ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالىلارغا كالا سۈتى بېرىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

بالىلارغا كالا سۈتى بېرىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بالىلار كالا سۈتى ئىستىمال قىلغاندا تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىپ قويغان ياخشى:

بالىلارغا كالا سۈتى بېرىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كالا سۈتى قانچە قويۇق بولسا شۇنچە ياخشى

قويۇق بولغان كالا سۈتى بولسا كالا سۈتىگە كۆپ مىقداردا سۈت پاراشوكى ئاز مىقداردا سۇ قوشقان بولىدۇ ، كالا سۈتىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى نورمال سېلىشتۇرما ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋىتىدۇ، بەزى ئادەملەر سۈت سۇيۇق بولۇپ قالسا، سۈت پاراشوكى قوشىدۇ. چۈنكى بالىنىڭ ئىچكى ئەزاسى يۇمران، ئۇزۇن مۇددەت قويۇق كالا سۈتىنى ئىستېمال قىلىۋەرسە ئىچى سۈرۈشنى ، قەۋزىيەتنى ،ئىشتىھاسىزلىقنى ھەتتا ئىشتىھا تۇتۇلۇشنى، يەنە جىددىي قاناش خاراكتېرلىك كىچىك ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

قەنتنى قانچە كۆپ قوشسا شۇنچە ياخشى

قەنت قوشۇشتىكى مەقسەت بولسا، كاربون سۇ بىرىكمىسى تەمىنلەيدىغان ئىسسقلىق ئېنىرگىيەسىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش، بىراق مىقدارى بەلگىلەنگەن بولىدۇ، ئادەتتە ھەر 100 مىللىلېتىر كالا سۈتىگە 5~8 گرام قەنت قوشىمىز.

كالا سۈتىگە قانداق قەنت قوشساق بولىدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى مالتوزا. مالتوزا ھەزىم يولىغا كىرىپ ھەزىم سۇيۇقلۇقى تەرىپىدىن پارچىلانغاندىن كېيىن، گىلۇكوزىغا ئايلىنىپ ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ. گىلۇكوزىنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن، كۆپ ئىشلەتكەندە ئاسانلا ئۆزىنىڭ بەلگىلەنگەن دائىرىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

يەنە بىرسى قانداق ۋاقىتتا قەنت قوشۇش مەسىلىسى ، قەنت بىلەن كالا سۈتىنى بىللە قىزىتىپ، كالا سۈتى تەركىبىدىكى لىسىن كىسلاتاسى بىلەن قەنت يۇقىرى تېمپۇراتۇرا ئاستىدا (℃80 ~ ℃100 ) رېئاكسىيەلىشىپ زەھەرلىك ماددا گىلىكوزىل لىسىن كىسلاتاسىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ خىل ماددىلار ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپلا قالماستىن، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن، پىشۇرۇلغان سۈتنى (℃40 ~℃50 ) سوۋۇتۇش، ئاندىن قەنتنى سۈتكە سېلىپ ئېرىتىش كېرەك.

 

كالا سۈتىگە شاكىلات قوشۇش

سۇيۇق كالا سۈتىگە شاكىلات قوشسا، كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالتسىي بىلەن شاكىلات تەركىبىدىكى ئوكسالىك كىسلاتا خىمىيەلىك رېئاكسىيەگە كىرىشىپ، كالتسىي ئوكسالاتنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدىنلا ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە بولغان كالتسىي ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان ماددىغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كالتسىي كەملىكنى، ئىچى سۈرۈش، بالىلاردىكى يېتىلىشنىڭ چېكىنىشىنى، مويلارنىڭ قۇرىشىنى، ئاسانلا سۆڭەك سۇنۇش ھەمدە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇشنىڭ قوزغۇلۇش نىسبىتىنى ئاشۇرېۋىتىدۇ.

 

كالا سۈتىدە دورا ئىچىش بىر ئىشتىن ئىككى ئۈنۈم ئالماق

كالا سۈتى ئادەم بەدىنىنىڭ دورىنى سۈمۈرۈش سۈرئىتىگە روشەن ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ، قاندىكى دورىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدىكى كالا سۈتى بىلەن ئىچمىگەنلەرنىڭكىدىن سەل تۆۋەنرەك بولىدۇ. كالا سۈتى بىلەن دورا ئىچكەندە دورىنىڭ سىرتقى قېپىدا نېپىز بىر قەۋەت پەردە ھاسىل قىلىپ، كالا سۈتىدىكى كالتسىي بىلەن ماگىنىي قاتارلىق مېنىرال ماددىلار ئېلېمېنتى بىلەن دورا خىمىيەلىك رېئاكسىيەگە كىرىشىپ سۇدا ئېرىمەيدىغان ماددىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن ، بەلكى بەدەنگىمۇ زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن، دورا ئىچىشنىڭ ئالدى كەينىدە 1 ~2 سائەت ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى سۈت ئىچمەسلىكى كېرەك.

 

بوۋاقلارنى قېتىق بىلەن بېقىش

قېتىق بولسا ھەزىمگە ياردەم بېرىدىغان ساغلاملىق ئىچىملىكى بولۇپ، بەزى ئائىلە باشلىقى بالىنى قېتىق بىلەن باقىدۇ. لېكىن، قېتىقتىكى سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى ئىشلەپچىقارغان ئانتىبىئوتىكلار گەرچە نۇرغۇنلىغان كېسەللىك مىكروبىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلىسىمۇ، بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنىدىكى پايدىلىق بولغان باكتېرىيەلەر توپىنىڭ ئۆسۈش شارائىتىنى بۇزىدۇ، يەنە نورمال بولغان ھەزىم ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ، ئاشقازان ئۈچەي ياللۇغىغا گېرىپتار بولغان بوۋاقلار ھەمدە بالدۇر تۇغۇلغان بالىلار، ئەگەر ئۇلارنى قېتىق بىلەن باققاندا، قۇسۇش ۋە گانگىرىنا خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

كالا سۈتىگە ئاپلىسىن شەربىتى ياكى لېمون شەربىتى قوشقاندا تەم كىرگۈزىدۇ.

ئاپلىسىن شەربىتى ۋە لېمون شەربىتى ھەممىسى يۇقىرى مېۋە كىسلاتالىق مېۋىلەرگە تەۋە بولۇپ، مېۋە كىسلاتاسى كالا سۈتىدىكى ئاقسىلغا يولۇققاندا، ئاقسىلنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ، ھەمدە ئاقسىلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.

 

كالا سۈتىگە گۈرۈچ سۈيى، شوۋىگۈرۈچ قوشۇش

كالا سۈتىدە ۋىتامىن A بار، لېكىن گۈرۈچ سۈيى بىلەن شوۋىگۈرۈچ كراخمالنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ماينى ئوكسىدلىغۇچى ئېنزىم بار بولۇپ، ۋىتامىنA نى بۇزىدۇ. بالا بولۇپمۇ يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئەگەر سۈمۈرگەن ۋىتامىن A يېتەرلىك بولمىسا بالىنىڭ يېتىلىشىنى كېچىكتۈرۈۋېتىدۇ، بەدەننى ئاجىزلاشتۇرۇپ كۆپ كېسەل قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن ئىككىلا تەرەپ ئايرىپ ئىشلىتىش كېرەك.

 

كالا سۈتىنى چوقۇم قاينىتىپ پىشۇرۇش كېرەك.

ئادەتتە ،كالا سۈتىنى دېزىنفىكسىيەلەيدىغان تېمپۇراتۇرا تەلىپى ئانچە يۇقىرى ئەمەس،℃70 تا 3 مىنۇت، ℃60 تا 6 مىنۇت بولسا بولىدۇ، ئەگەر قايناتقاندا تېمپۇراتۇرا ℃100 يەتكەندە، كالا سۈتىدىكى سۈت قەنتى كوكىسلىشىشى ھادىسىسى يۈز بىرىدۇ. لېكىن كارامېل راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، پۇشۇرۇلغاندىن كېيىنكى سۈتتىكى كالتسىيدا فوسفور كىسلاتاسى چۆكمىگە چۈشۈش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

 

9. بوتۇلكىلىق كالا سۈتىنى قۇياش نۇرى ئاستىدا قاقلىغاندا، كالا سۈتى بىر قىسىم ۋىتامىن Dغا ئېرىشىشى مۇمكىن، بىراق ۋىتامىن 1B، 2B، ۋە ۋىتامىن Cنى يوقىتىدۇ. چۈنكى بۇ ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق ئامىلى قۇياش نۇرى ئاستىدا پارچىلىنىپ، بىر قىسمى ياكى پۈتۈنلەي يوقايدۇ. ئەكىسچە، سۈت قەنتى كۈن نۇرى ئاستىدا ئېچىپ كالا سۈتىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىدۇ.

 

كونسىرۋالىق سۈتنى كالا سۈتى ئورنىدا ئىشلىتىش

كونسىرۋالىق سۈت بولسا بىر خىل سۈتنىڭ ياسالمىسى بولۇپ، ئەسلىدىكى ساپ سۈتنىڭ 5دىن 2سىنى ھورلاندۇرۇپ، %40لىك ساخاروزىنى قوشۇپ قۇتىغا قاچىلاپ ياسىلىدۇ. بەزى ئادەملەر «قويۇلدۇرۇلغاننىڭ ھەممىسى جەۋھەر» دېگەن تەسىرنى قوبۇل قىلىپ، كونسىرۋالىق سۈتنى كالا سۈتىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، كونسىرۋالىق سۈت بەك تاتلىق، 5~8 ھەسسە سۇ قۇيۇپ سۇيۇلدۇرۇلىدۇ، تاتلىقلىقى تەلەپكە ئۇيغۇن بولغاندا، ئۇنىڭدىكى ئاقسىل بىلەن ماينىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ساپ كالا سۈتىنىڭكىدىن يېرىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئەگەر كونسىرۋالىق سۈتكە سۇ قوشقاندا، ئاقسىل بىلەن ماينىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ساپ كالا سۈتىنىڭكىگە يېقىنلىشىدۇ، ئۇ ھالدا قەنتنىڭ مىقدارى يۇقىرىلايدۇ.

ئەسلى مەنبە: ئانا-بالا بلوگى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-16 / 08:47:49

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ