1-تىپلىق دىئابېتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەر قايسىلار
1-تىپلىق دىئابېتنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. ئادەتتە مۇھىت ئامىلى ۋە ئېرسىيەت ئامىلىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئورتاق تەسىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايمىز. ئېرسىيەت ئامىلى بولسا ئىچكى سەۋەپ: بۇ كېسەلنىڭ ئاساسى، مۇھىت ئامىلى تاشقى سەۋەب، بۇ كېسەل پەيدا بولۇشنىڭ شارائىتى. تاشقى ئامىل ئىچكى ئامىل ئارقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
1-تىپلىق دىئابېتنىڭ ئېرسىيەتچانلىقى كىشىلەرنىڭ ئاق قان ھۈجەيرە ئانتىتېلاسىغا مۇناسىۋەتلىك. پەقەت بىر قىسىم ئاق قان ھۈجەيرە ئانتىتېلاسى بار كىشىلەرنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ئاسانلا ۋىرۇس ۋە زەھەرلىك ماددىلار تەرىپىدىن زەخمىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئاشقازان ئاستى بېزى B ھۈجەيرىسى ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك توسالغۇغا ئۇچراش تۈپەيلىدىن ئاخىرىدا دىئابېتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇھىت ئامىلى: تۈرلۈك مۇھىت ئامىللىرىنىڭ ھەممىسى دىئابېت كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
1-تىپلىق دىئابېتقا قارىتا ئېيتقاندا، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ۋە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ تەسىر قىلىشى ئاساسلىق سەۋەب بولىدۇ.