ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالاھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە...

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە…

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

روتا پۇت (罗圈腿) شەكلى (تۆۋەندە O شەكىللىك پۇت دەپ ئېلىنىدۇ) ئادەمنىڭ بەدەن شەكلىگە نۇقسان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە بوغۇمنىڭ ئىچكى تەرىپىدىكى كۆمۈرچەك يۈزىنىڭ ئۇپرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا تىز بوغۇمى ئاغرىشنى پەيدا قىلىپ نورمال يول يۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ پۇتى O شەكلىدە تەرەققىي قىلىۋاتقىنىنى بايقىغان ھامان، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىش كېرەك. ئەگەر شەكىلگە كىرىپ قالسا كېيىن تۈزىتىش بىر قەدەر قىيىن بولىدۇ.

ئۇنداقتا زادى قايسى سەۋەبلەر پۇتنىڭ O شەكىللىك بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

1. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك.

ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كالتسىي ۋە ۋىتامىن قوبۇل قىلىش مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ ۋە بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن سۆڭەكنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇۋاپىق مىقداردا كالتسىي ۋە ۋىتامىن تولۇقلاپ، ھامىلىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

2. ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك

بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە كالتسىي كەمچىل بولسا، سۆڭەكنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ۋە بوغۇم كۆمۈرچىكىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولمايدۇ.

3. مېڭىشنى بالدۇر ئۆگىتىش

بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىغا بالدۇرراق مېڭىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، بالا ئالتە-يەتتە ئايلىق بولغاندىن باشلاپ مېڭىشنى مەشىق قىلدۇرىدۇ. ئەمما بىر ياشتىن بۇرۇن بوۋاقنىڭ سۆڭىكى بىر قەدەر يۇمشاق بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت ماڭسا ياكى ئۆرە تۇرسا سۆڭەككە بولغان بېسىم ئېشىپ، سۆڭەك شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يەنە بوۋاقنى ئۇزاق مەزگىل غالتەكلىك ھارۋىدا ئولتۇرغۇزۇشمۇ ناھايىتى ئاسانلا O شەكىللىك پۇت پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توغرا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

4. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلە ئورنى توغرا بولماسلىق

ئەگەر ھامىلە بالىياتقۇدا ئۇزۇن ۋاقىت ساغرا قىسمى ياكى تىزى ئېگىلگەن ھالەتتە تۇرسا، ھامىلە ئورنىنىڭ توغرا بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، يەنە بوۋاق پۇتىنىڭ تۇغۇلۇپلا O شەكىللىك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ياخشى يېرى بۇ خىل ئەھۋالنى مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق كېيىنكى مەزگىلدە نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە پات-پات تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، ئەگەر ھامىلىنىڭ ئورنى توغرا بولمىسا، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

گەرچە پۇتنىڭ O شەكىلدە تەرەققىي قىلىشى ھاياتلىققا نىسبەتەن زور خەۋپ ئېلىپ كەلمىسىمۇ، ئەمما بۇ بالىنىڭ كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ياكى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا پۇتى O شەكىللىك بولۇپ قالغاندا، قارىغۇلارچە نامۇۋاپىق ئۇسۇللارنى (مەسىلەن كۈچلۈك تېڭىش ياكى كۈچلۈك باغلاش قاتارلىقلار) قوللىنىشتىن ساقلىنىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا بالىنىڭ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە سۆڭەكنىڭ قاتتىقلىقىنى ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن باشقا مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17793889.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
1
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-12 / 05:15:57

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ