ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىئادەم بەدىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 100 ھەيران قالارلىق بىلىملەر

ئادەم بەدىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 100 ھەيران قالارلىق بىلىملەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئىنسان بەدىنى بىر مۆجىزىلەر دۇنياسى، ئۇنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىدىن تارتىپ ئەڭ چوڭ ئەزالىرىغىچە بولغان قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە مۇكەممەل بىر سىستېما. بىز بۇ ماقالىدە ھازىرغىچە بولغان تىببىي دۇنياسىدا ئىسپاتلانغان ھەم ئۆز بەدىنىڭىزنىڭ نەقەدەر ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان 100 قىسقا تىببىي ئۇچۇرنى بىر يەرگە توپلىدۇق. كېلىڭ، بىرلىكتە بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ باقايلى.

ئادەم بەدىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 100 ھەيران قالارلىق بىلىملەر

**~ بەدەن ئاناتومىيە بىلىملىرى ~**

  1. چوڭلارنىڭ سۆڭەك سانى: 206 تال
  2. مۇسكۇل سانى: تەخمىنەن 640 پارچە
  3. بۆرەك سانى: 2 تال
  4. بوۋاقلارنىڭ سۈت چىش سانى: 20 تال ئەتراپىدا
  5. قوۋۇرغا سانى: 24 (12 جۈپ)
  6. يۈرەك ھۇجرىسى سانى: 4
  7. ئەڭ چوڭ ئارتېرىيە: غول ئارتېرىيە (Aorta)
  8. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ نورمال قان بېسىمى: 120/80 mmHg
  9. ساغلام قاننىڭ PH قىممىتى: 7.4
  10. ئومۇرتقىدىكى سۆڭەك سانى: 33 پارچە
  11. بويۇندىكى ئومۇرتقا سانى: 7 پارچە
  12. ئوتتۇرا قۇلاقتىكى سۆڭەك سانى: 6 (ھەر بىرىدە 3 تالدىن)
  13. يۈزدىكى سۆڭەك سانى: 14 تال
  14. باشتىكى سۆڭەك سانى: 22 تال
  15. كۆكرەكتىكى سۆڭەك سانى: 25 تال
  16. قولدىكى (بىلەكتىن يۇقىرى) سۆڭەك سانى: 6 تال
  17. ئىنسان قولىدىكى مۇسكۇل سانى: 72 پارچە
  18. يۈرەكنىڭ پومپا بوشلۇقى : 2 (ئوڭ ۋە سول)
  19. بەدەندىكى ئەڭ چوڭ ئورگان : تېرە
  20. ئەڭ چوڭ بەز: جىگەر
  21. ئەڭ چوڭ ھۈجەيرە: ئايال تۇخۇم ھۈجەيرىسى
  22. ئەڭ كىچىك ھۈجەيرە: ئەر ئىسپىرمىسى
  23. ئەڭ كىچىك سۆڭەك: ئۈزەڭگە سۆڭىكى (ئوتتۇرا قۇلاقتا)
  24. تىببىي دۇنياسىدا تۇنجى كۆچۈرۈلگەن ئەزا: بۆرەك
  25. ئوتتۇرىچە ئىنچىكە ئۈچەينىڭ ئۇزۇنلۇقى: 7 مېتىر
  26. ئوتتۇرىچە چوڭ ئۈچەينىڭ ئۇزۇنلۇقى: 1.5 مېتىر
  27. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى: 3 كىلوگرام ئەراپىدا
  28. بىر مىنۇتتىكى نورمال تومۇر سوقۇشى: 72 قېتىم
  29. نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى: 36.6 سېلسىيە گرادۇس
  30. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە قان مىقتارى: 4 دىن 5 لىتىرغىچە
  31. قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆمرى: 120 كۈن
  32. ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆمرى: بىر نەچچە سائەتتىن بىر نەچچە يىلغىچە
  33. ھامىلىدارلىق مۇددىتى: 280 كۈن (40 ھەپتە)
  34. ئىنسان پۇتىدىكى سۆڭەك سانى: 26 تال
  35. ھەر بىر بىلەكتىكى سۆڭەك سانى: 8 تال
  36. قولدىكى (ئالقان ۋە بارماق) سۆڭەك سانى: 27 تال
  37. ئەڭ چوڭ ئىچكى ئاجراتما بېزى: قالقانسىمان بەز
  38. ئەڭ چوڭ لىمفا ئەزاسى: تال
  39. مېڭىنىڭ ئەڭ چوڭ قىسمى: چوڭ مېڭە
  40. ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كۈچلۈك سۆڭەك: يوتا سۆڭىكى (Femur)
  41. ئەڭ كىچىك مۇسكۇل: ئۈزەڭگە مۇسكۇلى (ئوتتۇرا قۇلاقتا)
  42. خروموسوم سانى: 46 (23 جۈپ)
  43. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ سۆڭەك سانى: تەخمىنەن 300
  44. قاننىڭ يېپىشقاقلىقى: 4.5 دىن 5.5 گىچە
  45. ھەممىباب قان بەرگۈچى قان تىپى: O تىپلىق
  46. ھەممىباب قان ئالغۇچى قان تىپى: AB تىپلىق
  47. ئەڭ چوڭ ئاق قان ھۈجەيرىسى: تاق يادرولۇق ھۈجەيرە ( monocyte )
  48. ئەڭ كىچىك ئاق قان ھۈجەيرىسى: لېمفا ھۈجەيرىسى
  49. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشى: قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلى ( Polisitemi )
  50. بەدەندىكى «قان بانكىسى»: تال
  51. يادروسى يوق قان ھۈجەيرىسى: قىزىل قان ھۈجەيرىسى
  52. قان ئىشلەپچىقىرىش ئورنى: قىزىل سۆڭەك يىلىكى
  53. «ھاياتلىق دەرياسى» دەپ ئاتالغان: قان
  54. قاننىڭ سۇيۇق قىسمى: قان پلازمىسى
  55. ئىنسان مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1.4 كىلوگرام كېلىدۇ.
  56. مېڭىنىڭ تەخمىنەن %75 ى سۇدىن تەركىب تاپقان.
  57. ئىنسانلار ھەر 27 كۈندە بىر قېتىم تېرىسىنى يېڭىلايدۇ.
  58. بەدەندىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇسكۇل ئېڭەكتىكى چاينار مۇسكۇلىدۇر.
  59. ئاشقازان كىسلاتاسى سىنىك بىرىكمىسىنىمۇ ئېرىتەلەيدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك.
  60. ئىنسان كۆزى تەخمىنەن 10 مىليون خىل رەڭنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ.
  61. نېرۋا سىگناللىرىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى سائىتىگە 400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
  62. بەدەندىكى بارلىق قان تومۇرلىرىنى بىر بىرىگە باغلىسا ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 100 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن.
  63. ئۆپكىدە 300 مىليوندىن ئارتۇق ئۆپكە كۆپۈكچىسى بار.
  64. چوڭلارنىڭ يۈرىكى كۈنىگە تەخمىنەن 100 مىڭ قېتىم سوقىدۇ.
  65. ئىنسانلار ھەر كۈنى تەخمىنەن بىر لىتىر شۆلگەي ئىشلەپچىقىرىدۇ.
  66. جىگەرنىڭ 500 دىن ئارتۇق ئوخشىمىغان فۇنكسىيەسى بار.
  67. سۆڭەك ئېغىرلىقى ئوخشاش بولغان پولاتتىنمۇ كۈچلۈك.
  68. ئىنسانلار ھازىرچە ئىسپاتلانغان بىردىنبىر جانلىق تۈرىمىش.
  69. چۈشكۈرۈكنىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 160 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
  70. بۇرۇن 50 مىڭ خىل ئوخشىمىغان پۇراقنى ئەستە ساقلىيالايدۇ.
  71. تىل ئىزى بارماق ئىزىغا ئوخشاش ئۆزگىچە.
  72. بەدىنىڭىزدە 7 سانتىمېتىرلىق مىخ ياساشقا يېتەرلىك تۆمۈر بار.
  73. بۆرەك ئۈستى بېزى بۆرەكنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان.
  74. ئاشقازان ئاستى بېزى ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىدۇ.
  75. باش سۆڭەكتە 12 جۈپ نېرۋا بار.
  76. ئەڭ چوڭ نېرۋا يوتا نېرۋىسىدۇر.
  77. كۆزنىڭ مۇڭلۇق پەردىسى بەدەندىكى قان بىلەن تەمىنلەنمەيدىغان بىردىنبىر قىسىم.
  78. ئادەتتىكى ئادەمنىڭ بېشىدا تەخمىنەن 100 مىڭ تال چاچ بولىدۇ.
  79. قول تىرنىقى پۇت تىرنىقىدىن تېز ئۆسىدۇ.
  80. چوڭ مېڭە ئاستى بېزى «ئاساسىي بەز» دەپ ئاتىلىدۇ.
  81. ئىنسان ئىسكىلىتى ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ئۆزىنى پۈتۈنلەي يېڭىلايدۇ.
  82. ئىنسان بەدىنىنىڭ تەخمىنەن %60 ى سۇدىن تەشكىل تاپىدۇ.
  83. تۆت ئاساسلىق ABO قان تىپى بار: A, B, AB, O.
  84. DNA نىڭ شەكلى قوش پۇرژۇنغا ئوخشايدۇ.
  85. بەدەندىكى ئەڭ چوڭ بوغۇم تىز بوغۇمىدۇر.
  86. بەدەندە 600 دىن ئارتۇق لىمفا تۈگۈنى بار.
  87. «توخۇ تېرىسى» بولۇش ھادىسىسى تۈك خالتىسىدىكى كىچىك مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
  88. كېكىردەك «ئاۋاز ساندۇقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
  89. نەپەس يولى ئىنگىلىزچە «trachea» دەپ ئاتىلىدۇ.
  90. نەپەس ئېلىش مېڭىدىكى سوزۇنچاق مېڭە تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ.
  91. تەم سەزگۈلىرىنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 10-14 كۈن.
  92. ئىنسان بەدىنى ھەر سېكۇنتتا تەخمىنەن 25 مىليون يېڭى ھۈجەيرە ھاسىل قىلىدۇ.
  93. ئوڭ ئۆپكە سول ئۆپكىدىن سەل چوڭراق بولىدۇ، چۈنكى سول تەرەپتە يۈرەككە ئورۇن بېرىلىدۇ.
  94. تىرناقنىڭ ئاستىدىكى ئاي شەكىللىك ئاق رايون «يايسىمان سايە lunula» دەپ ئاتىلىدۇ.
  95. ئادەم ئۆمرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئۇيقۇدا ئۆتكۈزىدۇ.
  96. چىش ئىنسان بەدىنىدىكى ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغان بىردىنبىر قىسىم.
  97. ئەسنىگەندە ئېڭەك بوغۇملىرى بوشاپ، مېڭىگە تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگېن كىرىدۇ.
  98. كۈلۈش ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، روھىي بېسىمنى ئازايتىدۇ.
  99. بەدەندىكى بارلىق مۇسكۇللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپى پۇتتا.
  100. ئىنسانلارنىڭ كۆزى تۇغۇلغاندىن تارتىپ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆزگەرمەيدۇ، ئەمما بۇرۇن ۋە قۇلاق ئۆمۈر بويى ئۆسۈپ تۇرىدۇ.

بۇ 100 قىسقا مەلۇماتلار ئارقىلىق ئىنسان بەدىنىنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپ ۋە گۈزەل بىر قۇرۇلما ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بەدىنىمىز ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە. سالامەتلىكىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈش، بۇ ھەيران قالارلىق سىستېمىغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت!

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ