مەكتەپ ھاياتى باشلاندى ، بالىڭىزنىڭ ئەمەل قىلىشى كېرەك بولغان تۆۋەندىكىدەك 20 تۈرلۈك ئاساسلىق ئىش ھەرىكەت قائىدىسىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈڭ :
1. باشقىلار سۆز قىلغاندا دىققەت بىلەن ئاڭلاڭ.
2. دوستانە سالاملىشىڭ ۋە جانلىق ئاۋازدا جاۋاب بېرىڭ.
3. باشقىلارغا تەۋە نەرسىنىڭ سىزگە تەۋە ئەمەسلىكىنى بىلىڭ.
4. ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن ئايىغىڭىزنى سېلىپ، بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويۇڭ.
5. ئورۇندۇقتا رەتلىك ئولتۇرۇڭ.
6. ھەمىشە پاكىز، رەتلىك ۋە دەزماللانغان كىيىملەرنى كىيىڭ.
7. ئۆگىنىش ئۈستىلىڭىزنى ۋە ئەتراپىڭىزنى رەتلىك ۋە پاكىز تۇتۇڭ.
8. ۋاقتىدا ئۇخلاپ، ۋاقتىدا ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.
9. تەڭپۇڭ ناشتا قىلىشنى ئادەت قىلىڭ.
10. چىشىڭىزنى چوتكىلاشنى ئۇنۇتماڭ.
11. ھەرگىز يالغان سۆزلىمەڭ.
12. ھېچقاچان ساۋاقدىشىڭىزنى يالغۇز تاشلاپ قويماڭ.
13. ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم قىلىڭ.
14. باشقىلار ھەققىدە يامان گەپ قىلماڭ.
15. ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ئۆتۈڭ، بىللە ئويناڭ ۋە بىللە ئىشلەڭ.
16. يالغۇز ئوينىماي، باشقىلار بىلەن بىللە ئويناشنى ئۆگىنىڭ.
17. تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش ۋە تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن سىرتتا ئويناڭ.
18. ئەگەر خاتالىق ئۆتكۈزسىڭىز، چىن كۆڭلۈڭىزدىن كەچۈرۈم سوراڭ.
19. ئوقۇتقۇچى ۋە چوڭلارنى ھۆرمەتلەڭ، ئۇلارنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىڭ.
20. مەكتەپنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ مال-مۈلكىنى ئاسراڭ، ئۇلارغا زىيان سالماڭ.