ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىھامىلدارلار دىققەت قىلىدىغان تەرەپلەر

ھامىلدارلار دىققەت قىلىدىغان تەرەپلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بىرىنچى، ھامىلدارلار ئادەم كۆپ توپلاشقان جايلارغا بارماسلىقى كېرەك،چۈنكى بۇنداق جايلارنىڭ ھاۋاسى بۇلغانغان بولۇپ،ھامىلىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يېتىدىكەن،ھامىلدارلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاچقا،ئاسانلا يۇقۇملىنىدىكەن.سىرتقا چىققاندا،ماسكا تاقاپ،ئۆيگە كەلگەندە قولىنى سوپۇن ياكى تەركىبىدە %70-%80 لىك ئىسپىرت بولغان قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن پاكىز يۇيۇشى كېرەك.

ئىككىنچى،تەركىبىدە ۋىتامىن cمول بولغان مېۋە-چېۋە،كۆكتاتلار ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك،يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك.مەسىلەن،ئورۇق گۆش،قۇش تۇخۇمى قاتارلىقلار،شۇنداقلا قايناق سۇنى كۆپ ئىچىشمۇ ئورگانىزىملارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،كېسەللىك ۋىروسلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە قىلغان ھۇجۇمىنى توسۇيدىغان ياخشى چارە ئىكەن.

ئۈچىنچى،تۇرمۇشى تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك،ھەددىدىن زىيادە چارچىماسلىقى كېرەك،كۈندە 10سائەت ئەتراپىدا ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك،تۇزلۇق سۇدا ئېغىزىنى پات-پات چايقاپ تۇرۇش،قولنى كۆپ يۇيۇپ تۇرۇش،ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ،تازىلىقىنى ياخشىلاپ،ئۆيىگە ئەڭ ياخشىسى دېزىنفېكسىيىلەش سۇيۇقلۇقى چېچىپ،پاكىز تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

تۆتىنچى،بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ،چېنىقىشنى ئادەم ئاز جايلاردا داۋاملاشتۇرۇش،ئاپتاپقا كۆپ قاقلىنىپ،ئورگانىزىملارنىڭ كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ھامىلدارلار ھازىر ۋاكسىنا ئەملەش ئبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەن.بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب،ھازىر ھامىلدارلارغا ۋاكسىنا ئەملەشتىكى كلىنىكىلىق تەجرىبە ماتېرىيالى كەمچىل بولغاچقا،ھامىلدارلارغا ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلمەسلىكىگە بىر نېمە دېمەك تەس ئىكەن.

بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارغا ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن،ۋاكسىنىنىڭ ئانا سۈتىگە كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقىغا ئالاقىدار تەتقىقات سانلىق مەلۇمات ھازىرچە يوق،پايدا-زىياننى تۇلۇق دەڭسىگەندىن كېيىن ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلىش كېرەك.

ھامىلدارلار ھامىلىگە زىيان يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،ئادەتتە دورا ئىستېمال قىلغاندا،ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ.ئەگەر ھامىلدارلاردا Aتىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە،دورا بىلەن داۋالىنىش كېرەك. بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىسى زىيىنىدىن كۆپ. Aتىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدارلاردا ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش ۋە بويىدىن ئاجراپ كېتىش خەتىرىمۇ بەلگىلىك يۇقىرى بولىدىكەن.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 07:10:21

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ