جاھان ئۆزگىرىپ، ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ئوقۇش، خىزمەت قىلىش، ئەمەل تۇتۇش، سودا- سېتىق بىلەن شۇغۇلىنىش ھازىرقى جەمئيەتتە ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى بۇ ئاياللارنىڭ زىھنىي كۈچى ۋە فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتە ئەرلەردىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى
لېكىن، شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، ئەگەر بىز ئەرگە تېگىپ، ئۆي تۇتۇپ، بالىلىق بولۇشنى تاللىغان ئىكەنمىز، مۇشۇ مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى ئالدى بىلەن ياخشى ئادا قىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاندىن خىزمىتىمىزنى ئويلىشىمىز كېرەك. بولمىسا بەخىتلىك ئائىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش تەسكە چۈشىدۇ.
خىزمەتكە بېشىچىلاپ كېرىپ « خىزمەت تەلۋىسى» بولۇپ قالغان ئاياللارنىڭ نەزىرىدە پەقەت ۋەزىپە، باشلىق، تور، مائاشلا بولىدۇ، « كۆڭۈل ئېچىش تەلۋىسى» بولۇپ قالغان ئاياللارنىڭ نەزىرىدە پەقەت لاغايلاپ يۈرۈش، غىدىقلىنىش، مەنىسىزلىكلا بولىدۇ.
ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايال، قانداقلا ئىش بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىنەزەر قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدىغان مۇنداق زامانىۋى «راك» لارغا گىرىپتار بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
زامانىۋى ئاياللارنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن بىر ئازاپ؛
خىزمەت بولمىسا بولمايدۇ، پەقەت خىزمەتلا بولسا تېخىمۇ بولمايدۇ.
ئاياللار پۈتۈن كۈچىنى سەرىپ قىلىپ، مۇۋاپىقىيەتكە ئىنتىلسە بولىدۇ. بىراق شۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئاياللىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ ئەركەكلىشىش يولىغا مېڭىشى ھاجەتسىز.
– لۇئىس رومىس
ئاڭلا ئاچچىق مەسلىھەت بەرسە دوست كىشىنىڭ،
ئاخىر لەززەتلىك بولىدۇ ئىشىڭ.
– ناسىر خىسراۋ