سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بىر كېچە ئارام ئالغاندىن كېيىن ئەتىگەنلىكى پۈتۈن بەدەن سۇسىزلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا ئەتىگەنلىكى تۇرۇپلا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بېرىشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ، ئادەتتە ئەتىگەنلىكى ئىلمان قايناقسۇ ئىچكەندىن باشقا يەنە ھەسەل سۈيى ئىچسىمۇ بولىدۇ.
ئەتىگەنلىكى ھەسەل سۈيى ئىچىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
1. ئادەم ئاز كېسەل بولىدۇ
ھەسەل تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، ئەتىگەنلىكى ھەسەل سۈيى ئىچكەندە ئىممۇنىتېت كۈچى ياخشىلىنىپ، بىر كۈنى روھلۇق ئۆتىدۇ.
2. قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ھەسەل تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3. تېرىنى ياخشىلايدۇ
نۇرغۇنلىغان گۈزەللىكنى سۆيىدىغان كىشىلەر ھەسەلدە يۈز چاپلاق ياساپ ئىشلىتىدۇ، بۇ خىلدىكى يۈز چاپلاقنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن تېرە ھەقىقەتەن ياخشىلىنىدۇ، ھەسەل تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان تېرىنى ياخشىلايدىغان تەركىبلەر بار بولۇپ، ئەتىگەندە ئىچىپ بەرسە تېرىنى ياخشىلايدۇ.
4. ياللۇغ قايتۇرۇپ يارا ئېغىزىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىدۇ
سۈپىتى ياخشى ھەسەل نەچچە يىللار قويۇپ قويسىمۇ سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ، چۈنكى ھەسەلنىڭ مىكروبقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار، ھەسەلنىڭ دەل مۇشۇ خۇسۇسىيىتى بولغاچقا، يارىدارلار ھەسەل سۈيى ئىچىپ بەرسە ياللۇغ قايتۇرۇپ يارا ئېغىزىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىدۇ.
5. ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھەسەل ئىچىش ئادىتى بار ئىكەن.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17798326.shtml