى BiVACOR شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ ماگنىتلىق سۇسپېنزىيە تېخنىكىسى ( maglev ) قوللىنىلغان بولۇپ ، يۇقىرى سۈرەتلىك پويىز تېخنىكىسىغا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ قۇرۇلما تىتان مېتالدىن تۈزۈلگەن قوش كامېرلىق ئايلانما قان پومپىسى بولۇپ، پەقەت بىرلا ھەرىكەت بۆلىكى بار ئىكەن، ماگنىتلىق لەيلىمە روتور ئارقىلىق قاننى پومپا بىلەن يەتكۈزۈپ، زەئىپلەشكەن يۈرەكنىڭ ئىككى يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ئورنىنى باسالايدىكەن.

تۇنجى تىتان قېتىشمىسىدىن ياسالغان يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلدى

بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيە ئامېرىكا يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ( FDA ) نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان دەسلەپكى تەتقىقاتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى سۈنئىي يۈرەكنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى باھالاشنى مەقسەت قىلغان. ئوپېراتسىيە تېكساس يۈرەك تەتقىقات ئورنىدا ئېلىپ بېرىلغان، بۇ دۇنيادا تۇنجى قېتىم بۇ خىل قۇرۇلمىنىڭ ئادەم بەدىنىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆچۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلما مىنۇتىغا 12 لىتىر قاننى پومپا بىلەن يەتكۈزۈپ، قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا يەتكۈزىدىكەن ھەمدە بىر كىچىك تىپتىكى زەرەتلىگىلى بولىدىغان سىرتقى كونتروللىغۇچ ئارقىلىق ئايلىنىشنى ساقلايدىكەن.

BiVACOR نىڭ قۇرغۇچىسى ،قوشۇمچە باش تېخنىكا ئەمەلدارى دانىيېل تىمىس ( Daniel Timms ) ئوپېراتسىيەدىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:بۇ نەتىجە يۈرەك زەئىپلىشىشنى داۋالاش ساھەسىدىكى زور بۆسۈشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئىلغار ماگنېتلىق سۇسپېنزىيە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ خىل تىتان قېتىشمىلىق يۈرەك يۈرەك كۆچۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرغان ئاخىرقى مەزگىلدىكى يۈرەك زەئىپلىشىش بىمارلىرىنى ئۈمىدلەندۈرىدۇ. بۇ خىل يېڭى تېخنىكىنىڭ ھالقىلىق ئەۋزەللىكى مېخانىكىلىق ئۇپراشنىڭ ئېھتىماللىقىنى يوقىتىش ئارقىلىق قۇرۇلمىنىڭ چىدامچانلىقى ۋە ئىشەنچلىكلىكى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

گەرچە بۇ خىل تىتان قېتىشمىلىق يۈرەكنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى كۆچۈرۈش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلىق ھەل قىلىش لايىھەسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ لايىھەلىنىشىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كەلگۈسىدىكى يۈرەك سەپلىمە بۇيۇمىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ. باشقا ئەنئەنىۋىي سۈنئىي يۈرەك ئاسان ئۇپرايدىغان ئەۋرىشىم پولىمېر ئايرىش پەردىسى ئارقىلىق قاننى پومپىلاپ يەتكۈزۈشكە تايىنىدۇ، ئەمما BiVACOR قۇرۇلمىسىدىكى بوشلۇقتا لەيلەپ تۇرىدىغان يەككە بۆلەك ماگنىت كۈچى ئارقىلىق ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئۇزۇن ئىشلىتىلىش ئۆمرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئەمدى بۇ خىل تىتان قېتىشمىلىق يۈرەك ئىككى بىمارنىڭ بەدىنىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىلىنىكىلىق تەجرىبە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش شارائىتىدىكى ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكى باھالىنىدۇ. يۈرەك زەئىپلىشىش پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدىكى ئېغىر ساغلاملىق مەسىلىسى بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 26 مىليون ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىۋاتماقتا. ئەگەر BiVACOR تىتان قېتىشمىسىدىن ياسالغان يۈرەكنىڭ كىلىنىكىلىق تەجرىبىدە ئىپادىسى ياخشى بولسا، ئۇ يۈرەك كۆچۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرغان نەچچە مىڭلىغان بىمارنى ھاياتلىق يولى بىلەن كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ كۆچۈرۈشنى كۈتۈش قىيىن ئۆتكىلىدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

مەنبە:
New atlas

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-31 / 07:10:16

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ