ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئانانىزىم ۋە ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە (كېسەلنى يۇشۇرساڭ،ئۆلۈمۈڭ ئاشكارە)

ئانانىزىم ۋە ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە (كېسەلنى يۇشۇرساڭ،ئۆلۈمۈڭ ئاشكارە)

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ھەر بىر ئىسان ئۈچۈن سالامەتلىك ئەڭ موھىم ساغلاملىق ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىغى شۇنداق بولغان ئىكەن ئىنسان بۇ ھاياتلىق سەپىردە ئانداق ياكى مۇنداق كېسەللىك بىلەن ئاغرىمايمەن دەپ كېسىپ ئېيتالمايدۇ ،ھەم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس بىر

مەن بۇرۇنقىلاردىن مىراس قالغان << كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈمىڭ ئاشكارە >> دىگەن ھەممىمىزگە تۇنۇش بولغان بۇ سۆزنى قايتا تەكرارلىغىم كېلىۋاتىدۇ . شۇڭا كەڭ دوست بىرادەرلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىتە دوختۇرلار بىلەن ئەستايىدىل ماسلىشىشى ، ھەقىقى كېسەللىك تارىخى بىلەن تەمىن ئېتىپ ، تەكشۈرۈپ – داۋالاشقا يېقىندىن ھەماكارلىشىشنى تەۋەسسىيە قىلىمەن . يىغىپ ئېيتقاندا بۇ پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈنلا خالاس .

ئانانىزىم ۋە ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە (كېسەلنى يۇشۇرساڭ،ئۆلىمۈڭ ئاشكارە)

ئانانىزىم (قولدا لەزەتلىنىش ) بىر ئىختىيارى ھەركەت .


ئانالىزىم قىلىش بىر خىل جىنسىي ئىپادە بولۇپ ، قول ۋە باشقا نەرسىلەردە جىنسىي ئەزانى غىدىقلاپ ،جىنسىي ھەۋەسنى قوزغاپ ، جىنسىي قانائەت ھاسىل قىلدىغان ھەركەت ھېساپلىندۇ .باشتا ئىختىيارسىز بولۇپ ، كۇسارنىڭ بەك تار بولىشى ۋە جىنسىي ئەزانىڭ غىدىقلىشىدىن خوشاللىق ھىس قىلىدۇ . كېيىن ئىختىيارسىز ھالدا قولىدا لەزەتلىنىشكە ئۆگىنىپ ، ۋاقىت ئۇزارسا ئادەتكە (خۇمارغا)ئايلىنىپ قالىدۇ .

قولدا لەزەتلىنىش بىر خىل جىنسىي فىزىكىلىق پائالىيەت .


قولدا لەزەتلەنگەندە ئۆز ئالدىغا جىنسىي ھەۋەسنى قوزغاپ لەزەتلىندۇ ، ئۇ كۆپۈنچە توي قىلمىغان ئوغۇل – قىزلار، بولۇپمۇ ياشلاردا كۆپ يۈز بېرىدۇ .ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدىنى ئۆسۈپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە ، جىنسىي ھەۋەس قوزغۇلدۇ ، يات جىنستىكىلەرگە قىزىقىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن جىنسىي جەھەتتىن بىرگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ، قانۇن ۋە ئىجىتمائىي قائىدە ئۇلارنىڭ ئەخلاقسىز ھەركىتىگە يول قويمىغاچقا بەزى ياش – ئۆسمۇرلەر قولىدا لەزەتلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇردۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار لەزەتلىنىش مەقسىتىگە يېتىدۇ .

قولدا لەزەتلىنىش بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ، روھى ۋە پىسخىق بېسىم ئېغىرلىشىدۇ .


قولدا لەزەتلىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنى شۇكى ، ئۇ كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسۈتىپ ، پىسخىكا تەڭپۇڭسىزلىغى يۈز بېرىدۇ . ئۇلار قولدا لەزەتلىنىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىگىنى ھىس قىلىپ ،ئۆزىنى تۇتۇۋالماقچى بولسىمۇ ، ئامما ئۆز ھىسىياتىنى باسالمايدۇ ، ئۇلار قولىدا لەزەتلەنگەندىن كېيىن ھەم ھاياجانلىنىپ ھەم قورقۇپ ، خاتا ئىش قىلدىم دەپ بىلىپ پۇشايمان قىلسىمۇ ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ ، پىسخىك زىدىيەت ئىچىدە قولىدا لەزەتلىندۇ ، ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ ، ئۆزىنى پەس كۆرىدۇ ، پۇشايمان قىلىدۇ ، روھسىزلىندۇ ، كەيپىياتى تۆۋەن بولىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن روھئىي بېسىم ئېغىرلىشىدۇ .

قولدا لەزەتلىنىش بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ، جىنسي ئىقتىدار ۋە نېرۋا ئاجىزلاپ كېتىدۇ .

قولدا لەزەتلىنىش بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ، ئادەم بەك ھاياجانلىندۇ ، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت قايتا – قايتا جىنسىي ھاياجانلىشىش يۈز بەرسە ، مەركىزىي جىنسىي نېرۋا ھاياجانلىشىش ھالىتىدە تۇرىدۇ . جىنسىي نېرۋا بەك ھاياجانلىنىپ كەتسە ، جىنسىي نېرۋا ئاجىزلاپ ، جىنسىي نېرۋا ئاجىزلىشىش كېسىلى يۈز بېرىدۇ .بىر تەرەپتىن باش قېيىپ ، قۇلاق غوڭۇلداش ، پىكىر يۈرگۈزۈشى ئاستىلاش ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك ، ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاش ، ئەرلەردە جىنسى ئاجىزلىق ، نۇرىمال قايىم بولماسلىق ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ . ئاياللاردىمۇ ھەيىز نۇرمال بولماسلىق ، ھەيىز كەلگەندە بەل ئاغرىش ، جىنسى ھەۋەس سۇسلىشىش ، ھەتتا ھامىلدار بولالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلدۇ .
بۇلۇپمۇ قولىدا لەزەتلىنىشكە ئادەتلىنىپ قالغان ئاياللار جىنسىي مۇنسىۋەت ئۆتكەزگەندە سەزگۈرلۈك دەرىجىسى تۆۋەنلەش ، جىنسى ھەۋىسى سۇسلىشىش …………..قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلدۇ .

قولدا لەزەتلىنىش بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ، سۇيدۇك ئاجىرتىپ چىقىرىش سېستىمىسىدا كېسەل كۆپىيدۇ .


ئەرلەر قولىدا بەك لەزەتلەنسە ، بەدىنى بەك ئاجىزلاپ ، جىنسىي سېستىمىسىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ، مەزى بېزى ياللۇغى …..قاتارلىق جىنىسىي ئەزا كېسەللىگى يۈز بېرىدۇ ؛ ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ مىكروپ بىلەن يۇقۇملىنىش يۈز بېرىپ بۇنىڭ بىلەن سىرتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى ، جىنسىي يول ياللۇغى ، سۇيدۇك يۇلى يۇقۇملىنىش ، ھەيىز كەلگەندە بەدەن ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ .

قولدا لەزەتلىنىشنى تىزگىنلەپ ئۆزىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك .


قولدا لەزەتلىنىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالسا ، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە چوڭ تەسىر يەتكۈزدۇ . قولىدا لەزەتلىنىپ ئۆگىنىپ قالغانلار مەلۇم يېتەكچىلىكنى قوبۇل قىلىشى ، ئۇنى ئاستا – ئاستا تاشلىۋېتىشى كېرەك . بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكى تەكلىپنى بېرىمىز .


1) ياخشى ئادەتنى يېتىلدۇرۈش كېرەك . ۋاقتىدا يېتىپ – قوپۇش ، ئاچچىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىش ، زۇرۈر بولمىغان قۇۋەت ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستىمال قىلماسلىق ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تازلىققا دىققەت قىلىپ ، تاشقى جىنسىي ئەزانى پات – پات يۇيۇپ تۇرۇش ، تار كىيىم كېيمەسلىك ، شەھۋانىي كىتاپ ، فىلىم ، ۋە خىياللارنى قىلماسلىق كېرەك .


2) پايدىلىق ھەركەت بىلەن شوغۇللىنىش كېرەك . مەسىلەن : توپ ئويناش ، يۈگۈرەش ، تاققا چىقىش ، سۇ ئۈزۈش …………… بۇنداق قىلغاندا ھەم جىنسىي مەسىلىگە بولغان دىققەت – ئېتىبارنى تارقاقلاشتۇرغىلى ھەم بەدەننى چارچىتىپ ، ئاسان ئۇخلىغىلى بولىدۇ .


3) ناچار غىدىغلاشنى ئازايتىش كېرەك . ياش – ئۆسمۈرلەر جەمىيەت ۋە ئائىلنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ،ئىرادىسى ئاجىز ، پىسخىك ساپاسى تۆۋەن بولغاچقا ، سىرتنىڭ ناچار غىدىقلىنىش تەسىرگە ئۇچىرايدۇ . شۇڭا قولدا لەزەتلىنىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن ، ساغلام بولغان جىنسىي پىسخىكىسىنى يېتىلدۇرۈش كېرەك . شۇڭا مۇۋاپىق تەربىيلەش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ،ئوخشاش بولمىغان جىنىسىي باسقۇچتىكى ياش – ئۆسمۈلەرگە جىنىسىي ساغلامىلىق بىلىملىرىنى ئۈگىتىش ، بۇ ئارقىلىق جىنسىي پىسخىكا ئىلمىي تونۇشىغا ئىگە قىلىپ ئۇلارنىڭ پىسخىك بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ، كىشىلەرنى قول بىلەن لەزەتلىنىشكە توغرا مۇئامىلە قىلدىغان ۋە ئۇنى ئاڭلىق ھالدا چەكلەيدىغان قىلىش كېرەك

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-28 / 08:46:37

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ