ئانا سەھىپەساغلاملىقھاراق-تاماكا10 باسقۇچلۇق تاماكا تاشلاش ئۇسۇلى

10 باسقۇچلۇق تاماكا تاشلاش ئۇسۇلى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تاماكا چىكىش بەدەنگە زىيانلىق ، بۇ ھەممە كىشىلەرگە ئېنىق بولغان بىر ئۇقۇم تاماكا تاشلاشتا كىشىلەر كۆپ خىل ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ ئىشلىتىپ باققان ھەم كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن تۆۋەندىكى 10 باسقۇچ بۇرۇنقى كىشىلەر يەكۈنلەپ چىققان ئۇسۇللار ، ئىشلىتىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

1 . پايدىلىق تاماكا تاشلاش ئۇسۇلنى ھازىرلاڭ .
تاماكا ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىش ( تاماكا ، كۈلدان ، چاقماق قاتارلىقلار ) ئالدىنئالا دوسلىرىڭىزغا ۋە ئىشداشلىرىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ تاماكا تاشلىغانلىقىڭىزنى ئۇقتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىن سىزنى يېقىندىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ .

2 . ھەمراھتىن بىرنى تېپىڭ .

ناۋادا يېنىڭىزدا تاماكا تاشلىشىڭىزنى قوللايدىغان بىر توپ ئادەم ياكى بىرەر تەشكىلات بولسا ، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىڭ ، بىراق بۇ ئەمەلىيەتكە ئانچە ئويغۇن كەلمەيدۇ . شۇڭا سىز تاماكا تاشلاش جەريانىدا يېنىڭىزدىن ئايرىلمايدىغان ، ھەر دائىم سىزگە مەدەت بېرىپ تۇرىدىغان ، مەنىۋى جەھەتتىن سىزنى ھەقىقى قوللايدىغان ئادەمدىن بىرنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلىڭ . شۇنداق بولغاندا تاماكا تاشلاش جەريانىدا ئۆزىڭىزنى غېرىپ ھىس قىلمايسىز ھەم بىلىپ – بىلمەيلا تاماكىنى تاشلىۋېتىسىز .

3 . ۋىتامىنC نى ئۆزلەشتۈرۈڭ .

تاماكا تاشلىغان بىرىنچى ھەپتىنىڭ ئالدى – كەينىدە ، بەدەننىڭ يېتەرلىك ۋىتامىن C نى ئۆزلەشتۈرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، يېڭى مېۋە – چېۋە ياكى مېۋە شەربىتىنى كۆپ ئىستىمال قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم .

4 . چېنىقىڭ .

تاماكا تاشلاش جەريانىدا ، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن مۇھىم . تاماكا تاشلاپ بىرىنچى ھەپتىسى ئەڭ ياخشىسى ھەركەت مىقتارىنى ئاشۇرۇڭ . شۇنى يادىڭىزدا تۇتۇڭكى ، ھەرگىز ئەتىگەندىن كەچكىچە تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا ئولتۇردىغان بەت قىلىقنى ئۆزىڭىزگە يۇقتۇرۋالماڭ .

5 . بىر مەزگىل قەھۋەگە يېقىنى يولىماڭ .

بۇ گەپنىڭ سىزگە يېقىش ناتايىن . مەن ئەسلى بۇ گەپنى سىزگە دېمەي دېگەن ئىدىم ، بىراق ، سىز تاماكا تاشلايدىغان دەسلەپكى چاغلاردا قەھۋە ئىچىشنى توختاتسىڭىز ، سىزگە ھەقىقەتەن پايدىسى تېگىدۇ . بىزگە مەلۈم ، تاماكا چېكىدىغانلار كوففېئىننى بىر قەدەر تېز ئۆزلەشتۈرىدۇ ، ۋاھالەنكى ، تاماكا تاشلىغاندا كوففېئىننى ئۆزلەشتۈرۈش سۆرىتى نورىمال سەۋيىگە كېلىدۇ .كوففېئىنن تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تېنىدە بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىنىپ قالغاچقا ، ئادەمنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماكا تاشلىغان مەزگىلدە بۇنداق بىئاراملىق تېخىمۇ يامان . شۇڭا ، تاماكا تاشلىغان چاغدا ئىمكان بار قەھۋە ئىچمەك .

6 . نىكڭرېتتې ( Nicorette ) يۇمشاق كەمپۈتى ۋە تاماكا تاشلاش مەلھىمى ( Skin Patch ) نى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ .

تېببىي پەن ماتىرياللىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان چوڭقۇر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشچە ،ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلاش ئۇسۇلى – دوختۇر ، پىسىخولوگ ياكى باشقا مۇتەخەسسلەردىن بۇ ھەقتە پات – پات تەلىم ئېلىپ تۇرۇش ، سۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نىكورېتتې يۇمشاق كەمپۈتى ، نىكتېن سېغىزى ياكى تېرىنى مايلايدىغان تاماكا تاشلاش مەلھىمى قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىش ئىكەن .

نىكڭرېتتې يۇمشاق كەمپۈتىنى يەپ ئادەتلىنىش ئۈچۈن مەلۇم جەريان كېرەك . بۇ خىل كەمپۈتنىڭ غەيرى پۇرىقى بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چايناش ئۇسۇلى ئالاھىدە بولغاچقا ، بۇنىڭغا كۈنۈش سەل تەسرەك . ئەمما ياخشى يېرى بۇ خىل كەمپۈتنى يېسىڭىز ، تاماكىنى ئاغزىڭىزغا ئالغۇڭىز كەلمەيدۇ .

نېكوتىن سېغىزى ھازىرغا قەدەر تاماكا تاشلاشتا ئۈنۈملۈك رولغا ئىگە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلانغان بىر دىنبىر دورا .

1991 – يىلى تېرىگە سۈركەيدىغان نىكوتىن مەلھىمى نىكودېرم ( Nicoderm ) ، خابىترول ( Habitrol ) ۋە پروستېر ( Prostep ) قاتارلىقلار دۇنياغا كەلدى . بۇ دورىلارمۇ تاماكا تاشلاشتا ئۈنۈملۈك رولغا ئىگە .

7 . ئېتىقادىڭىزنى چىڭىتىڭ .

ئەتىگەنلىك غىزا ياكى چۈشلۈك غىزانىڭ ئالدىدا ، جىمجىت ، خالى جايدىن بىرنى تېپىپ ، ئەركىن – ئازادە 15 مىنىۇت ئولتۇرۋېلىڭ ھەم كۆزلىرىڭىزنى يۇمۇپ ، تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى قىلىڭ .

1) << مەن ئىس - تۈتەكسىز دۇنيادا ياشاشنى ھەم ياشلىقىمنىڭ مەڭگۈ جەۋلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن >> دېگەن ئىرادىڭىزنى ئىچىڭىزدە بىر نەچچە قېتىم قايتىلاڭ .

2) ئۆزىڭىزنى جەڭگىۋار ، چىرايىڭىزدىن نۇر يېغىپ تۇرغان ، ساغلام ، خوشال ، بەخىتلىك ھالىتىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ .

3) كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان خىياللار كېلىپ قالسا ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلىماڭ ، ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ھەم ئېتقاد ۋە ئىرادىڭىزنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ئەگىشىپ ، ئۇنداق خىياللار تەبىئىي ھالدا كاللىڭىزدىن چىقىپ كېتىدۇ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، تاماكا چېكىش ئادىتىڭىزنى يوقاتقۇچە ، ئىرادىڭىزنى ھەرگىزمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماڭ .

8 . << تاماك خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتكەن چاغدىكى ئازاب >> قا چىداڭ .

<< ئورۇقلاش مەۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئاچلىق ئازابى >> دېگەن گەپنى ئاڭلىغانمۇ ؟ ئۇنىڭ مەنىسى ئاچلىق ئازابى يەنىلا ئورۇق ئادەم بولۇشنىڭ بەلگىسى دېگەنلىكتۈر . ئۇنداقتا ، سىز تاماكا خۇمارى پەيدا قىلغان ئازابنى بېشىڭىزدىن كەچۈرۈپ بېقىڭ !!! تاماكا خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتكەن چاغدىكى تىت – تىتلىق ۋە بىئاراملىقنى تاماكا تاشلاشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقنىڭ بەلگىسى ھەم تاماكا چېكىش ئادىتىڭىزنى يەڭگىللىتىشنىڭ يالدامىسى قىلىڭ . بۇ خىل ئۇسۇل << ئاچلىق ئازابى >> غا قارىغاندا تېخىمۇ رىقابەتچىلىككە ئىگە . خالىسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ ؟؟ ئۈنۈم بېرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

9 . تاماكا خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتكەندە .

تاماكا خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتكەندە ، تالا – تۈزىگە چىقىپ بىردەم ئايلىنىپ كېلىڭ ياكى چوڭقۇر نەپەس ئېلىشنى مەشىق قىلىڭ . مۇمكىن بولسا ئارقىدىن بىر ئىستاكان سوغوق سۇ ئىچىۋېتىڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، تاماكا تاشلاپ دەسلەپكى 3 كۈن ئىچىدە ئىنتاينى بىئارام بولىسىز ، كېيىنچە بارا – بارا ياخشى بولۇپ كېتىسىز .

10 . تاماكا چەكمەيدىغان ئادەم بولۇڭ .

سىز تاماكا تاشلاشقا ئىردە باغلىغان ۋە ئۇنى ئەمەليىتىڭىزدە كۆرسۈتۈشكە باشلىغان ھامان ، تاماكا چەكمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىسىز . شۇڭا ، رېستورانلاردا تاماق يېگەن ياكى قاتناشتا …….سىرتلارغا چىققاندا ، ئىسسىز رايۇنلاردا بولۇڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇكى ، سىز ھازىردىن باشلاپ ساغلام ئادەملەر قاتارىغا كىردىڭىز .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-07-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:32:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ