ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى (تارتىشىپ قېلىش)

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى (تارتىشىپ قېلىش)

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى دېگەن نېمە؟

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلىنى بەزىلەر تارتىشىپ قېلىش كېسىلىمۇ دەپ قويىدۇ. لۇغەتتە يەنە ئېپىلېپسىيە، تۇتقاق كېسەل، سەرئى، شەرئى دەپمۇ ئېلىنغان.

تۇتقاقلىق بۇ كېسەللىكنىڭ ئومۇمىي ئىسمى بولۇپ، تارتىشىپ قېلىش بولسا بۇ كېسەللىك قوزغالغاندا بىمار بەدىنىدىكى بىنورمال بەدەن ھەرىكىتىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك (ئۇزۇن مۇددەتلىك) كېسەللىك بولۇپ ، نورمال ئېلېكتىر پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ بەزى بىنورمال دەرىجىدىكى ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بىنورمال ئېلېكتىر پائالىيەتلىرى كېلىپ چىقىشى ۋە نەتىجىدە تۇتقاق تۇتۇش پەيدا بولىدۇ.

تۇتقاقلىق كېسىلى ھەم چوڭلاردا ھەم بالىلاردا كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. ئەمما بالىلىق دەۋرىدە تۇتقاقلىق كېسىلى كۆرۈلۈش نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن دەۋردىكى كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. بۇلار كۆپىنچە بىر قىسمى مەلۇم ئىرسىيەت ۋە تۇغما كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە ، پۈتۈن دۇنيادا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىنغان بالىلارنىڭ تەخمىنەن% 1 ىنىڭ سەۋەبى تۇتقاقلىقتىن كېلىپ چىققان جىددىي تۇتقاق قوزغىلىش ئەھۋالى ئىكەن.

تۇتقاقلىق كېسىلى ئادەتتە تۇغما ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىن بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مېڭە توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەخمگە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ كېسەللىك بىر ئىنسان تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھاياتنىڭ ھەر قانداق يېشىدا كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت مېڭىدە ئۆسمە پەيدا بولۇپ قېلىپ، نورمال مىڭە توقۇلمىلىرىنى قىستاش، بېسىۋېلىش، بىنورمال ماددا ئىشلەپ چىقىرىش سەۋەپلىكمۇ تۇتقاقلىق كېسىلى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

 

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى تەرجىمىسى:

ئۇيغۇرچە: بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى
تۈركچە: Çocuk Epilepsi
خەنزۇچە: 儿童癫痫
ئىنگىلىزچە: Children epilepsy

 

تارتىشىپ قېلىش تەرجىمىسى

ئۇيغۇرچە: تارتىشىپ قېلىش
تۈركچە: Spazm
خەنزۇچە: 痉挛
ئىنگىلىزچە: spasm

 

تۇتقاق تۇتۇش تەرجىمىسى

ئۇيغۇرچە: تۇتقاق تۇتۇش, تۇتقاق قوزغىلىش
تۈركچە: Nöbet
خەنزۇچە: 癫痫发作
ئىنگىلىزچە: Seizure

بەزى قېرىنداشلار تارتىشىپ قېلىش كەلىمىسىنى تۇتقاق كېسىلى جىددىي قوزغالغاندىكى تۇتقات تۇتۇش، تۇتقاق قوزغىلىشنىڭ يېرىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.

 

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ سەۋەبلىرى

بالىلاردا تۇتقاقلىق كېسىلى كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  1. تۇغما ۋەيا ئىرسىي كېسەللىكلەر
  2. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مىكروپ ياكى ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلىرى
  3. تۇغۇلۇش جەريانىدا مېڭە يارىلىنىش سەۋەبلىك زەخىملىنىشى، مېڭە توقۇلمىلىرى قاناش ۋەيا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك كېلىپ چىققان مېڭە زەخملىنىشى
  4. تۇغۇتتىن كېيىنكى مېڭە پەردە ياللۇغى ، مېڭە ياللۇغى ، تاسادىپىي مېڭە زەخىملىنىش
  5. مېڭە ئۆسمىسى
  6. قىزىتما يۇقىرىلاپ كېتىش، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قىزىتمىنى چۈشۈرەلمەسلىك، ئۇزۇن مۇددەت قىزىق ھالەتتە قېلىش (بوۋاقلاردا، بالىلاردا ئەڭ كۆپ مۇشۇ سەۋەپتىن بولىدۇ)
  7. باشقا سەۋەپلەر

 

تۇتقاق جىددىي قوزغىلىپ قېلىش سەۋەبلىرى

  1. يۇقىرى قىزىتما.
    كېسەللىكلەر، ئىسسىق ھاۋا، كۆپ كىيىندۈرۋېتىش سەۋەپلىك كېلىپ چىققان يۇقىرى قىزىتما سەۋەپلىك تۇتقاق تۇتۇش كۆرۈلىدۇ. بۇ بوۋاق بالىلاردا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر سەۋەبى ھىساپلىنىدۇ.
  2. بەدەندە ياللۇغ.
    مەسىلەن ئاڭگىنا، ئۆپكە ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ئىچى سۈرۈش، ئۈچەي ياللۇغى… قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ بەدەندە ئاغرىق پەيدا قىلىپ، تۇتقاق قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  3. تېلېفون ئېكرانى، تېلېۋىزور ئېكرانى، چىراق نۇرىنىڭ تېز سۈرئەتتە بىنورمال يېنىپ ئۆچۈشى.
  4. روھىي بېسىم.
    ئائىلدىكى ئاتا ئانىلاردىن، مەكتەپتىكى مۇئەللىم ساۋاقداشلىرى، خىزمەتداشلىرى ۋەيا ئەتراپتىكىلىرىدىن كەلگەن ئېغىر روھىي بېسىممۇ تۇيۇقسىز تۇتقاق قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  5. تۇتقاقلىق دورىسىنى ۋاقتىدا ئالماسلىق.
  6. باشقا سەۋەپلەر…

 

 

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى تۈرلىرى

تۇتقاقلىقنىڭ قوزغىلىش شەكلىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى 3 تۈركە بۆلۈنىدۇ:

1. ئاددىي قىسمەن تۇتقاق قوزغىلىش
Simple partial seizure ( epilepsy )
癫痫单纯部分性发作
Basit parsiyel nöbet

2. مۇرەككەپ قىسمەن تۇتقاق قوزغىلىش
Complex partial seizure ( epilepsy )
癫痫复杂部分性发作
Kompleks parsiyel nöbet

3. ئومۇميۈزلۈك تۇتقاق قوزغىلىش
Generalized seizure ( epilepsy )
癫痫全面性发作
Jeneralize nöbet

ئومۇميۈزلۈك تۇتقاق قوزغىلىش ئەھۋالى، ئۆز ئىچىدىنمۇ 6 تارماق تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1). خۇدىنى يوقىتىش خاراكتېرلىك تۇتقاق قوزغىلىش
Absences seizure ( epilepsy )
失神性癫痫发作
Absens nöbet

بۇ ئەھۋالنى ئىلگىرى كىچىك قوزغىلىش ياكى يوشۇرۇن قوزغىلىش مۇ دەپ ئاتىغان.
petit mal
癫痫小发作
petit mal

2). مۇسكۇل قىسقىرشچان تۇتقاق قوزغىلىش/ مىيوكالونىك تۇتقاق قوزغىلىش
Myoclonic seizures
肌肉阵挛性癫痫发作(肌抽躍型發作)
Miyoklonik nöbet

3). كلونىك تۇتقاق قوزغىلىش
Clonic seizures
阵挛性癫痫发作
klonik nöbet

4). ئاتونىك تۇتقاق قوزغىلىش (كېرىلىش كۈچى يوقىلىش خاراكتېرلىك تۇتقاق قوزغىلىش)
Atonic seizures
失张力癫痫发作
Atonik nöbet

5). قېتىش خاراكتېرلىك تۇتقاق قوزغىلىش
Tonic seizures
强直癫痫发作
Tonik nöbet

6). قېتىش-كلونىك خاراكتېرلىك تۇتقاق قوزغىلىش (تونىك-كلونىك تۇتقاق تۇتۇش)
Tonic-clonic seizures
强直-阵挛性癫痫发作
Tonik-klonik nöbet

بۇ ئالتىنجى تۈرى بولغان قېتىش-كلونىك خاراكتېرلىك تۇتقاق قوزغىلىشنى ئىلگىرى چوڭ قوزغىلىش، ئېغىر تۇتقاق تۇتۇش، چوڭ تارتىشىپ قېلىشمۇ دەپ ئاتىغان.
grand mal 癫痫大发作

بۇنىڭدىن سىرت كېسەل سەۋەبى، كېسەللىك ئورنىغا ئاساسەن ئايرىلغان تۈرىلىرىنى بىز بۇ يەردە تەپسىلىي دەپ ئۆتمىدۇق. كېيىن يەنە تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تارماق تۈرلەرگە ئايرىلىشىمۇ مۇمكىن.

 

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى ئالامەتلىرى

بالىلاردا تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىدە ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

 

ئاددىي قىسمەن تۇتقاق قوزغىلىش ئالامەتلىرى:

بۇ تۈردىكى تۇتقاقلىق ئاساسلىقى مېڭىنىڭ بىر كىچىك قىسىمدىن چىققان بىنورمال ئېلېكترىك پائالىيەتلىرى سەۋەپلىك مەيدانغا كېلىدۇ. شۇڭا ئاددىي قىسمەن تۇتقاق تۇتۇش كۆرۈلگەندە، بىمار ئەس ھۇشىنى يوقىتىپ قويمايدۇ ۋە بەدەندىكى بولۇۋاتقان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ھىس قىلالايدۇ:

 

  1. بەدەندە غەلىتە ھىس تۇيغۇ پەيدا بولۇش.
  2. ئىچى ئېلىشىش، ئاشقازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندەك بولۇش.
  3. ئىلگىرى بۇ خىل ھىس تۇيغۇ بولۇپ باققانلىقىنى ئەمما ئېنىق تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىش.
  4. بىنورمال پۇراق، تەم ھىس قىلىش.
  5. قول، بىلەك، مۈرە، پاچاق، پۇت…يىڭنە سانجىلغاندەك ئاغرىش ياكى ئۇيۇشۇش.
  6. قورقۇنچ بېسىش.
  7. قول پۇت مۇسكۇللىرىدا تارتىش پەيدا بولۇش (مۇسكۇل لىپىلداش سەكرەك)، بىمالال كونترول ھەرىكەت قىلالماسلىق.
  8. باشقىلار….

 

مۇرەككەپ قىسمەن تۇتقاق قوزغىلىش ئالامەتلىرى:

بۇ تۈردىكى تۇتقاق قوزغىلىشلاردا بولسا، مېڭىنىڭ بىر قىسىمدىن چىققان بىنورمال ئېلېكترىك ئېقىملار مېڭىنىڭ باشقا قىسىملىرىغىمۇ ئاز تولا تەسىر كۆرسەتكەچكە، بىماردا قىسمەن ئەس ھوشىنى يوقىتىپ قويۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدەندىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۇتقاق تۇتۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ:

  1. ئېغىز كالپۇك تىترەش.
  2. كۆز قارىچۇغى تىترەش ياكى روھسىز كۆرۈنۈش.
  3. غەلىتە ئاۋاز چىقىرىش.
  4. قولىنى ئۇۋىلاش.
  5. قولىنى قالايمىقان ھەرىكەتلەندۈرۈش.
  6. كىيىمنى تارتىش.
  7. تۇيۇقسىز چايناش ياكى يۇتۇش ھەرىكىتىنى قىلىش.
  8. ئەتراپتىكى بويۇملارنى قالايمىقان تۇتۇش.
  9. قولىدا تۇتۇپ تۇرغان جىسىم (تېلېفون، ئىستاكان) چۈشۈپ كېتىش.
  10. باشقىلار…

 

ئومۇميۈزلۈك تۇتقاق قوزغىلىش ئالامەتلىرى

ئومۇميۈزلۈك تۇتقاق قوزغىلىش بولسا، مۇرەككەپ قىسمەن تۇتقاق قوزغىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئومۇميۈزلۈك تۇتقاق قوزغىلىش مېڭىدىكى كېسەللىك قىسىمدىن چىققان ئېلېكتىر ئېقىمى پۈتۈن مېڭە نېرۋىلىرىدا قالايمىقان ئېقىپ ھەرىكەت قىلىپ، بىمار ھەم ئەس ھوشىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ. ھەم بەدەندە يېنىكتىن ئېغىرغىچە بولغان ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. تۆۋەندە ھەربىر ئومۇميۈزلۈك تۇتقاق قوزغىلىش تارماق تۈرىدە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنى دەپ ئۆتىمىز.

 

1) خۇدىنى يوقىتىش خاراكتېرلىك تۇتقاق قوزغىلىش ئالامەتلىرى

بۇ خىل تۇتقاق تۇتۇش يۈز بەرگەندە، بىمار  5-15 سىكونتقىچە ئەتراپقا بولغان دېققىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇ ۋاقىت ئارىلىقىدا، بىمار جىممىدە بوشلۇققا قاراپ تۇرۇپ ھاڭۋىقىپ قالىدۇ . بىمارنىڭ كۆزى قۇيرۇقى ۋەيا ئاغزى بىلەر بىلمەس تىترەيدۇ، بەدەندە باشقا چوڭ بىر ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بۇ ۋاقىت ئارىلىقىدىكى خاتىرىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇ تۈردىكى تۇتقاقلىقنى بايقاش ناھايىتى تەس. بۇ بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ ھەم ۋاقتىدا بايقالمايدۇ. بۇ بالىلار مەكتەپتىكى ئوقۇش ئىپادىسى سەل ناچار، ئىمتىھان نەتىجىسى تۆۋەنراق بولىدۇ.

 

2) مۇسكۇل قىسقىرشچان تارتىشىش/ مىيوكالونىك تارتىشىش ئالامەتلىرى

….

 

3) ئاتونىك (كېرىلىش كۈچى يوقىلىش خاراكتېرلىك) تارتىشىش ئالامەتلىرى

ئاتونىك تۇتقاق قوزغىلىش (كېرىلىش كۈچىنى يوقىتىش خاراكتېرلىك تۇتقاق قوزغىلىش) ئەھۋالىمۇ نىسبەتەن يېنىك بىر تۈردىكى تۇتقاق ھېساپلانسىمۇ، ئەمما بۇ تۇتقاق قوزغالغاندا بىمار بەدىنىدىكى مۇسكۇللار تۇيۇقسىز بوشىشىپ كەتكەچكە، بىمار ئاسانلا يىقىلىپ چۈشۈشى مۇمكىن ۋە بەدىنى زەخىملىنىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت ئەگەر ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا، سۇ ئۈزۈۋاتقاندا يۈز بەرسىمۇ خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ تۈردىكى تۇتقاق قوزغىلىش ئادەتتە 15-20 سىكونت داۋام قىلىشى مۇمكىن.

 

4) كلونىك تارتىشىش ئالامەتلىرى

كلونىك تۇتقاق تۇتۇش كۆرۈلگەندە، تەسىرگە ئۇچرىغان مۇسكۇللاردا تەكرار رېتىملىق تارتىشىش ۋە بوشىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بويۇن ، يۈز ۋە قول مۇسكۇلى بۇ تۇتقاقلىق تىپىدىكى مۇسكۇللار ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. تۇتۇپ قېلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن توختاتقىلى بولمايدۇ. بۇ خىل تۇتقاقلىق 2 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋام قىلىشى مۇمكىن ۋە بۇ ۋاقىتتا بىماريۇقىرى ئېھتىماللىقتا ئەس ھۇشىنى يوقىتىپ قويۇپ نىمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ.

 

5) قېتىش خاراكتېرلىك تارتىشىش ئالامەتلىرى

قېتىش خاراكتېرلىك تۇتقاق قوزغىلىشتا، بەدەندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى مۇسكۇللارنىڭ قاتتىق ۋە داۋاملىق تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. قول، پاچاق، دۈمبە مۇسكۇللىرى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان قىسىملار ھىساپلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى تۇتقاق تۇتقاندا، ئەس ھۇدىنى بەزىدە يوقاتمايدۇ يۇ مۇسكۇللارنىڭ قاتتىق تارتىشىش سەۋەپلىك قاتتىق ئاغرىق ھىس قىلىدۇ، تۇتقاقلىق ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ۋاقىتتىكى بەدەن ئەھۋالىنى قايتا ئەسلەشنى خالاپ كەتمەيدۇ.

 

6) قېتىش – كلونىك خاراكتېرلىك تۇتقاق قوزغىلىش ئالامەتلىرى

بۇ خىل تۇتقاق قوزغىلىش ئېغىر تۇتقاق قوزغىلىش ھېساپلىنىدۇ. بۇ خىل تۇتقاق قوزغالغاندا بىمار ئاۋۋال قېتىشىپ تۇتقاق تۇتۇش دەۋرىگە كىرىدۇ، يەنى پۇت قوللىرى  تارتىىشىپ قاتتىقلىشىپ، قوسقى ئۈستىگە كۆتۈرىدۇ. كۆپىنچە بىمارلار بۇ ۋاقىتتا بەدەن شەكلى كۆۋرۈككە ئوخشاپ قالىدۇ، ئەس ھۇشىنى بۇ ۋاقىتتا يوقاتماسلىقى مۇمكىن. ئەمما بىمار ئاغرىقتىن ئازاپلىنىدۇ.

ئاندىن بىمار كلونىك تۇتقاق تۇتۇش دەۋرىگە كىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىمارنىڭ قوللىرى، پۇت تىزلىرى ئىگىلىپ كىرىشىپ، رېتىملىق تارتىشىش ۋە بوشىشىش دەۋرىگە كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۆپىنچە بىمارلار ئەس ھۇشىنى يوقىتىشى مۇمكىن.  بېشىنى ئارقىسىغا ئۇرۇشى مۇمكىن. بۇ چاغدا جەينەك، باشنىڭ ئارقىسى.. قاتارلىق قىسىملارنى يارىلاندۇرۇۋېلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

بۇ خىلدىكى تۇتقاق قوزغىلىش ئېغىر قوزغىلىش ھىساپلىنىدۇ.

 

 

يۇقارىدا دەپ ئۆتكەن تۇتقاق قوزغىلىش ئەھۋاللىرى بەزىدە يالغۇز كۆرۈلسە بەزىدە بىرلىكتە كۆرۈلۈشى مۇمكىن .

 

بالىلار تۇتقاقلىق كېسىلىنى تەكشۈرۈپ داۋالىتىش ئۈچۈن قايسى بۆلۈمگە بېرىشىم كېرەك؟

نورمالدا، بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسلىگە تەكشۈرۈپ، دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن، بالىلار مېڭە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك.

بەزى رايونلاردا ئائىلە دوختۇرى، بالىلار ساغلاملىقى ۋە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ بالىنىڭ بەدەن ئەھۋالىنى دەپ ئۆتكەندە، شۇ بۆلۈم دوختۇرلىرى بىمارنى بالىلار مېڭە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە ئەۋەتىدۇ.

ئەمما بالىلار تۇتقاقلىق كېسىلى جىددىي قوزغىلىپ قالغاندا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە (شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە) بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرۈش داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

 

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلىگە قانداق دىئاگنوز قويىدۇ؟

1) كېسەل تارىخى ۋە فىزىكىلىق تەكشۈرۈش

دوختۇر بىمار ئۆزىدىن ۋە ئاتا ئانسىدىن تەپسىلىي بىمار كېسەل تارىخى ، ئائىلە كېسەل تارىخى، فىزىكىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق دەسلەپكى دىئاگنوزنى قويىدۇ. دىئاگنوزنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش، EEG، MRI … قاتارلىق تەكشۈرۈشلەرنىمۇ قىلىدۇ.

 

2) ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما (مېڭە ئېلېكتر ھەرىكىتى كۈزىتىش ئەسۋابى)

EEG
Electroencephalogram
脑电图

بۇ مېڭە دولقۇنى ئېقىم ھەرىكىتىنى تەكشۈرىدىغان بىر خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلى. مېڭىدىكى ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ شەكلى ۋە مېڭىنىڭ قەيەردىن قايسى تەرەپكە قاراپ ماڭغانلىقىنى، ئالاھىدە ئەھۋاللاردا قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلىگىلى بولىدۇ.

 

3) يادرو ماگنېتىك رېزونانسى

MRI
核磁共振

چوڭ مېڭىنىڭ ئاناتومىيىسىدە تۇتقاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلە (ئۆسمە ، يېتىلىش قالايمىقانچىلىقى قاتارلىقلار) بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرگىلى بولىدىغان بىر خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلى. بۇنىڭ بەدەنگە رادىئاكسىيە زىيىنى يوق. كەمچىللىكى بەدەندە تۆمۈر مېتال بولسا تەكشۈرگىلى بولمايدۇ.

 

ھازىر تىببىي پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى ھەم قولاي بولغان تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى بارلىققا كەلمەكتە ۋە كېلىۋاتماقتا.

 

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى قايسىلار؟

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالاش ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. بىرسى كېسەل سەۋەبىنى داۋالاش، ئىككىنجىسى كېسەل قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۈچىنجىسى جىددىي قوزغالغاندا جىددىي بىر تەرەپ قىلىشتۇر.

ھازىر تۇتقاقلىق كېسىلىنى دەسلەپكى داۋالاش دورا ئارقىلىق داۋالاش بولۇپ ، بالىلار نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. % 70 بالىلار دورىلىق داۋالاشقا ئاكتىپ ئىنكاس بېرىدۇ يەنى كېسەل قوزغىلىشى ئازىيىدۇ. ئەمما 30% بىمارلارغا بولسا ھازىرقى دورىلار ئانچە پايدا قىلمايدۇ.

ھازىر بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالاشتا ئاساسلىقى ئىككى تۈرلۈك دورىنى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ئەگەر بىر بالا بىمار ئىككىلى دورىغا ئىنكاس بەرمىسە، ئۇ چاغدا ئوپىراتسىيە قىلىش ئارقىلىق داۋالاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

توغرا تاللانغان بىمارلارغا ئېلىپ بېرىلغان تۇتقاقلىق ئوپىراتسىيسى ئادەتتە 80% ئەتراپىدا ئۇتۇقلۇق بولىدۇ. يەنى 80% گە يېقىن بىمارلار بۇ ئوپىراتسىيىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ. ئەمما خالىغان بىر تۇتقاقلىق كېسىلى بار بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوپىراتسىيە كاندىداتى بولالمايدۇ.

يېقىنقى يىللاردا، دورىلىق داۋالاش ۋە ئوپىراتسىيە قىلىش ئۇيغۇن بولمىغان بىمار بالىلارغا، بەزى بالىلار مېڭە كېسەللىكلىرى دوختۇرى كېتون ھاسىل قىلغۇچى تاماقلارنى ئىستىمال قىلدۇرۇش ئارقىلىقمۇ تۇتقاق تۇتۇش  نىسبىتىنى تۆۋەتلەتكىلى بولىدىغانلىقى بايقالغان.

تۇتقاقلىق كېسىلى جىددىي قوزغالغاندا داۋالاش ئۇسۇلى ئاساسلىقى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كۆرۈلىدىغان جىددىي ئالامەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەركەزلىشىدۇ. مەسىلەن بەدەن زىيادە تارتىشىپ قالغاندا دىئازېپام تۈردىكى دورىلارنى بېرىدۇ. ئەمما بۇ داۋالاشلارنىڭ ئەكس تەسىرى كۆپ بولغاچقا، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى مۇھىتىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

 

تۇرمۇشتا ئاتا ئانىلار نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغىلىشىنىڭ سەۋەپلىرى قىزىش، كۆڭۈل ئازارلىنىش، بەدەندە ئاغرىق بولۇش، زىيادە ھېرىپ چارچاپ كېتىش، ئۇيقۇسى ئاز بولۇش، بەدەندە ياللۇغ بولۇش (سۈيدۈك ياللۇغى، ئاڭگىنا، ئۈچەي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى….)، ئادەت كېلىش، توساتتىن قاتتىق قورقۇش… قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا ئانىلار تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىپ قويۇش كېرەك:

  1. ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ قايسى ئەھۋال ئاستىدا كېسەل قوزغىلىپ قالىدىغانلىقىنى ياخشى خاتىرىلىۋېلىش كېرەك.
  2. يېمەك ئىچمەك ۋاقتىدا ھەم تەڭپۇڭ، ئوزۇقلۇق مىقتارى يېتەرلىك بولۇش كېرەك.
  3. بەدەن ساپاسىنى يۇقىرىتىش. بەك ئېغىر بولمىغان تەنھەرىكەتلەر ئارقىلىق بەدەن ئىممۇنىتېتى كۈچلەندۈرۈش كېرەك.
  4. بەدەندە باشقا كېسەللىك بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.
  5. قىزىتمىنى ۋاقتىدا چۈشۈرۈش!!! ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قىزىتمىنى چۈشۈرۈلمىسە، ۋاقتىدا بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىش كېرەك.
  6. سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش.
  7. قەرەللىك ھالدا بالىلار ساقلىق ۋە كېسەللىك دوختۇرى، بالىلار مېڭە كېسەللىكلىرى دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇش كېرەك.
  8. تېلېفون، تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا لەپىلدەش نۇرلاردىن ساقلىنىش كېرەك.
  9. دورىلىرىنى ۋاقتىدا ئىستىمال قىلىش، دوختۇرنىڭ رۇخسىتىسىز توختاتماسلىق كېرەك.
  10. بالىغا كېسەل ئەھۋالىنى توغرا شەكىلدە چۈشەندۈرۈش ۋە بالىنىڭمۇ بەدىنىدىكى بۇ كېسەللىككە بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش كېرەك، قانداق ئەھۋاللاردا دىققەت قىلىشنى ئۆگىتىش كېرەك.
  11. بالىنى بىھۇدە ئازارلىماسلىق كېرەك.
  12. بالا بىلەن دائىم دوستانە سىردىشىش ئارقىلىق، مەكتەپ ۋە دوستىلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئېگەللەپ تۇرۇش كېرەك.
  13. ئاتا-ئانا داۋاملىق بۇ كېسەللىك ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش، ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.
  14. بالىنىڭ تەكشۈرگەن نەتىجىلىرىنى بولۇپمۇ قان تەكشۈرۈش، MRI، EEG… قاتارلىقلارنى ھۈججەت خالىتىسىدا، يىل تارىخى بويىچە ساقلاپ قويۇڭ.
  15. باشقىلار…

 

بالىڭىزدا تۇتقاقلىق كېسىلى جىددىي قوزغالغاندا نېمە قىلىش كېرەك؟

تۆۋەندە بالىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغاندا، قىلىش ۋە قىلماسلىققا ئائىت مۇھىم ئىشلارنى دەپ ئۆتىمىز:

  1. بىرىنجى ئەڭ مۇھىم ئويلىشىدىغان ئىش، بىمارنىڭ ھاۋا نەپەسلىنىش يولىنى ئوچۇق تۇتۇشقا تىرىشىش كېرەك. بىمار بىر بۇرنىدىن، بىرسى ئاغزىدىن نەپەسلىنىدۇ. يۈزىنى بۇرنىنى تۇتۇۋالماسلىق كېرەك.
  2. يېنىمىزدىكى بىرسىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغاننى بايقىغان ھامان، يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ئاندىن بىمارنى ئوڭ ياكى سول تەرەپكە ياتقۇزۇش لازىم.
  3. ئاغزىغا ھىچ نەرسە سالماسلىق كېرەك. ئاغزىدىن چىققان تۈكۈرۈكنى ئىتتىك سۈرتۈۋېتىش لازىم. بولمىسا يۈتۈۋېلىپ، نەپەسلىنىشنى قىيىنلاشتۇرۋېتىدۇ.
    (بەزى ئاتا-ئانىلار تارتىشىپ قالغان بالىنى تىلىنى چىشلىۋالمىسۇن دەپ، ئۆزىنىڭ قولىنى چىشلەتكۈزىدۇ، ياكى قولى بارمىقى بىلەن ئاغزىنى ئېچىشقا تىرىشىدۇ، بۇنى ھەرگىز ئېزىپ تېزىپ قىلماڭ. يا بالىنىڭ نەپىسى قىسىلىدۇ، ياكى بارمىقىڭىزنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىدۇ!!!)
  4. بېشىغا يۇمشاق ئېگىز بولمىغان ياستۇق قويغان ياخشى، بولمىسا بېشىنى قاتتىق يەرگە ئۇرۇپ زەخىملەندۈرىۋالىدۇ.
  5. تۈگمىلىك كىيىمى بوينىغىچە ئېتىلگەن بولسا، دەرھال ياقىسىىنى بوشىتىۋېتىش كېرەك.
  6. بالا ئەتراپىدىكى خەتەرلىك بويۇملارنى دەرھال ئېلىۋېتىش لازىم، خەتەرلىك مۇھىتتىن يىراقلاشتۇرۇش كېرەك.
  7. بالىنى سىلكىپ ئويغىتىشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك.
  8. يۈزىگە سۇ سەپمەسلىك، ياكى سۇ ئىچكۈزمەسلىك كېرەك، بۇرۇندىن ياكى ئېغىزدىن ئۆپكىسىگە كېتىپ نەپەسلىنىشنى توسۇۋېلىش مۇمكىن.
  9. بىمارنى ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىش كېرەك، جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا تېلېفون قىلىڭ، ياكى بالىڭىزنى كۆرۈۋاتقان دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
  10. باشقىلار…

 

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى ھەققىدە سوئال جاۋاپلار

 

كېسەل جىددىي قوزغالغاندا، كىنولاردىكىدەك ئاغزىغا ياغاچ چىشلىتىش كېرەكمۇ؟

جاۋاپ: ياق، تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغاندا، ئاغزىغا ھىچ بىر نەرسە قويماسلىق كېرەك. بولمىسا نەپەس ئېلىش قىيلىنىپ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. چىشلىرى قاتتىق كىرىشىپ كەتسىمۇ ئېچىشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك.

 

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى قانچە ياش ۋاقىتلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ؟

جاۋاپ: 0 ياشتىن 5 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بوۋاقلار بالىلاردا باشقا ياش گۇرۇپپىسىدىكى بالىلارغا قارىغاندا كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاسان قىزىپ قالىدىغان بالىلاردا بۇ ئىھتىماللىق تېخىمۇ يۇقىرى.

 

سوئال: بالامنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغىلىپ قالدى، 5 مىنۇتتىن كېيىن ئەسلىگە كەلدى، يەنە دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىم كېرەكمۇ؟ قاچان قايسى بۆلۈمگە ئاپىرىشىم كېرەك؟

جاۋاپ: ھەر بىر قېتىم تۇتقاق تۇتۇش يۈز بەرگەندە، چوقۇم دوختۇرخانىنىڭ بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىپ كونترول تەكشۈرۈش قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى ئارقىدىن يەنە قوزغىلىش قوزغالماسلىققا ھىچكىم كاپالەت بېرەلمەيدۇ.

 

سوئال: بالامنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى ئۆيدە جىددىي قوزغىلىپ قالغاندا نىمە دورا بەرسەم ساقىيىدۇ؟

جاۋاپ: ئۆيدە تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغاندا ھىچقانداق بىر دورا بەرمەسلىك لازىم. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بىمار (مەيلى بالا بولسۇن ياكى قۇرامىغا يەتكەن بىمار بولسۇن) ئېغىزدىن بىر نەرسە ئالسا ، ئۆپكىسىگە كېتىپ قىلىش ئىھتىماللىقى بولۇپ، نەپەس ئېلىشتا قىيلىنىدۇ. بۇ ناھايىتى ئېغىر ھەم خەتەرلىك بىر ئەھۋال، بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. شۇڭا جىددىي قوزغالغاندا يۇقارىدا دەپ ئۆتكەن جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى قىلىش بىلەن بىرگە ئەڭ يېقىن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىش لازىم.

 

تەييارلىغۇچى: نۇرمەمەت دوختۇر

مەنبە: دوختۇرلار تورى

داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ..

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
5
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-08-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-27 / 10:54:20

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

بىر باھا بار

  1. بۇ يازمىنى ئوقۇپ بالامنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىپ يەتتىم.. 13 يىلدىن بېرى پەرىشتە ئوغلۇمنىڭ قانداق شەكىلدە قايسى تۈردىكى كىسەللىك باسقۇچىنى بىشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى تېخىمۇ تەپسىلى بىلدىم …رەھمەت سىلەرگە ،، سىلەرگە ئوخشاش ئۆزىنى كەسپىگە بېغىشلىغان ۋە كەسپىنى سۆيگەن پەرىشتە سۈپەت ئىنسانلىرىمىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسۈن.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ