ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىدىيابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالىدىغان 10 خىل ئادەم

دىيابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالىدىغان 10 خىل ئادەم

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

دىيابېت كېسىلى بىر خىل سوزۇلما، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ئىچكى ئاجرالما مېتابولىزم كېسىلى بولۇپ ، ئاساسلىقى ئىچكى ئورگانىزىمدىكى ئىنسۇلىننىڭ مۇتلەق ياكى نىسبىي ھالدا يېتىشمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قەنت، ياغ، ئاقسىلنىڭ مېتابولىزملىشىشىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك

ئالاھىدىلىكلىرى قان شېكىرىنىڭ بەك يۇقىرىلاپ كېتىشى ھەم قەنت سىيىشتە ئىپادىلىنىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، قان شېكىرى بەك يۇقىرىلاپ كەتكەندە ‹‹ ئۈچ كۆپ، بىر ئاز ›› يەنى كۆپ سىيىش، كۆپ ئۇسساش، كۆپ يېيىش شۇنداقلا بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ كېتىش، بۇنىدىن باشقا يەنە ھارغىنلىق، ماغدۇرسىزلىنىش، روھسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، ئېغىر بولغاندا مىس كېسىلى كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تېببىي خادىملار كلىنىكىدا كۆزىتىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى 10 خىل ئادەمنىڭ دىيابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بايقىغان:

1. بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ كەتسىمۇ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، ئەمما ئىشتىھاسى نورمال ئادەملەر . بولۇپمۇ ئىلگىرى تېنى سېمىز بولۇپ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ ماغدۇرسىز بولۇپ قالغانلار .

2.ئالاھىدە چوڭ ( 7400 گىرامدىن ئارتۇق ) بوۋاق يەڭگىگەن ئاياللار .

3. ھامىلدارلىق ئەگەشمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار. مەسىلەن، كۆپ قېتىم بويىدىن ئاجراش ، ھامىلدار مەزگىلىدە زەھەرلىنىش، ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قېلىش، ئۆلۈك بالا تۇغۇش قاتارلىقلار .

4. يېشى 40 تىن ئاشقانلار .

5. پۇت- قولىغا جاراھەت چىقىپ ئۇزۇن مەزگىلگىچە ساقايمىغانلار .

6. ئۇرۇق- ئەۋلادىدا 30 ياشتىن ئاشقاندا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق تارىخى بارلار .

7. سېمىرىپ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن بولۇپمۇ قورساق سېلىپ كەتكەنلەر .

8. يۇقىرى قان بېسىپ ، قاندىكى ماي تەركىبى ئارتىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلار .

9. رېئاكسىيىلىك قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كەتكەنلەر .

10. چات ئارىلىقى قىچىشىش ، كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلاپ كېتىش ، تېرىسى تەكرار ياللۇغلىنىش ، ئىككى پۇتى ئاغرىيدىغان ياكى غەيرىلىك ھېس قىلىسىمۇ ئەمما سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلار .

تېببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، يۇقىرىقى 10 خىل ئادەم ناھايىتى ئاسانلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن، شۇڭا بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇپ شەكىللىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-07-24

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:36:47

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ