بۇرۇن قاناش كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ كۆرۈلىدىغان، تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان بىر خىل ساغلاملىق مەسىلىسىدۇر. نۇرغۇن كىشىلەر كونا ئادەت بويىچە بۇرنى قاناپ كەتكەن ھامان بېشىنى كەينىگە قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل تاللاش ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، تىببىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا جىددىي قۇتقۇزۇشتىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقلارنىڭ بىرىدۇر. باشنى كەينىگە قىلىش قاننىڭ توختىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى قاننىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ سىرتقا چىقىش ئورنىغا ئاشقازان ياكى ئۆپكىگە كىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نېمە ئۈچۈن باشنى كەينىگە قىلىش خەتەرلىك؟
بىز باشنى كەينىگە قىلغاندا، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى قان ئارقا بۇرۇن تۆشۈكلىرى ئارقىلىق يۇتقۇنچاققا قاراپ ئاقىدۇ. بۇ ئەھۋال بىر قانچە جەھەتتىن سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بىرىنچىدىن، قان ئاشقازان دىۋارىنى غىدىقلاپ، كۆڭلى ئاينىش ۋە قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان تەركىبىدىكى ئاقسىللار ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىدە قاتتىق بىئاراملىق پەيدا بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى قاننىڭ نەپەس يولى ئىچىگە كىرىپ كېتىشىدۇر. ئەگەر قان كانايغا ياكى ئۆپكىگە كىرىپ كەتسە، كىشى تۇنجۇقۇپ قېلىشى، ھەتتا ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ كىچىك بالىلاردا بۇ خىل خەتەر تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەپەس يولى تار بولۇپ، ئازراق قان ئۇيۇتمىسىمۇ نەپەسلىنىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
بۇرۇن قانايدىغان ۋاقىتتىكى خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر
نۇرغۇن كىشىلەر باشنى كەينىگە قىلغاندا قان ئاقماي توختىدى دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا قان يەنىلا ئېقىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، پەقەت يۇتقۇنچاققا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇنى كۆرەلمەيمىز. بۇ ئەھۋال ، توغرا داۋالاشنى كېچىكتۈرۈپ قويىدۇ. تۆۋەندىكىلەر باشنى كەينىگە قىلىشنىڭ باشقا زىيانلىرىدۇر:
- قاننىڭ ئاشقازانغا كىرىپ كېتىشى سەۋەبىدىن جىددىي قۇسۇش يۈز بېرىش.
- نەپەس يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ۋە نەپەس سىقىلىش.
- قان يوقىتىش مىقدارىنى توغرا مۆلچەرلىگىلى بولماسلىق.
- قان ئۇيۇتمىلىرىنىڭ يۇتقۇنچاقتا قېلىپ قېلىشى.
شۇڭا، بۇرۇن قاناش يۈز بەرگەندە، ھەرگىزمۇ ياتماسلىق ياكى باشنى كەينىگە قىلماسلىق كېرەك. ئەكىسچە، بەدەننى سەل ئالدىغا قىلىپ ئولتۇرۇش ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.
بۇرۇن قاناشنى توختىتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى
ئەگەر سىز ياكى ئەتراپىڭىزدىكى بىرەر كىشىنىڭ بۇرنى قانىسا، تۆۋەندىكى تېببىي جەھەتتىن توغرا بولغان قەدەملەرنى بېسىڭ:
- ئالدى بىلەن تىك ئولتۇرۇپ، بېشىڭىزنى سەل ئالدىغا ئېگىڭ. بۇ قاننىڭ ئاشقازانغا ئەمەس، بەلكى بۇرۇندىن سىرتقا چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
- بۇرنىڭىزنىڭ يۇمشاق قىسمىنى (ئىككى بۇرۇن تۆشۈكىنى) بارماقلىرىڭىز بىلەن قىسىپ، كەم دىگەندە 2 مىنۇت قويۇۋەتمەي تۇتۇڭ.
- بۇ جەرياندا ئېغىزىڭىز ئارقىلىق نەپەسلىنىڭ.
- ئەگەر مۇمكىن بولسا، بۇرۇننىڭ ئۈستىگە سوغۇق لۆڭگە ياكى مۇز قويۇڭ، بۇ تومۇرلارنىڭ تارىيىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
بۇ جەرياندا سىز جىددىيلەشمەسلىكىڭىز كېرەك، چۈنكى جىددىيلىشىش قان بېسىمىنى يۇقىرىلىتىپ، قاناشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن. ئادەتتە، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشى بېسىش بىلەنلا توختايدۇ.
تېببىي جەھەتتىن ياردەم سوراشقا تېگىشلىك ئەھۋاللار
گەرچە كۆپىنچە بۇرۇن قاناشلار ئۆي شارائىتىدا توختىسىمۇ، ئەمما بەزى ئەھۋاللاردا داۋالاش جىددىي زۆرۈر بولىدۇ. ئەگەر تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىڭ:
ئەگەر بۇرۇن قىسىپ تۇرۇشقا قارىماي 15 مىنۇتتىن ئارتۇق توختىمىسا، ياكى قاناش مىقدارى ئىنتايىن كۆپ بولسا جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، يىقىلىش ياكى بۇرۇنغا قاتتىق زەربە تېگىش سەۋەبىدىن قاناش يۈز بەرگەن بولسا، سۇنۇق ياكى باشقا ئىچكى زەخمىلىنىشلەر بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش لازىم. پات-پات بۇرنى قانايدىغان كىشىلەرنىڭ قان بېسىمى ياكى قان ئۇيۇش ئىقتىدارىدا مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا ئائىلە دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
خۇلاسە قىلغاندا، بۇرۇن قانايدىغان ۋاقىتتا باشنى كەينىگە قىلىش پەقەت كۆرۈنۈشتە قاننى «يوقاتقان» بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە خەتەرنى ئاشۇرىدۇ. بىلىم ۋە توغرا مەشغۇلات قىلىش جىددىي ئەھۋاللاردا بىزنىڭ ئەڭ ياخشى قورالىمىزدۇر.


