چوڭ مېڭىنى ئاسراش ئۇسۇللىرىنى بىلەمسىز؟
مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئەنگىلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە ، ھەر كۈنى بىر دانە ئالما ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ياشانغاندا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەن بولىدىكەن.
شۇڭا، ئالما، ياڭاق قاتارلىق چوڭ مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلىش كېرەك.
مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئىشلەش ھەرىكەت كۈچىنىشى ئانچە يۇقىرى بولمىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرى، مەسىلەن، دائىم ئاستا يۈگرەش، پىيادە مېڭىش چوڭ مېڭىگە پايدىلىق.
باش قىسمىنى يېنىك ئۇۋۇلاش ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى باشنى بەلگىلىك ۋاقىت يېنىك ئۇۋۇلاپ بەرسە، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. چوڭقۇر نەپەسلىنىش چوڭقۇر نەپەسلىنىش مېڭىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.
شۇڭا، ھەر كۈنى مۇۋاپىق چوڭقۇر نەپەسلىنىش ھەرىكىتى ئىشلەش كېرەك. مۇۋاپىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش مۇزىكا ئاڭلاش، شاھمات ئويناش، قارت ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن مۇۋاپىق شۇغۇللانسا، چوڭ مېڭىگە پايدىلىق.
تۇرمۇش رېتىملىق بولۇش تۇرمۇش رېتىملىق بولسا، چوڭ مېڭە ساغلام بولىدۇ. شۇڭا، ئىلمىي تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، تۇرمۇش رېتىملىق بولۇش، يېتەرلىك ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.