مائۇس ، يەنى كومپىيوتېرىمىز يېنىدىن ئايرىلمايدىغان چاشقان(شۇبىياۋ) بولۇپ ، بۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىشلىتىدىغان بىر ياردەمچى قورالىمىز بولۇپ قالدى ئەمما بۇنى قانداق ئىشلەتكەندە ، قولغا بولغان بېسىمى ئەڭ ئاز بولىدۇ ، بۇنى بىلەمسىز؟
مائۇسنىڭ ئورنى قانچە يۇقىرى بولسا ، بېغىشنىڭ تەسىرگە ئۇچراش دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن . مائۇس بىلەن بەدەننىڭ ئارىلىقى قانچە يىراق بولسا ، مۈرە ۋە بويۇنغا چۈشىدىغان بېسىممۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ .
مائۇس ۋە ساغلاملىق
شۇڭا مائۇسنىڭ ئورنى نىسبەتەن پەس بولسا سالامەتلىككە پايدىلىق . بۇ ئورۇن ئولتۇرغان ئادەمنىڭ مۈرىسى بىلەن يەر يۈزى بىر تىك بۇلۇڭ شەكىللەندۈرگەن ئەھۋالدىكى قورسىقىغا ئۇدۇللاشسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ .
ھازىر بار كومپيۇتېر ئۈستەللىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە مەخسۇس مائۇس قويۇلىدىغان ئورۇن يوق . بۇنداق ئەھۋالدا مائۇس ئۈستەل ئۈستىگە قويۇلۇپ ئۇزاققىچە مەشغۇلات قىلىنسا ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە سالىدىغان زىيىنىنىڭ ئېغىر بولىدۇ .