ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقكولا بىلەن تەييار چۆپتىن قايسىسىنىڭ ئەلپازى بەكرەك يامان

كولا بىلەن تەييار چۆپتىن قايسىسىنىڭ ئەلپازى بەكرەك يامان

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئادەتتە تەييار چۆپ بىلەن كولا ئىككىلىسىنى ئىستىمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز. ئەمدى ئىككىسىنىڭ ئىچىدە قايسىسى بەكرەك ئەلپازى يامانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قىسقا ماقالىدە بولسۇن.

كولا بىلەن تەييار چۆپتىن قايسىسىنىڭ ئەلپازى بەكرەك يامان؟
كولا بىلەن تەييار چۆپتىن قايسىسىنىڭ ئەلپازى بەكرەك يامان؟

ئوزۇقشۇناسلار كولا ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

  1. بىرىنچىدىن، كولانىڭ قەنت مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. بىر دانە چاقماق قەنتنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 4.5 گىرام كېلىدۇ. مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا 500 مىللىلىتىرلىق بىر بوتۇلكا كولادا تەخمىنەن 12 دانە چاقماق قەنت، يەنى 54 گىرام قەنت بولىدۇ. دېمەك، كولا ئىچكەندە بەدەن قوبۇل قىلىدىغان قەنت مىدارى ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، مېتابولىزم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ خەۋپى، بولۇپمۇ سېمىزلىك ۋە قەنت مېتابولىزم نورمالسىزلىقى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇلاردىن باشقا قان قويۇقلىشىش، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، قان تومۇر كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بىرەر بوتۇلكا كولانى قىسقا ۋاقىت (ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت) ئىچىدە ئىچىۋەتكەندە، قان قەنتى جىددىي ئۆرلەپ ئاشقازان ئاستى بېزىنى غىدىقلاپ، كۆپ مىقداردا ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ناھايىتى ئاسانلا ئىنسۇلىنغا قارىتا قارشىلىق پەيدا بولىدۇ، ھەتتا قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
  2. ​    ئىككىنچىدىن، كولا بىر خىل كاربونات كىسلاتا ئىچىملىكى بولۇپ، ئۇنى ئىچكەندە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ئېچىتىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، كىسلاتالىق ماددىلار باكتېرىيە توپلانمىسى ھاسىل قىلىپ، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، كاربونات كىسلاتا ئىچىملىكىنىڭ pH قىممىتى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا چىشنى مىنېرالسىزلاشتۇرۇپ، چىش چىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كىچىك بالىلار ۋە ياش – ئۆسمۈرلەر ئەڭ ياخشىسى كولانى ئىچمەسلىكى كېرەك.
  3.     تەييار چۆپ تەركىبىدە ماي ۋە ناترىي مول بولۇپ، ۋىتامىن ۋە ئاقسىللار كەمچىل بولىدۇ. بۇ خىل ماي بىلەن ناترىي يۇقىرى، ۋىتامىن ۋە ئاقسىل كەمچىل يېمەكلىكلەردە ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر ئاسانلا سېمىزلىك، قاندا ياغ كۆپىيىپ كېتىش ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سېمىزلىك ۋە قاندا ياغ كۆپ بولۇش بەدەندە ئىنسۇلىنغا تاقابىلچانلىق ۋە يۇقىرى قان قەنتى پەيدا قىلىدىكەن.
  4.     يۇقىرى ناترىيلىق يېمەك – ئىچمەكلەر ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمى پەيدا قىلىدۇ. بەزى دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە يۇقىرى قان بېسىمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ناترىينىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 2000 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن، ئەمما بىر قاچا دۈملەپ پىشۇرۇلغان كالا گۆشى تەييار چۆپىدىكى ناترىينىڭ مىقدارى 2089.5 مىللىگىرامغا يېتىدىكەن. ئەگەر تەييار چۆپ بىلەن قېزا ۋە تۇزلۇق كۆكتاتلارنى بىللە يېگەندە ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك بولىدىكەن. ئەگەر بۇ خىل ئىستېمال ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا يۇقىرى قان بېسىمدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىكەن.
  5.     تۆۋەن ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ كىچىك بالىلار ۋە ياش – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تېخىمۇ زىيانلىق. ئەگەر بالىلار ھەر كۈنى تەييار چۆپنى تاماق ئورنىدا يېگەندە، بەدەندە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يېتىلىشى نورمالسىز بولۇپ قالىدۇ.

    ئۇنداقتا، كولا بىلەن تەييار چۆپتىن قايسىسىنىڭ ئەلپازى بەكرەك يامان؟

تەييار چۆپلەر ئادەتتە تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئۈچ ۋاقلىق تاماقتىن سىرت ئىستېمال قىلىدىغان ئەھۋال ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ. ئەمما كولا تەييار چۆپكە قارىغاندا كۆپرەك ئىستېمال قىلىنىدۇ، كۈنىگە بىرنەچچە بوتۇلكا كولا ئىچىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ، نەتىجىدە قەنتنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىگە چۈشۈرىدىغان بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كولانىڭ زىيىنى تەييار چۆپتىن ئېشىپ كېتىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 04:22:36

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ