ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارساقايمغان يۆتەلنى 6 مىنۇتتا ساقايتقان كارامەت يەرلىك رىتسىپ

ساقايمغان يۆتەلنى 6 مىنۇتتا ساقايتقان كارامەت يەرلىك رىتسىپ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1.تۇرۇپ,سۇڭپىياز, زەنجىۋىلدا يۆتەل داۋالاش

ماتېرىيال: تۇرۇپ بىر دانە، سۇڭپىياز ئېقى 6 تال، زەنجىۋىل 15 گرام

تەييارلاش ئۇسۇلى: 3 چىنە سۇ قۇيۇپ تۇرۇپنى قاينىتىپ ئاندىن ئۈستىگە سۇڭپىياز ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ سۈيى تاكى بىر چىنە قالغانغا قەدەر داۋاملىق قاينىتىپ تەييارلايمىز. ئاندىن بۇنى كوكاتلىرى بىلەن قوشۇپ بىر قېتىمدا ئىستېمال قىلىمىز

2.قارا شېكەر، زەنجىۋىل ۋە چىلاندا يۆتەل داۋالاش

ماتېرىيال: قارا شېكەر 30 گرام، زەنجىۋىل 15 گارم، چىلان 30گرام

تەييارلاش ئۇسۇلى: يۇقارقى خۇرۇچلارنى 3 چىنە سۇغا سېلىپ سۇنىڭ يېرىمى قالغىچە قايناتقاندىن كېتيىن بىر قېتىمدىلا ئىستېمال قىلىش كېرەك، ئىچكەندىن كېيىن تەرلىسە كېسەل ياخشى بولۇپ كېتىدۇ

3.نەشپۈت بىلەن سوغىگۈلدىن پايدىلىنىپ يۆتەل توختىتىش

ماتېرىيال: يېڭى نەشپۈت 500 گرام، سوغىگۈل تالقىنى 6 گرام، ئاق شېكەر 30 گرام

تەييارلاش ئۇسۇلى: نەشپۈتنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ئويۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىگە سوغىگۈل تالقىنى ۋە ئاق شېكەرنى سېلىپ كېسىپ ئالغان قىسمىنى ياپقاندىن كېيىن قاچىغا سېلىپ ھوردا دۈملەپ پىشۇرىمىز، ئاندىن ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلىمىز.

4.ئاق تۇرۇپ ۋە ھەسەلدە يۈتەل داۋالاش

ماتېرىيال: ئاق تۇرۇپ بىر دانە، ھەسەل 30 گرام، ئاقمۇچ 5 دانە، چاكاندا 2 گرام

تەييارلاش ئۇسۇلى: تۇرۇپنى يۇيۇپ يالپاغداپ توغراپ قاچىغا سېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەسەل، ئاقمۇچ ۋە چاكاندىلارنى سېلىپ ھوردا دۈملەپ يېرىم سائەت پىشۇرغاندىن كېيىن قىزىقىدا ئىستېمال قىلىمىز

5.تۇرۇپ ۋە قارىمۇچ يۆتەل توختىتىپ بەلغەم بوشىتىدۇ

ماتېرىيال: تۇرۇپ بىر دانە، ئاقمۇچ 5 تال، زەنجىۋىل 3 يالپاق، ئاپېلسىن پوستى 1 دانە

تەييارلاش ئۇسۇلى: يۇقارقى خۇرۇچلارنى سۇغا سېلىپ يېرىم سائەت قايناتقاندىن كېيىن سۈيىنى كۈندە 2 قېتىم ئىچىپ بېرىمىز

6.پۇرچاق سۈتى ئۆپكىنى سىلىقلاپ بەلغەم بوشىتىدۇ

ماتېرىيال: سېرىق پۇرچاق، ناۋات

تەييارلاش ئۇسۇلى: سېرىق پۇرچاقنى سۇغا چىلاپ يۇمشىغاندا سۈيىنى چىقارغاندىن كېيىن، سۈيىنى قاينىتىپ ئۈستىگە ناۋات سېلىپ ئىستېمال قىلىمىز، ھەر كۈنى سەھەردە ئاچ قورساققا بىر چىنىدىن ئىستېمال قىلىش كېرەك

7.دوفۇ بىلەن قارا شېكەر يۆتەل توختىتىپ بەلغەم بوشىتىدۇ

ماتېرىيال: دوفۇ 500 گرام، قارا شېكەر ۋە ئاق شېكەردىن ھەر بىرىدىن 100 گرام

تەييارلاش ئۇسۇلى: دوفۇدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ، تۆشۈك كە قارا شېكەر ۋە ئاق شېكەرلەرنى سېلىپ ئاندىن ئۇنى ھورلاندۇرۇپ يېرىم سائەت پىشۇرغاندىن كېيىن بىر قېتمدا ئىستېمال قىلىمىز، بۇنى ئۇدا 4 كۈن ئىستېمال قىلىش كېرەك.

8.كۈنجۈت ۋە ناۋات سۈيى كېچىدەيۆتىلىشنى داۋالايدۇ

ماتېرىيال: خام كۈنجۈت 15 گرام، ناۋات 10 گارم

تەييارلاش ئۇسۇلى: كۈنجۈت بىلەن ناۋاتنى قاچىغا سېلىپئۈستىگە قايناقسۇ قۇيغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ

9.نەشپۈت بىلەن ھەسەل ئۇزۇن يۆتىلىشنى داۋالايدۇ

ماتېرىيال: چوڭ ئاق نەشپۈتتىن بىر دانە، ھەسەل 50 گرام

تەييارلاش ئۇسۇلى: نەشپۈتنى ئوتتۇرىدىن ئويۇپ ئۇنىڭ ئىچىگە ھەسەل قۇيۇپ دۈملەپ پىشۇرىمىز، ئاندىن بۇنى ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە بىر تالدىن ئۇدا بىر نەچچەكۈن ئىستېمال قىلىمىز

10.نەشپۈت بىلەن گۈلسامساق شورپىسى ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ

ماتېرىيال: گۈلسامساق 25 گرام، نەشپۈت بىر دانە، ھەسەل 20 گارام

تەييارلاش ئۇسۇلى: گۈلسامساقنى بىر كېچە سۇغا چىلاپقويغاندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ سۈيىنى گۈلسامساق بىلەن قوشۇپ يەل قازانغا سېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم چىنە سۇ قۇيغاندىن كېيىن بىر بيېرىم سائەت قاينىتىمىز، گۈلسامساق پىشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يالپاغداپ

توغرالغان نەشپۈت بىلەن ناۋاتنى سېلىپ يەنە يېرىم سائەت قاينىتىپ ئىستېمال قىلىمىز.

( ماقالە توردىن يىغىۋېلىنغان ئەسلى ئاپتور بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ )

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-12-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-11 / 10:56:15

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ