دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
27 تانە باھا سۆزى بار
4341 يازمىسى بار

بۆرەك ئاجىزلىقنىڭ تۈرلىرىنى چۈشىنەمسىز؟

بۆرەك ئاجىزلاش مۇقىم بىر خىل كېسەللىك ئەمەس. ئۇ پەقەت تېبابەتتىكى بۆرەك ۋە ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە كۆپىنچە كىشىلەر زادى قايسى خىلدىكى ئاجىزلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىماي قالايمىقان قۇۋۋەت تولۇقلاپ، ئالامەتلىرى ياخشىلانمىغاننىڭ ئۈستىگە مىجەزىنى بۇزۇۋېلىپ تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدىكى بۆرەك ئاجىزلىشىش زادى قانداق ئۇقۇم؟ قانداق قىلساق توغرا قۇۋۋەتلىنەلەيمىز؟

ماغدۇرسىزلىنىش

ماغدۇرسىزلىق بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، بەدەن چارچاش، ماغدۇرسىزلىق ۋە روھسىزلىق ھېس قىلىدۇ. 

ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇش ۋە گېموروي

يانفون ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىشتىكى «ئۆلچەملىك سەپلىمىسى»گە ئايلىنىپ، ھەتتا بەزى كىشىلەر ھاجەتخانىغا قەغەز ئالماي كىرىپ ئىشتىنىنى بۇلغاپ قويۇشنى ئۇنتۇسا ئۇنتۇيدۇكى ھەرگىزمۇ يانفون ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇمايدۇ. ھاجەتخانىدا يانفون ئوينىسىڭىزغۇ بىر مەھەل پەيزى بولىدۇ، لېكىن شەكىلسىز ھالدا تەرەت قىلىش ۋاقتىڭىزنى ئۇزارتىپ، كەلگۈسىدە سىزنىڭ گېموروي كېسىلى سەۋەبىدىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىشىڭىزدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپلىگەن يانفونغا «ئاشىق» ياشلار ھاجەتخانىدا يانفون ئويناش بەدىلىگە «گېموروي» مۇكاپاتىغا ئېرىشىۋاتىدۇ.

ئاغرىق

ئاغرىق بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان فىزىيولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق ھادىسە بولۇپ، توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشى ياكى يوشۇرۇن زەخىملىنىشىگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىشتە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ھەمدە داۋالاش ئۇسۇلى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. 

قىشتا ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدىغان تۆت چوڭ ئەزا ۋە تەڭشەش ئۇسۇلى

قىش پەسلى ئادەمنىڭ ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدىغان پەسىل بولۇپ، پات ـ پات يۇتقۇنچاق قۇرۇپ ئاغرىش، ئىككى كۆز قىزىرىش، بۇرۇن بوشلۇقى قىززىش، ئېغىز قۇرۇپ تىل ئاغرىش ۋە جاۋىغاي ئاغرىش، بۇرۇنى قاناش، چىش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ ئالامەتلەر ئادەتتە بىز داۋاملىق دەيدىغان «ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش». ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا بەدەندىكى «ئىسسىق»نى ۋاقتىدا ياندۇرغىلى بولىدۇ؟

يىرىڭلىق قاپارتقۇ

يىرىڭلىق قاپارتقۇ تېرىدىكى بىر خىل كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، تېرە يۈزىدە يىرىڭ بىلەن تولغان كىچىك خالتىلىق پۈۋەكچە پەيدا بولىدۇ. ئۇنى كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۇقۇملىنىش، زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تومۇر ئاستا سوقۇش

تومۇر سوقۇشى ئاستا بولۇش سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ يۈرەكنىڭ سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنىڭ ھاياجانلىنىش سۈرئىتى نورمال دائىرىدىن تۆۋەن بولۇپ، يۈرەك رىتىمىنىڭ ئاستىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولۇشىمۇ، بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئىپادىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ سەۋەبى ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلىنى چۈشىنىش مۇۋاپىق داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا پايدىلىق.

كۆپ تەرلەش ۋە ئۇنىڭ رېتسېپى

كۆپ تەرلەش بۇ ھەرخىل روھىي ئامىللار ۋە سوزۇلما كېسەللىك، بەەدەن ئاجىزلىق، قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك ۋە باشقا سەۋەبلەردىن جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانمىغان ياكى ھاۋا ئىسسىق بولمىسىمۇ ئورۇنسىز ھالدا بەدەننىڭ ئالىقان، تاپان، پېشانە، قولتۇق قاتارلىق جايلار ئادەتتىكىدىن زىيادە تەرلەيدىغان، بەدەن ئاجىزلايدىغان، كىچىك تەرەت قېتىمى كۆپ بولىدىغان، بەزىدە بەدەندە جاراھەت پەيدا بولىدىغان ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان تېرە كېسىلى.

ئۇيقۇسى ئېغىرلارغا شىپا رېتسېپلار

ئېغىر ئۇيقۇ مېڭىدە ئارتۇقچە سوغۇق مىزاج ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇش، ھۆللۈك مېڭىنىڭ ئالدى تەرىپىگە يىغىلىپ قېلىش، بۇخاراتلار ئۆپكە ياكى كۆكرەكتىن يۇقىرى چىقىش قاتارلىق كۆپلىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، تۆۋەندە بۇنىڭغا مەنپەئەت قىلىدىغان رېتسېپلارنى تونۇشتۇرىمىز:

دىئابىت كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئەپچىل رېتسېپلار

1 – يېرىم ئىستاكان نېلۇپەر يىلتىزىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە قايناقسۇغا چېلىپ ئىچسە بولىدۇ. 2 – 30 گرام يېڭى ئۈجمە، 15 گرام قارا كۈنجۈت ۋە 15 گرام ياڭاق مېغىزىنى ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن قايناقسۇغا چېلىپ ئىچسە، دىئابىت كېسىلىدىن بولغان بەل كۈيۈشۈپ ئاغرىش، ئالدى پىشاپ قىستاش، ئۇسساش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.