دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
27 تانە باھا سۆزى بار
4373 يازمىسى بار

ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى

ئائىلە جەمىئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى.ئۇ بەلگىكىك دائىرىدىكى ئۇرۇق–تۇغقانچىلىقتىن قۇرۇلغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىرلىكى بولۇپ،بۇنداق ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇ ناسىۋىتى نىكاھ بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن پەيدا بولغان.بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،نىكاھ ئائىلىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.دېمەك،نىكاھ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق گەۋدىدىن ئائىلە جەمەتى بارلىققا كېلىدۇ.

قول نېمە ئۈچۈن تىترەيدۇ؟

ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن: «قولۇم نېمىشقا تىترەيدۇ؟ مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟» دېگەندەك سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ كىشىلەر ئاساسلىقى ئۇزاق مەزگىل كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتچىلەر، ياشلار-ئۆسمۈرلەر، ياشانغانلارمۇ بار، ھەقىقەتەن قېرى-ياش ھەممەيلەندە بار دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇيقۇ دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرەلەمدۇ؟

ئالزېيمېر كېسىلى (AD) يوشۇرۇن تەرەققىي قىلىدىغان نېرۋا سىستېمىسى چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك. كىلىنىكىدا ئەستە تۇتۇش توسالغۇسى، سۆزلىيەلمەسلىك، بىر نەرسىلەرنى ئىشلىتەلمەسلىك، تونۇيالماسلىق، كۆرۈش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ھەمدە خاراكتېر ۋە ھەرىكەت ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئومۇميۈزلۈك دېۋەڭلىكنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدىلىك قىلىنىدۇ، كېسەللىك سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.

تىل ئۇيۇشۇش

1. نېرۋا زەخىملىنىش باش قىسمى زەخىملىنىش، سەكتە، كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان قېتىشىش قاتارلىق نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسى تىل نېرۋىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، تىل ئۇيۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

مۇسكۇل يىگىلەش

مۇسكۇل يىگلەش مۇسكۇلنىڭ ھەجىمى ۋە كۈچىنىڭ ئازىيىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ياكى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇ بەلكىم ياش، كېسەللىك، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ھەرىكەت كەمچىل بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل سەۋەبلەردىن بولۇشى مۇمكىن. 

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سانى RBC

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سانى ( RBC ) قان تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ ،قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپ خىل قان كېسەللىكلىرى، قان ئازلىق ۋە باشقا پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى كۆزىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. نورمال دائىرىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ئورگانىزمنىڭ ئوكسىگېن توشۇش ئىقتىدارى ۋە مېتابولىزم ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى بىنورمال بولسا، يوشۇرۇن ساغلاملىق مەسىلىسىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن.

يۆتەلگەندە غىچ-غىچ ئاۋاز چىقىش

يۆتەلگەندە چىققان غىچ - غىچ ئاۋاز ئادەتتە نەپەس يولىنىڭ تارىيىشى ياكى توسۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خەتنە قىلغاندا ئەيدىز يۇقامدۇ؟

خەتنە قىلىش ئادىتى خەلقىمىزدە ئۇزۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە بولۇپ، بۇرۇندىن مەخسۇس خەتنىچى ئۇستاملار ئوغۇل بالىلارنى خەتنە قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يېزا-بازارلاردا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ياكى يەنە...

سېمىزلىك

سېمىزلىك بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى زىيادە ئېشىپ كېتىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بەدەندىكى ياغنىڭ زىيادە يىغىلىپ قېلىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدىكى بىر مۇھىم ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسى بولۇپ، كۆپ خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىئابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم ۋە بەزى راك كېسىلى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئۇيقۇسىراش

ئۇيقۇسىزلىق بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان ئۇيقۇ توسالغۇسى بولۇپ، ئۇخلىيالماسلىق، ئۇيقۇنى ساقلاش ياكى بالدۇر ئويغىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ شەخسنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە خىزمەت ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا يەنە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.