تورداشدىن سوئال
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشىمۇسىز دوختۇر. 5 ئايلىق بوۋىقىمغا بۈگۈن تولۇقلىما ۋاكسىنا قىلىپ ئىككىنجى ئاينىڭ ۋاكسىنىلىرىنى ئەملىگەن ئىدى، ئىككى پاچىقىغا ۋە بىر بېلىكىگە ۋاكسىنا ئەملىدى. ھازىر بەك خۇيسىز، يىغلاپلا تۇرىدۇ، ھەم قىززىپ قالدى. قانداق قىلىشىم كېرەك؟
نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ياخشىمۇسىز. بەزى بوۋاقلارغا ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن بىر ئىككى كۈن ئىچىدە قىززىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بىزگە مۇھىم بولغىىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلار:
- بەدەندە قىزىرىش، ئىششىش بارم
- ۇ؟قىزىتمىسى 38 دىن ئېشىپ كەتتىمۇ؟
- ئۆيدە قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسى بارمۇ؟
- بوۋاقتا باشقا ئالامەتلەر بارمۇ؟
ئەگەر قىزىش ئەھۋالى كەچتە كۆرۈلسە، قىزىتمىسى 38 ئەتراپىدا ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا، باشقا قوشۇمچە ئالامەتلەر بولمىسا (مەسىلەن قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، تېرىدە ئىششىش، كۆكىرىش، ۋاكسىنا ئەملىگەن قىسىمدا قىزىرىپ يىرىڭ ئېقىش، نەپەستە قىيلىنىش، ئېغىر يۆتىلىش، چوڭ كىچىك تەرەت قىلالماسلىق..) ، بۇ ئاخشام تەبىئىي ئۇسۇللار بىلەن، قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسى بىلەن قىزىتمىنى چۈشۈرۈڭ. تەبىئىي قىزىتما چۈشۈرۈش ئۇسۇللىرى:
- كۆپ ئەمدۈرۈپ بېرىڭ.
- نەم لۆڭگە بىلەن پىشانە، بويۇن، قۇلاق ئارقىسى، بويۇن، جەينەك ئىچى، تىز ئارقىسى، پۇت ئاستى … قاتارلىق قىىسىملارنى سۈرتۈپ بېرىڭ.
- ئەكىس تەسىرى يوق قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسىنى ئىچۈرۈڭ.
- چوڭ كىچىك تەرەتلىرىنىڭ رەڭگىنى ، مىقتارىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ.
تەبىئىي قىزىتما چۈشۈرۈش ئۇسۇللار، دورا بىلەن قىزىتمىسىنى كونترول قىلالمىسىڭىز، 38دىن ئېشىپ كەتسە، ياكى يۇقارىدا ئېيتقان قوشۇمچە ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بوۋاقنى كېچىدە بولسىمۇ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىپ دوختۇرغا كۆرسىتىڭ. ئەگەر قىزىتمىسىنى 38 ياكى 38دىن تۆۋەندە كونترول قىلالىسىڭىز، ئەتە ۋاكسىنا ئەملىگەن ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى دوختۇر ياكى سىستېرا بىلەن كۆرۈشۈپ باقسىڭىز ياخشى بولىدۇ.