ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

ئانا سەھىپەياشانغانلارياشانغانلار ساغلاملىقىياشانغانلار ئۇيقۇ سۈپىتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تېمپىراتۇرا: 24 سېلسىيە گرادۇس

ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

ياشانغانلار ئۇيقۇ سۈپىتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تېمپىراتۇرا: 24 سېلسىيە گرادۇس

ياشانغانلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى ياتاق تېمپېراتۇرىسى: 24 سېلسىيە گرادۇس

ئاۋسترالىيە گىرىففىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (Griffith University) ئەڭ يېڭى تەتقىقاتى شۇنى كۆرسەتتىكى، ياشانغانلار كېچىسى 24 سېلسىيە گرادۇسلۇق ياتاق مۇھىتىدا ئۇخلىغاندا، ئۇيقۇ جەريانىدىكى بېسىم رېئاكسىيەسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ بايقىلىش ياتاق تېمپېراتۇرىسىنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنىڭ كېچىلىك ئەسلىگە كېلىشىدىكى مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، چۈنكى بۇ ئامىل ئىلگىرى كىشىلەر تەرىپىدىن دائىم سەل قارىلىپ كەلگەن ئىدى.

ياشانغانلار ئۇيقۇ سۈپىتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تېمپىراتۇرا: 24 سېلسىيە گرادۇس

تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى ئاشكارىلىدىكى، ياتاق تېمپېراتۇرىسىنى 24 گرادۇس ئەتراپىدا تۇتۇش 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇدىكى بېسىمىنى ئازايتىشتىكى «ئالتۇن تېمپېراتۇرا» ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى يېقىندا داڭلىق تېببىي ژۇرنال «BMC تېبابىتى» (BMC Medicine) دە رەسمىي ئېلان قىلىندى.

تەتقىقاتقا گىرىففىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى فېرگۇس ئوكىننور (Fergus O’Connor) رەھبەرلىك قىلغان بولۇپ، ئۇلار يۇقىرى ياتاق تېمپېراتۇرىسىنىڭ ياشانغانلارنىڭ يۈرەك رېتىمى ۋە بېسىم سەۋىيەسىگە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلغان. دوكتور ئوكىننورنىڭ ئېيتىشىچە، ياتاق تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق تۇتۇش ياشانغانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر.

 

يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ يۈرەككە بولغان بېسىمى

دوكتور ئوكىننور يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ يۈرەك-قان تومۇر سىستېمىسىغا قوشۇمچە بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئادەم بەدىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا تۇرغاندا، بەدەننىڭ تەبىئىي فىزىئولوگىيەلىك رېئاكسىيەسى يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت. يۈرەك قاننى تېرىگە يەتكۈزۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچەپ ئىشلەيدۇ».

بۇ خىل كۈچەپ ئىشلەش جەريانى ئۇزاق داۋاملاشسا، بەدەندە بېسىم پەيدا قىلىپ، بەدەننىڭ ئالدىنقى كۈندىكى چارچاشتىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلارغا نىسبەتەن، بۇ خىل بېسىم ئۇزاق مۇددەت جۇغلانسا، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

 

تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە سانلىق مەلۇماتلار

تەتقىقات جەريانىدا، قاتناشقۇچىلار بىلىكىگە مەخسۇس ھەرىكەت خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسى تاقاپ، ئۇيقۇدىكى يۈرەك سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياتاقلارغا ئورنىتىلغان تېمپېراتۇرا سېنزورلىرى كېچىلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈزلۈكسىز كۆزەتكەن. بۇ تەتقىقات ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرسىتىپ بەرگەن تۇنجى ئىسپات ھېسابلىنىدۇ.

تەتقىقاتتىن چىقىرىلغان يەكۈنلەر تۆۋەندىكىچە:

  • ياشانغانلار ئۈچۈن كېچىلىك ياتاق تېمپېراتۇرىسى 24 سېلسىيە گرادۇس بولغاندا، يۈرەك ئەڭ راھەت ھالەتتە بولىدۇ.
  • تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەنسېرى يۈرەك رېتىمى تېزلىشىپ، بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشى قىيىنلىشىدۇ.
  • ياتاق تېمپېراتۇرىسى كېچىلىك ساغلاملىقنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل.

 

كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ساغلاملىققا تەھدىتى

دوكتور ئوكىننور كېلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كېچىلىك تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تومۇز ئىسسىق كېچىلەرنىڭ كۆپىيىشى يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ۋە ئۆلۈم نىسبىتىنى مۇستەقىل ھالدا ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە، كۈندۈزدىكى ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى ئۈچۈن 26 گرادۇسلۇق يېتەكچى ئۆلچەملەر بار، ئەمما كېچىلىك مۇھىت ئۈچۈن تېخى ئېنىق تەۋسىيە يوق ئىدى. بۇ يېڭى تەتقىقات بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ كېچىلىك ياشاش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىلمىي ئاساس يارىتىپ بەردى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-02-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-02-19 / 09:28:34

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ