دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

ئانا سەھىپەتۇرمۇشتۇرمۇش ساۋاتلىرىچاچ يۇيغاندىن كېيىنكى بۇ ئادەتلەنگەن ھەرىكەت چاچ چۈشۈشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ

چاچ يۇيغاندىن كېيىنكى بۇ ئادەتلەنگەن ھەرىكەت چاچ چۈشۈشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۇرغۇن كىشىلەر لۆڭگە بىلەن چاچنى كۈچەپ سۈرتۈشكە ئادەتلەنگەن، بۇنداق قىلغاندا چاچنى تېز قۇرۇتۇشقا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن، دەل مۇشۇنداق ئادەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت چاچ چۈشۈشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

چاچ يۇيغاندىن كېيىنكى بۇ ئادەتلەنگەن ھەرىكەت چاچ چۈشۈشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ

 

چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن لۆڭگە بىلەن ئۇۋۇلاشتىن ئەڭ قورقىدۇ

چاچ يۇيغاندىن كېيىن لۆڭگە بىلەن چاچنى كۈچەپ ئۇۋۇلىغاندا، چاچ سۈپىتى زىيانغا ئۇچراپ، چاچ سۈپىتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. چاچ ھۆل بولغاندا چاچ يۈزىدىكى سۈركىلىش كۈچى ئېشىپ، چاچ تالالىرىنىڭ مېخانىكىلىق زىيىنىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا چاچنى ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇۋۇلىغاندا، ئاسانلا كىچىك تېرە قاسراقلىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ سۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چاچ ھۆل ھالەتتە بولسا، تۈك تەڭگىچىلىرى ئادەتتە كۆپ مىقداردا ئېچىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا لۆڭگە بىلەن چاچنى كۈچەپ ئۇۋۇلىغاندا، ئېچىلغان تۈك تەڭگىچىلىرى تەكرار سۈركىلىپ يېپىلمايدۇ، قانچە كۈچەپ ئۇۋۇلىسا، چاچقا بولغان زىيىنى شۇنچە ئېغىر بولۇپ، چاچ ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ. توغرا ئۇسۇل شۇكى، لۆڭگە بىلەن چاچنى يېنىك بېسىپ، چاچتىكى سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈۋالسىلا بولىدۇ.

ئۇنداقتا چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن قانداق قىلغاندا توغرا قۇرۇتقىلى بولىدۇ؟ ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل تاللاش بار :

تەبئىي قۇرۇتۇش

ئەگەر چېچى قىسقا ئوغۇل بالا بولسا، ئۇنداقتا چېچىنى تەبىئىي شامالدا قۇرۇتۇش ناھايىتى قولايلىق بولىدۇ. لېكىن قىزلار، بولۇپمۇ ئۇزۇن چاچ قويغان قىزلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، چېچىنى تەبئىي قۇرۇتۇش ناھايىتى ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان بىر ئىش. ئۇنىڭدىن باشقا، چاچ ئۇزاق مۇددەت نەم مۇھىتتا تۇرغاچقا، ئاسانلا مىكرو ئورگانىزملار ئۆسۈپ قالىدۇ.

چاچ قۇرۇتقۇچتا قۇرۇتۇش

گەرچە چاچ قۇرۇتقۇچ ئىشلەتسە، چاچقا بەلگىلىك زىيان يەتكۈزسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋاقىت ۋە كۈچنى تېخىمۇ تېجەيدىغان مەشغۇلات ھېسابلىنىدۇ. چاچ قۇرۇتقۇچ ئىشلەتكەندە، تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك :

تېمپېراتۇرىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىڭ، بولۇپمۇ چاچ قۇرغاقلىشىپ زەخىملەنگەن، ئەڭ ياخشىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق توك پۈركۈگۈچ ئىشلەتمەسلىك كېرەك؛

باش تېرىسى بىلەن ئارىلىق ساقلاش (15 سانتىمېتىردىن يۇقىرى)، چاچ قۇرۇتقاندا چاچ قۇرۇتقۇچنى پات-پات سىلكىپ، باش تېرىسىدە كۆيۈشۈش سېزىمى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

بەك ئۇزۇن پۈۋلىمەسلىك، بەك قۇرغاق پۈۋلىمەسلىك كېرەك، چاچنى تۇتقاندا يەنە ئازراق نەم تۇيغۇ بولسىلا بولىدۇ.

بېسىپ قۇرتۇش

چاچنى بېسىپ قۇرۇتۇش بىر قەدەر مۇلايىم ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇل بولۇپ، چاچ قاسرىقىنى بويلاپ، ئۈستىدىن ئاستىغىچە لۆڭگە بىلەن چاچتىكى سۇنى يېنىك بېسىش كېرەك.

 

چاچنى ھۆل قىلىپ ئۇخلاش بەدەنگە تېخىمۇ زىيانلىق

بەزى كىشىلەر چاچ يۇيۇش ۋاقتى كېچىكىپ قالغاچقا، يەنە چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن چاچ قۇرۇتۇشقا ئېرىنىدۇ، دائىم چېچىنى ھۆل قويۇپ ئۇخلايدۇ، بۇ خىل ئادەت بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

باش قېيىش، باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

باش ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئەزالار، جىڭلو، قان ۋە قۇۋۋەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە تەڭشىشىدە يېتەكچى رول ئوينايدۇ. ھۆللۈك بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، باش يۈزىدىكى مۇسكۇل، تومۇرلارغا ھۇجۇم قىلىپ، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تېرە كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ

ئۇزاق مۇددەت ھۆل چاچ بىلەن ئۇخلىغاندا تېرە كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەگەر ئەسلىدىلا ياغ تەپچىرەش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، ھۆل تەمرەتكە، باش تېرىسى قاتارلىقلار بولسا، باش تېرىسى ياللۇغلىنىش، قىسمەن تېرە توسۇقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ، ھۆل ئۇخلاش كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زەخىملەنگەن تېرە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى مۇمكىن، ئەھۋال ئاستىدا ئاسانلا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئۇنىڭدىن باشقا، ھۆل چاچ بىلەن ئۇخلاش چاچ سۈپىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ھۆل چاچ بىلەن ئۇخلاشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئۇزۇن ۋاقىت يىغىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر پەقەت ئاندا-ساندا بىر-ئىككى قېتىملا بولسا، مەسىلە بەك چوڭ بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئەسلىدىلا ئېغىر دەرىجىدە ئىچكى نەملىك، بەدەن ساپاسى ئاجىز كىشىلەر، بولۇپمۇ چېچى ئۇزۇن ئاياللار بولسا، ئاسانلا سەكتە، باش قېيىش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ياشانغانلار بولسا، چوقۇم يۇقىرى پەللىگە چىقماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك.

 

چاچ يۇيۇش، چاچ قۇرۇتۇشتىكى خاتا ئادەتلەرنى ئېنىقلاش

باشنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىنكى چاچ قۇرۇش ئۇسۇلىدىن باشقا، چاچ سۈپىتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ، چاچ مايلىشىش، چاچ چۈشۈش، قۇرغاق بولۇپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خاتا چاچ يۇيۇش، چاچ ئاسراش سەۋەبىدىن بولىدۇ.

تارىمايلا يۇيۇش

چاچ يۇيغاندا، باش تېرىسىنى يۇيۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بىۋاسىتە يۇيسا، باش تېرىسىدىكى چاڭ-توزان ۋە كىرلەر ئۈستىگە يېپىشىپ قېلىپ، ئۈزۈل-كېسىل تازىلىغىلى بولمايدۇ.

تەۋسىيە:چاچ يۇيۇشتىن بۇرۇن، چىش يوچۇقى كەڭ، يۇمىلاق باش تارغاق بىلەن چاچنى تاراپ، ئاندىن سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيسىڭىز، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە باش تېرىسىنىڭ غىدىقلىنىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

تىرنىقى بىلەن باش تېرىسىنى تاتىلاش

نۇرغۇن كىشىلەر چاچ يۇيغاندا، تىرنىقى بىلەن باش تېرىسىنى تاتىلىسا بەك راھەت بولىدۇ دەپ قارايدۇ. تىرناقتا نۇرغۇن باكتېرىيەلەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، باش تېرىسى تاتىلىنىپ زەخىملەنگەن ھامان، ئاسانلا يۇقۇملىنىش، تۈك خالتىسى ياللۇغى قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەكلىپ:چاچ يۇيغاندا چەمبەر سىزىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بارماق بىلەن باش تېرىسىنى ئاستا-ئاستا ئۇۋۇلاپ، چاچنى سىلىق سىيرىش كېرەك.

چاچ ھۆل بولماي تۇرۇپلا چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش كېرەك

چاچنى سۇغا سالغان ھامان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سۈرتسە، چاچ ئۈزۈل-كېسىل تازىلانمىسا ياكى چىگىلىپ كەتسە، چاچ كىرلىرى، كېپەك قاتارلىقلار چاچتا قېلىپ قالىدۇ.

تەۋسىيە: چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى سۈرتۈشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن بىر مىنۇت ئەتراپىدا يۇيۇش كېرەك.

چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى بىۋاسىتە بېشىغا سۈرۈش

چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى بىۋاسىتە چاچقا سۈرتسە، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن تولۇق ئۇچراشمىغاندا، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى باش تېرىسى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشمىغاندا، باش تېرىسىنى غىدىقلاپلا قالماي، يەنە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا بىنورمال چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەكلىپ:چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئالىقانغا تۆكۈپ، سۇ قوشۇپ، كۆپۈك چىقارغاندىن كېيىن چاچقا سۈركەش كېرەك.

چاچ ئاسراش مەلھىمىنى باش تېرىسىگە سۈركەش

چاچ ئاسراش مەلھىمى مەخسۇس چاچقا قارىتىلغان تازىلىق بۇيۇمى، ئەگەر ئۇنى باش تېرىسىگە سۈركىگەندە، ئۇنىڭدىكى خىمىيەلىك ماددىلار ئاسانلا تۈك خالتىسىنى توسۇپ، چاچ چۈشۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەۋسىيە: چاچ ئاسراش مەلھىمىنى باش تېرىسىدىن ئاز دېگەندە 1~2 سانتىمېتىر يىراقلىقتا سۈرۈپ، قۇلاق ئەتراپىدىن چاچ ئۇچىغا قاراپ سۈرۈش كېرەك.

چاچ ئاسراش مەلھىمىنىڭ تۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇش

چاچ ئاسراش مەلھىمىنى سۈرۈش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئاسانلا چاچتا قېلىپ، ئاسان يۇيۇپ چىقارغىلى بولمايدۇ.

تەۋسىيە:چاچ ئاسراش مەلھىمى سۈرگەندىن كېيىن، ئىسسىق سۇغا چىلانغان لۆڭگىنى سىقىپ قۇرۇتۇپ، بىر نەچچە سېكۇنت سوۋۇتۇپ، ئاندىن چاچنى ئوراپ، 5 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز چايقىۋېتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا چاچ ئاسراش مەلھىمى چاچقا تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلۈپ، بۇزۇلغان چاچلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

زىيادە ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش

نۇرغۇن كېپەك كۆپ، باش تېرىسى قىچىشىدىغان كىشىلەر كېپەك چىقىرىش ئۈنۈمى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان سۇدا چاچ يۇيۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، باش تېرىسىدىكى ماينى زىيادە كۆپ ئېلىۋېتىپ، چاچ سۈپىتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە باش تېرىسىدىن ماي چىقىپ، كېپەك پەيدا قىلىدۇ.

تەكلىپ: چاچ يۇيىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40 گىرادۇس بولسا مۇۋاپىق.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/27951641.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-03-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-03-19 / 06:22:25

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ