بۇ فىلىمدە بىز تۇغۇلۇپ 5 ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سىزلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىمىز. ئەگەر چېيىڭىز تەييار بولغان بولسا، ئىچكەچ بىز بىلەن بۇ مەزموندىن ھوزۇرلىنىڭ.
5 ئايلىق بولغان ساغلام بوۋاقلارنىڭ بەدەن سانلىق ئۇچۇرلىرى
5 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى: 40.3 – 44.8 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
بوي ئۇزۇنلۇقى: 59 – 70 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
بەدەن ئېغىرلىقى: 5100 – 9000 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ.
5 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەندىكى ئۆزگىرىشلىرى
5 ئايلىق بوۋاق بىر كۈن ئىچىدە، جەمئىي 4-6 قېتىمغىچە ئوزۇقلاندۇرۇش ئىھتىياجى تۇغۇلىدۇ. بوۋاق كېچىدە 10-12 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدۇ، 2-3 قېتىم ئويغىنىپ سۈت ئىچىشى مۇمكىن.
5 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئوخشىمىغان بىرقانچە ئاساسىي ئوچۇق رەڭلەرنى پەرق قىلالايدىغان بولىدۇ، ئۆز ياخشى كۆرگەن رەڭنى كۆرگەندە خوش بولىدۇ. چوڭ نەرسىلەردىن ئاستا ئاستا كىچىك ھەجىمدىكى نەرسىلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ. يەرگە ئۇرۇلغان چوڭراق توپنىڭ ھەرىكەت يولىغا كۆزى بىلەن ئەگىشەلەيدۇ. ئاۋاز كەلگەن نوقتىغا ئىتتىك دېققىتىنى مەركەزلەشتۈرلەيدۇ. ئەتراپدىكى ئادەمنىڭ ئاۋازىنىڭ ھىسسىياتىنى ھىس قىلالايدۇ شۇڭا ئاچچىقلىنىپ گەپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. زىھنى تەرەققىي قىلىدۇ. يىغلىغاندا يېنىغا كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ. ئا ۋە ئو غا ئوخشاش ئاۋازلارنى قايتا قايتا چىقىرالايدىغان بولىدۇ. كۈلۈش ۋە يىغلاش ئارقىلىق ھىسسىياتىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولىدۇ. بەزى بوۋاقلارغا چىش چىققاچقا، يېنىك قىزىتما ۋە ئېغىزى قىچىشىپ جىلە بولۇش يىغلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
5ئايلىق بوۋاققا ۋە ئاتا ئانىغا تەۋسىيەلىرىمىز:
- بۇ ئايدىمۇ ئانا سۈتىنى داۋام قىلىش بىلەن بىرگە بوۋاقنىڭ تۆمۈر ۋە ۋىتامىن دورىسىنى داۋام قىلىڭ. ئانا سۈتى بەلكىم ئەمدى ئاستا ئاستا يېتىشمەسلىككە باشلايدۇ، بەلكىم كىلەر ئايلاردىن باشلاپ قوشۇمچە يېمەكلىك باشلىشىمىز مۇمكىن.
- بۇ ئايدا ۋاكسىنا بار يوقلۇقىنى ساقلىقنى ساقلاش مەكىزىدىكى سىستېرالاردىن سورىغاچ، بوۋاقنىڭ باش ئايلانمىسى، بوي ئۇزۇنلۇقى ۋە كىلو ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ مەسلىھەت ئېلىشنى ئۇنۇتماڭ. چۈنكى بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى، كىلو ئېغىرلىقى ۋە بوي ئۇزۇنلۇقى بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى باھالاشتا ئەڭ مۇھىم ئۈچ ئامىل ھىساپلىنىدۇ.
- كىچىك ھايۋانلار بىلەن بوۋاقنى بىر ھۇجرىدا يالغۇز قويماڭ.
- ماشىنىڭىز بولسا بوۋاققا ئۇيغۇن بولغان ئورۇندۇقنى ئېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ئەمما ئەڭ ياخشىسى ئاپىسىنىڭ قولىدا بولغىنى ھەم ئارقا تەرەپتە ئولتۇرغىنى ياخشى.
- چىشى چىقىش سەۋەبلىك چىش مىلىكلىرى قىچىشىپ جىلە بولۇپ يىغلىغان بوۋاقلارغا ئىشەنچلىك ماركىدىن چىشلىغۇچ ئېلىپ بېرىڭ، ھەم چىشلىغۇچنى دائىم تازىلاپ يۇيۇپ تۇرۇڭ ۋە بىخەتەر پاكىز يەردە ساقلاڭ.
- 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئالدىنقى ئايلاردا تىلغا ئېلىنغان تەۋسىيەلىرىمىزنى كۆرۈپ چىقىڭ. تەڭدىن تولىسى بۇ ئايغىمۇ ماس كېلىدۇ.
قانىلىمىزدا 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان بوۋاق بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش دەۋرىدە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى قىسقا، ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ رەتلەپ چىقتۇق. ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى كۆرۈلمىسە ياكى بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدىن سىرت دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىنمۇ ئانا يېزىقىمىز ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلانغان بوۋاق بالىلارنىڭ بەدەن يېتىلىشى جەدۋىلى ۋە باشقا ياخشى پايدىلىق مەزمۇنلارنى تاپالايسىز. جىددىيلەشمەڭ، سىز چوقۇم ياخشى ئاتا ئانا بولالايسىز. بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بۇ فىلىمنى پايدىلىق ھېس قىلسىڭىز، قانىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ ھەم قانىلىمىزنى ئەتراپىڭىزدىكى دوستلارغا تارقىتىپ قويۇڭ.