ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ

بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. ئۆيدە تاماكا چەكمەڭ بالىنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغاچقا، تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلارغا بىر قەدەر سەزگۈر كېلىدۇ. بولۇپمۇ تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار ئۇزۇن مەزگىل بالا تېنىگە قوبۇل قىلىنسا، باشقا ئەزالارغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. بالىنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولسا، زىيىنىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئەگەر، بالىڭىزنى ساغلام چوڭ بولسۇن دېسىڭىز ئۆيدە تاماكا چەكمەڭ.

بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ

2. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلدۇرماڭ بالىلارنىڭ ئۇستىخىنى ئۈزلۈكسىز ئۆسىدىغان بولغاچقا، نىسبەتەن يۇمشاق بولىدۇ. ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرسە ئۇستىخىنىنىڭ نورمال، تۈز ئۆسۈشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، يېنىك جىسمانىي ئەمگەك قىلدۇرۇشقا بولىدۇ، ئەمما ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلدۇرماسلىق كېرەك.

3. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ بەرمەڭ بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق كېلىدۇ. گەرچە تاتلىق يېمەكلىكلەر يېيىشلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭمۇ ئەكس تەسىرى بار. چۈنكى، تاتلىق يېمەكلىكلەر كالتسىي تەركىبى نىسبەتەن ئاز بولغان كىسلاتالىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ئادەمنىڭ بەدىنى نورمال ھالەتتە ئاجىز ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئەگەر تاتلىق يېمەكلىكنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلسا، بەدەن كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان تاتلىق يېمەكلىكلەر تەرىپىدىن نېيترال ياكى ئاجىز كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ قالىدۇ.

ئادەم بەدىنى كىسلاتالىق مۇھىتقا ماسلىشالمىغانلىقتىن، ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان كالتسىينى سەرپ قىلىش ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتىنى ئەسلىگە قايتۇرىدۇ. نەتىجىدە كالتسىي خوراپ، سۆڭەك ئۆسۈشى ئاستىلاش، پاكار بولۇپ قېلىش قاتارلىق ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەدەندە ئېشىپ قالغان قەنتلەر ياغقا ئايلىنىپ سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ھاراق ئىچمەڭ ھاراق كۆپ ئىچىلسە، ئادەمنىڭ تورمۇزىنى بوزىۋېتىدۇ. تورمۇز بۇزۇلسا قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. شۇڭا، ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.

5. تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ ئادەتتە نۇرغۇن كېسەللەر تازىلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، بالىنىڭ يېمەكلىكى، شەخسىي تازىلىقىغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، ھۇجرىسىنىڭمۇ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

6. بالىڭىزغا قالايمىقان دورا يېگۈزمەڭ بەزى ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ساغلام، بويىنىڭ ئېگىز بولۇشى ئۈچۈن ھەر خىل قۇۋۋەت دورىلىرى ۋە بوي ئۆستۈرۈش دورىلىرىنى يېگۈزىدۇ. بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ بەدەن تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ھورموننىڭ قالايمىقانلىشىشى ھەم بىر قىسىم ئەزالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، كالتسىي تولۇقلاش دورىلىرىنى كۆپ بەرسە، قان بېسىم تۆۋەنلەپ كېتىشنى، ياش قۇرامىغا يەتكەندە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.

ئەگەر قان بېسىم ئۇزۇن مەزگىل تۆۋەن بولسا، زېھنىنى يىغالماسلىق، تەپەككۇر ئىقتىدارى ئاجىزلاش، ئەقلىي ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئۆگىنىشىگە تەسىر قىلىپلا قالماي، يەنە ئارتۇق مىقداردىكى كالتسىي بۆرەككە تىنىۋېلىپ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. «ئەخلەت يېمەكلىك» لەرنى بەرمەڭ بازاردا سېتىلىۋاتقان ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن، خىمىيىلىك تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بالىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە زېھنىي قۇۋۋىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بالىغا بۇنداق يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-19 / 04:22:02

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ