يازدا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

0
1052
يازدا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

يازدا تېمېپراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا ، ۋىرۇسلارنىڭ كۆپىيىشى تېزلىشىپ ، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش كۆپ يۈز بېرىدۇ

باش قېيىش ، كۆڭۈل ئېلىشىش ، قىزىش ، ياندۇرۇش ، ئىچى سۈرۈش بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى. ئۇنداقتا بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟

گۆش سېتىۋالغاندا ، كارانتىن قىلىش تارمىقىنىڭ تامغىسىغا قاراش ، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغانلىرىنى سېتىۋالماسلىق كېرەك.

باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش ، يېمەكلىك سېتىۋالغاندىن كېيىن دەرھال توڭلاتقۇغا سېلىۋېتىش لازىم. پىششىق يېمەكلىكنى سوۋۇتقاندىن كېيىن سېلىش ، توڭلاپ بولغان يېمەكلىكتىن ئايرىپ قويۇش كېرەك . پىششىق .خام يېمەكلىكلەرنى ئايرىپ ساقلاش ، قىڭغىراق ، ئەمبەل قاتارلىقلارنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش ، ئامال بار ئاشخانىدا تاماق يېمەسلىك كېرەك.

بىخلىنىپ قالغان بەرەڭگە ، رەڭگى سارغايغان گۈلكەرەم ، ياۋا ئاخۇنباش قاتارلىق زەھەرلىك كۆكتاتلارنى يېمەسلىك ، ياخشى يېمەكلىك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ، ئوزۇقلۇقنى تەڭشەش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here