ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك بېغى ئۇچىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك بېغى ئۇچىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك بېغىنى پەرۋىش قىلىش كۆرسەتمىسى : يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك بېغىنىڭ كەمتۈك ئۇچىنى قانداق توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك بېغىنى پەرۋىش قىلىش يېڭى ئاتا-ئانىلار ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. كىندىك بېغى بوۋاق تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا (0-40 سىكونىت ئارىلىقىدا) كېسىۋېتىلىدۇ ۋە بىر قىسقۇچ بىلەن قىسىپ قويۇلىدۇ، قىسقۇچلانغان قالغان كىندىك بېغى بىر نەچچە كۈندىن بىر نەچچە ھەپتىگىچە تەبىئىي چۈشۈپ كېتىدۇ. كىندىك بېغىنىڭ قالدۇقىنى قانداق قىلغاندا توغرا پەرۋىش قىلىپ، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىپ، ساغلام چۈشۈپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەر بىر ئاتا-ئانا بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسىي بىلىم ھېساپلىنىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك بېغى ئۇچىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

كىندىك بېغىنىڭ قالدۇق ئۇچىنى پەرۋىش قىلىش قەدەم باسقۇچلىرى

قۇرغاق، پاكىز ساقلاش : كىندىك بېغىنىڭ قالدۇقىنى قۇرغاق ساقلاش، تەبىئىي تۆكۈلۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بوۋاقنى يۇيغاندا كىندىك بېغىنىڭ سۇ بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ھۆل بولۇپ كەتسە، پاكىز لاتا بىلەن يېنىك سۈرتۈپ قۇرۇتسا بولىدۇ. كىندىك ئاجراپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئامال بار بوۋاقنى چىلاپ يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىش، بەلكى سۈرتۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.

مۇۋاپىق كىيىم تاللاش : بوۋاقلارنىڭ كىيىم تاللىشىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئامال بار ئازادە، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان كىيىملەرنى تاللاپ، كىيىم-كېچەكلەرنىڭ كىندىك بېغىنىڭ چېتىگە سۈركىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، زاكىنى كىندىك بېغىنىڭ ئۇچىدىن تۆۋەن ئورۇنغا تاقاپ، سۈيدۈكنىڭ كىندىك بېغىنى غىدىقلاپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

سىرتقى نەرسىلەرنىڭ كىندىك بېغى بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش : كىندىك بېغى تولۇق چۈشۈپ كېتىش ۋە ساقىيىشتىن بۇرۇن، قول بىلەن كىندىك بېغىنىڭ ئۇچىنى تۇتۇش ياكى تارتىشتىن ساقلىنىش، داكا، چاپلاق ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن كىندىك بېغىنى ياپماسلىق كېرەك. كىندىك بېغىنى ئامال بار ھاۋا بىلەن ئۇچراشتۇرۇش كېرەك، بۇ قۇرغاقلىشىش ۋە تۆكۈلۈشنى تېزلىتىشكە پايدىلىق.

كىندىك بېغىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك

ئادەتتە، كىندىك بېغى تۇغۇلۇپ 7-14 كۈن ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ، لېكىن بۇ مەزگىلدە، كىندىك بېغى رايونىنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىش كېرەك. كىندىك بېغىنىڭ يۇقۇملىنىشى گەرچە ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقەتەن يۇقۇملىنىش يۈز بەرگەندە ئېغىر ساغلاملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. تۆۋەندىكىلىرى كىندىك يۇقۇملىنىشنىڭ سىگناللىرى بولۇشى مۇمكىن:

  1. كىندىك ئەتراپىدىكى تېرە قىزىرىش، ئىششىش ياكى يىرىڭ پەيدا بولۇش.
  2. كىندىك بېغىنىڭ ئەتراپىدا قاڭسىق سېسىق پۇراق پەيدا بولۇش.
  3. بوۋاق قىزىپ قېلىش ياكى بىئارام بولۇش

ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر بايقالسا، بوۋاقنى دەرھال بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى دوختۇرغا كۆرسىتىپ، كەسپىي داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

كىندىك بېغى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنكى پەرۋىش

كىندىك بېغى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، كىندىك ئويمىنى رايونىدا ئاز مىقداردا قان ئېقىش ياكى ئاجرالمىلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇ نورمال ئەھۋال. لېكىن يەنىلا پاكىزلىقنى ساقلاپ، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كىندىك ئويمىنى پۈتۈنلەي ساقىيىشتىن بۇرۇن، بۇ يەرنىڭ قۇرغاق ۋە پاكىزلىقىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك. ئادەتتە، كىندىك بېغى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنكى كىندىك ئويمىنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ساقىيىپ، نورمال تېرە ھالىتىگە قايتىدۇ.

 

كىندىك بېغىنى ئاسراشتا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراشلار

زىيادە دېزىنفېكسىيەلەش : بەزى ئاتا-ئانىلار دائىم ئىسپىرت ياكى باشقا دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىشلەتكەندە كىندىك بېغىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە ياردىمى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن زىيادە دېزىنفېكسىيەلەش تېرىنى غىدىقلاپ، كىندىك بېغىنىڭ چۈشۈپ كېتىش جەريانىنى كېچىكتۈرىدۇ . ئادەتتە، پاكىز سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇپ، قۇرغاق ساقلىسىلا بولىدۇ.

كىندىك بېغىنىڭ قالدۇق ئۇچىنى كېسىۋېتىش : بەزى ئاتا-ئانىلار كىندىك بېغىنىڭ قالدۇق ئۇچىنىڭ كۆرۈمسىز بولۇپ قېلىشىدىن ياكى بالىغا تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرىشى مۇمكىن، لېكىن كىندىك بېغىنىڭ قالدۇق ئۇچىنى كېسىۋېتىشتىن ساقلىنىپ، ئۇنىڭ تەبىئىي چۈشۈپ كېتىشىنى ، ئاندىن ئۆزلىكىدىن قۇرۇشىنى ساقلاش كېرەك.

كىندىك بېغىنى توغرا پەرۋىش قىلىش يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . كىندىك بېغى چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئاتا-ئانىلار كىندىك بېغى قىسمىنىڭ قۇرغاق، پاكىز بولۇشىنى ساقلاپ، سىرتقى ئامىللارنىڭ ناچار تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىندىك بېغى رايونىنىڭ ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ھەر قانداق گۇمان ياكى ئېنىقسىز ئەھۋال بولسا، ۋاقتىدا دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش ئەڭ ياخشى تاللاش.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-02 / 04:41:57

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ