ئانا سەھىپەخانىم قىزلارگۈزەللىكقىشتا تېرە ئاسراش ئۇسۇللىرى

قىشتا تېرە ئاسراش ئۇسۇللىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

نەملىكنى ساقلاشتا يۇقۇرى دەرىجىلىك سۇ تولۇقلاش يۈزلۈكى، ھەسەل ۋە ئۆرۈك مېغىزى مېيىغا مۇۋاپىق مىقداردا ئۇن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ يۈزگە چاپلاپ بەرس ە، ياكى نەمخۇشلۇقى يۇقۇرى بولغان تېرە نەملەشتۈرۈش ۋازىلىن مېيى سۈرۈپ بەرسە، قۇرغاق تېرىگە سۇ تولۇقلاشقا پايدىلىق

قىشتا تېرە ئاسراش ئۇسۇللىرى

تېرىسى قۇرغاق خانىم – قىزلار قىش پەسلىدە يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى كۆپ ئىشلەتمەسلىكى كېرەك . كۈندە پەقەت بىر قېتىملا يۈز يۇيۇش سۇيۇقلىقىدا يۈز يۇيۇشى، تەركىبىدە ھەسەل، كالا سۈتى ۋە ۋىتامىن ُE قاتارلىقلار مول بولغان يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تاللاپ ئىشلىتىشى كېرەك . قۇرغاق تېرىدە سۇ ئىنتايىن كەمچىل بولغانلىقتىن، يۈز تازىلاش سۇيۇقلۇقىدا يۈزنى كۆپ يۇغاندا، تېرىنىڭ نەملىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، كۈندە كەچتە بىر قېتىم ئىشلىتىپ، ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئىلمان سۇ بىلەن يۈزنى يۇيىۋەتسىلا بولىدۇ.

يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، نەملەشتۈرۈش تۈرىدىكى سۇنى ئىشلىتىش كېرەك . ئادەتتە نۇرغۇن خانىم – قىزلار، بۇنىڭغا ئانچە ئېتىۋار بەرمەيدۇ. يۈزگە نەملەشتۈرۈش تۈرىدىكى سۇنى سۈرۈپ بەرگەندە تېرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم تېرە ئۈچۈن بىر قەۋەت ئاسراش پەردىسى شەكىللىنىدۇ. تېرە قۇرغاقلىشىپ بولغاندا تەدبىر قوللانماستىن، ئەڭ ياخشىسى تېرە نەم ۋاقىتتىلا سۇ تولۇقلايدىغان، يۇقۇرى نەملىككە ئىگە مايلارنى سۈرۈش كېرەك. قىش پەسلىدە تېرىدىكى سۇ تەركىپلەر ئاسان يوقاپ كېتىدۇ، كۈندۈزلۈك ۋە كېچىلىك مايلارمۇ تېرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغىچە سىڭىپ كىرەلمەيدۇ، شۇڭا ھەر ھەپتىدە ئاز بولغاندا بىر قېتىم نەملىك تولۇقلايدىغان يۈزلۈك ئىشلىتىش لازىم.

بازاردىكى تەييار يۈزلۈك مەھسۇلاتلىرىسدىن باشقا، ئەلۋەتتە يەنە تەبىئىي ماتېرىياللاردىنمۇ پايدىلىنىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، چاي يوپۇرمىقىنىڭ تېرىنى نەملەشتۈرۈش رولى بار. قىزىل چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدە ۋىتامىن Cمول بولۇپ، قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار. قىزىل چاي يوپۇرمىقى بىلەن شېكەرنىڭ ھەر ئىككىسىدىن 20 گرام ئېلىپ قايناق سۇدا ئارلاشتۇرۇپ، ئاندىن يەنە ئازراق ئۇن قوشۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ھەپتىدە ئىككى قېتىم يۈزگە سۈرۈپ بەرسە، بىر ئاي ئىچىدە تېرە يۇمران ھالەتكە كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلىدە مېۋىدىن تەييارلانغان يۈز ئاسراش مەلھەملىرىمۇ تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ