1. بىر تال قىزىل لازىنى ئوتقا قاقلاپ، ئۇ يېرىم قارىداپ كۆيۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنى سەل سوۋۇتۇپ بىر پارچە كېسىۋېلىپ، ئاغرىغان چىشقا بېسىپ تۇرسا 2~3 مىنۇتتىن كېيىن ئاغرىق توختايدۇ. ئەگەر بىر قېتىمدا ئاغرىق پەسەيمىسە، يەنە بىر قېتىم بېسىش كېرەك.
2. بىر دانە ئاق قارىمۇچ، بىر نوكچا تۇزنى سوقۇپ، كالپۇك ئىچىگە قويۇش لازىم.
3. جۈسەي (كۈدە) ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ تالقانلاپ، ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئاغرىغان چىشقا چېپىش كېرەك.