ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىقوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

بالىنىڭ ئانا تېنىدىن ئېلىپ كەلگەن تۆمۈر تۇغۇلۇپ ئۈچ-تۆت ئاي بولغاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن خورايدۇ، شۇڭا، چوقۇم قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش ئارقىلىق ئېھتىياجنى قامداش كېرەك. بولمىسا، چوقۇم يىنىك دەرىجىدە ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۈچ-تۆت ئايلىق بولغان بوۋاقتا ۋىتامىن D قاتارلىقلار كەمچىل بولۇش كېسىلى پەيدا بولىدۇ. شۇنداقلا كالتسىي ۋە ۋىتامىن D يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ پەقەت قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاشقا ئېھتىياجىلىق بولغاندىلا ئەمەس، سۈت تەركىبىدىكى كالتسىي ۋە ۋىتامىن D نى تولۇقلاش ئاساسىدا ھاۋارايى شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا سىرتتا ئاپتاپقا قاقلىنىش ياكى ئۆيدە دېرىزىلەرنى ۋە تېرىنى يېپىۋالىدىغان ھەر قانداق نەرسىلەرنى ئېچىۋېتىپ، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ تۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بالىنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا بېرىپ، بالىنىڭ چايناش ئىقتىدارى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق قوشقاندا، ئوزۇقلۇقنىڭ بالىلارغا كەلتۈرگەن پايدىسى ياخشى بولىدۇ. ئاۋۋال، بالىنىڭ يېتىلىشىدىكى ئاقسىل ۋە ئىسىقلىقنى تولۇقلاپ، بالىنىڭ تېنىنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، تەڭپۇڭ بولغان ئوزۇقلۇق بالىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىدىكى ماددىلارنى تولۇقلايدۇ، شۇنداقلا بالىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ياخشىلىنىشى قوشۇمچە يېمەكلىكلەردىن ئايرىلالمايدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-11-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-19 / 10:54:32

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ