ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىھامىلدار ئاياللار ساماۋەر شورپىسى ئىچسە بولمايدۇ

ھامىلدار ئاياللار ساماۋەر شورپىسى ئىچسە بولمايدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ساماۋەر شورپىسىنىڭ خام ماتىرىيالى قوي ،كالا ،ئۆچكە گۆشى قاتارلىقلار بولۇپ ،بۇ گۆشلەردە قۇرت لىچىنكىلىرى ھەمدە چارۋا ياكى ئۆي قۇشلىرىنىڭ پارازىت قۇرتلىرى بولۇشى مۇمكىن بۇ قۇرتلار ناھايىتى كىچىك بولۇپ ،ئۇ چارۋا – مال ،ئۆي قۇشلىرىنىڭ ھۈجەيرىلىرىدە ياشايدۇ. بۇلار ھايۋانلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزمىسىمۇ ، ئەمما ئادەملەرنىڭ بولۇپمۇ ھامىلىلەرنىڭ ئاشقازان ئۈچەي يولى ئاجىزراق بولىدۇ.

كىشىلەر ساماۋەر شورپىسىنى ئىچكەندە يېڭى گۆشنى شورپىغا سېلىپ قىزىتىپلا يېيىشكە ئادەتلەنگەن .بۇنداق قىسقا ۋاقىتتا پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرىنى ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ –دە ،قۇرتلار ئۈچەيگە ،ئاندىن ئۈچەي دىۋارى ئارقىلىق قانغا ،ھەتتا پۈتۈن بەدەنگە تارايدۇ .

ھامىلدار ئاياللار پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرى بىلەن يۇقۇملانسا ،كۆپىنچە ئېنىق سېزىم بولمايدۇ ياكى زۇكام ئالامەتلىرىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .ئەمما قۇت لىچىنكىلىرى بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ ،ئېغىر بولغاندا ھامىلە چۈشۈپ كېتىش ،ئۆلۈپ قېلىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ ،ياكى ھامىلە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ،بالىنىڭ بېشى يوغان ياكى كىچىك بولۇش ،مېڭىسى يوق بولۇش قاتارلىق غەيرىلىكلەر كۆرۈلىدۇ .

شۇڭلاشقا مۇتەخەسسىسلەر بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى سالامەتلىكى ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللارنىڭ ساماۋەر شورپىسى ئىچمەسلىكنى ،گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى تولۇق پىشۇرۇپ ،ئاندىن ئىستىمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ .

ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 07:13:06

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ