يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ رولى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ ئارخىپى

باشقىچە ئاتىلىشى: ۋىتامىن M، ۋىتامىنB9.

تۈرى: سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: يوپۇرماق كىسلاتاسى B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ بىرى، يېشىل يوپۇرماق تەركىبىدە مىقدارى ئىنتايىن مول بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام ئالغان. يوپۇرماق كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا قاتنىشىدۇ، ئادەم تېنىدىكى DNA نىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىگە زۆرۈر  لازىملىق ۋىتامىن بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈشىگە بولغان تەسىرى زور.

يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ رولى

ئاساسلىق رولى:

نورمال قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ نورمال توغۇشىغا پايدىلىق. تۆرەلمە ۋە ھامىلىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىنى تەڭشەپ، بەزى تۇغما كەمتۈكلۈكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نېرۋا سىستېمىسى، ئۈچەي، جىنسىي ئازا، ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ نورمال يېتىلىشىنى قوغدايدۇ. تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنىڭ جاراھەتلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پانتوتېنىك كىسلاتا ۋە پارا-ئامىنوبېنزوئىك كىسلاتا بىلەن بىللە رول ئوينىسا، چاچ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى:قارشىلىق كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. يامان خاراكتېرلىك قان ئازلىق (زور قىزىل قان ھۈجەيرىلك قان ئازلىق) نى پەيدا قىلىدۇ. بوۋاقلارنىڭ نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ۋە ئۆسۈشى ياخشى بولماي، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا، كەيپىياتى تۆۋەن، خامۇش، تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ ياكى ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سانى ئازىيىپ كېتىدۇ، ئاياللار ئاسانلا بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى: ھامىلىدار ئاياللار-يوپۇرماق كىسلاتاسى ھامىلىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە نىسپەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا تېخىمۇ شۇنداق. يەنە بىر تەرەپتىن، تېز ئۆسۈۋاتقان ھامىلىنىڭ ئانا تېنىدىكى كىسلاتاسىنى خورىتىپ تۈگىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۈندە 600 مىكروگرام يوپۇرماق كىسلاتاسى ئىستېمال قىلىپ، ھامىلىنىڭ ياخشى يېتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلار: ئىسپىرت ئادەمنىڭ جىگىرىدە ساقلىنىپ تۇرغان يوپۇرماق كىسلاتاسىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاسانلا ئادەم تېنىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى يېتىشمەي، قان ئازلىق، ئوزۇقلۇقلارنى شۈمۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاشنى كۈچەيتىشى لازىم.

ياشانغانلار: ياشانغانلاردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا يېمەك-ئىچمەك ئەھۋالى ياخشى بولماسلىق ياكى قوبۇل قىلىشى ناچارلىشىش خاھىشى بولىدۇ، شۇڭا ئاسانلا يوپۇرماق كىسلاتاسى يېتىشمەي، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سەكتە، بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق، شۇنىڭدەك كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. ياشانغانلار مېۋە-چىۋىنى كۆپ يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى ھەمدە كۆكتات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى لازىم.

تاماك چېكىدىغانلار: خىزمەت بېسىمى ئېغىر ياكى تېنىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرالايدىغان ۋىتامىن C، ۋىتامىن E قاتارلىقلار كەمچىل كىشىلەر. بالدۇر تۇغۇلغان بالىلار.

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچكەندە ئادەم بەدىنىنىڭ يوپۇرماق كىسلاتاسىنى شۈمۈرۈشىنى ئازايتىۋېتىدۇ، يەنە بەزىدە بالىياتقۇ بوينى ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.

قان ئازلىققا گىرىپتار بولغانلار. دائىم بېلىق، گۆش ئىستېمال قىلىدىغانلار.

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى: كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كىشىلەر قوبۇل قىلىدىغان يوپۇرماق كىسلاتاسى ئاساسلىقى يېگەن يېمەكلىكلەردىن كېلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيىلەرمۇ ئاز مىقداردىكى يوپۇرماق كىسلاتاسىنى بىرىكتۈرىدۇ. يوپۇرماق كىسلاتاسى ھەرخىل يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت، بولۇپمۇ ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەر (جۈملىدىن ئۇلاردىن ئىشلەنگەنلىرى)، يېشىل يوپۇرماق كۆكتاتلار، ئاشلىق زىرائەتلىرى، مېۋە-چېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئۇ ئىنتايىن مول.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى: نۆۋەتتە يېمەكلىكلەردىن كەلگەن يوپۇرماق كىسلاتاسىنى زىيادە ككپ ئىستېمال قىلغاندا قانداق ناچار ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى بايقالمىغانلىقتىن، يوپۇرماق كىسلاتاسىنى ئىستېمال قىلىش مىقدارى دېيىلگەندە پەقەت يوپۇرماق كىسلاتاسىنى تولۇقلاش ياسالمىلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئادەتتە، كۈنىگە 0.4 مىللىگرام يوپۇرماق كىسلاتاسىنى تولۇقلاش ياسالمىسى ئىستېمال قىلغاندا ھەرقانداق زەھەرلەش تەسىرى كۆرۈلمەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، چوڭلار، ھامىلىدار ئاياللار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار تەۋسىيە قىلىنغان ئىستتېمال قىلىش مىقدارى دائىرىدىسە ئىستېمال قىلسا، ھېچقانداق قوشۇمچە تەسىرى بولمايدۇ.

بۆرەك ئىقتىدارى نورمال كىشىلەر يوپۇرماق كىسلاتاسىنى تولۇقلاش ياسالمىلىرىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، بەزىدە تېرىسىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىش رېئاكسىيىسى (مەسىلەن، تېرىسىنىڭ قىسمەن ئورۇنلىرى قىزىرىش، قىچىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى ئازايتقان ياكى ئىستېمال قىلىشنى بىر ھەپتە توختاتقاندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

بەدەندە يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ سەۋىيىسى زىيادە يۇقىرى ياكى زىيادە تۆۋەن بولسا، ئوخشاشلا ھامىلىنىڭ نېرۋا كانىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك.

يوپۇرماق كىسلاتاسى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئادەتتە ئاسانلىقچە يېتىشمەسلىك كۆرۈلمەيدۇ، كۆكتاتلارنى قورۇش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولسا، يوپۇرماق كىسلاتاسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.

يوپۇرماق كىسلاتاسى سۇدا ئېرىيدۇ، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، ھاۋاغا سەزگۈر،كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى يوپۇرماق كىسلاتاسى كۆكتاتلارنى ساقلاش ۋە قورۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بارا-بارا يوقىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يوپۇرماق كىسلاتاسىغا ئېرىشمەكچى بولساق، كۆكتاتلارنى يېڭى چېغىدا ئىشلىتىشىمىز ھەمدە قورۇش-پىشۇرۇش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشىمىز لازىم.

ئىسپىرت يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ ئەڭ چوڭ قاتىلى، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ يوپۇرماق كىسلاتاسىنى شۈمۈرۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ھەمدە يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ