ھامىلىدارلىقنىڭ ئۈچىنچى ئايلىق كۆرسەتمىسى: بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەر، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە تەكلىپ پىكىرلەر
قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار، ھامىلىدارلىقنىڭ ئۈچىنچى ئېيىنى كۈتۈۋالغاندا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ تۇنجى سەپىرىنى تاماملاشتىن دېرەك بېرىدۇ! بۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر پەيت، چۈنكى بۇ ئايدا ھامىلىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرى ئاساسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ، جاپالىق بولغان ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئىنكاسىمۇ تەدرىجىي يېنىكلەيدۇ. قېنى ئەمىسە، بۇ ئايدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
مۇندەرىجە:
1. ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ئاي ھەققىدە ئومۇمىي تونۇشتۇرۇلۇش
2. ۋاقىتنى ھېسابلاش
3. ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى
4. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر
5. دادىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
6. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار
7. تۇغۇت تەكشۈرۈش تۈرلىرى
8. ئېھتىمالى بولغان جىددىي ئەھۋاللار ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى
9. ئوزۇقلۇق يېمەك-ئىچمەك قوللانمىسى
10. تۇرمۇش تەڭشەش تەكلىپلىرى
11. ئاخىرقى سۆز : 3-ئايغا بولغان ئاخىرقى تېلەكلىرىمىز
ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ئاي ھەققىدە ئومۇمىي تونۇشتۇرۇلۇش
ئۈچىنچى ئاي بىرىنچى ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى بىر ئېيى بولۇپ، بۇ مەزگىل كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ ھەم تەقەززا قىلىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئىنكاسىنىڭ تەدرىجىي چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، زېھنىي كۈچىڭىز تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، كەيپىياتىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. خۇشاللىققا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، سىز ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىز بىلەن بۇ خۇش خەۋەرنى ئورتاقلىشىشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ. ۋاقىت بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ ئاي تەخمىنەن 9-ھەپتىدىن 13-ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ مېدىتسىنادا ئەزالار مۇكەممەللىشىش مەزگىلى دەپ ئاتىلىدۇ بۇ تۇنجى ھامىلىدارلىق مەزگىلى (First Trimester) نىڭ مۇكەممەل ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ۋاقىتنى ھېسابلاش
كالېندار ۋاقتى : ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى 3-ئاي.
ھامىلىدار بولۇش ھەپتىسىنىڭ دائىرىسى : 9-ھەپتىدىن 13-ھەپتىگىچە.
يېتىلىش باسقۇچى : ئەزالار مۇكەممەللىشىش مەزگىلى (Organ Completion Period)
مۇھىم بەلگە : تۇنجى ھامىلىدارلىق مەزگىلى تاماملىنىدۇ. (First Trimester)
تۆۋەندىكى ئادرىستىنمۇ ھامىلىدارلىق كۈن، ھەپتىسى ۋە ئايلارنى ، تۇغۇت ۋاقتىڭىزنى ھېساپلاپ مۆلچەرلىيەلەيسىز:
https://dohturlar.com/sinaq/tughut.php
ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى
ئۈچىنچى ئايدا، سىزنىڭ بالىڭىز ئاللىقاچان بىر كىچىك تۆرەلمىدىن (tiny embryo) دىن تەرەققىي قىلىپ بىر مۇكەممەل بولغان كىچىك ھامىلە (fetus) غا ئايلاندى. بۇ مەزگىلدىكى يېتىلىش ئىنتايىن سىرلىق، چۈنكى بارلىق ئاساسلىق ئەزالار ئاساسىي شەكىل قۇرۇلمىسىنى تاماملاپ، ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش باسقۇچىغا كىرىدۇ. تىرناقنىڭ شەكىللىنىشىدىن تارتىپ جىنسى دەسلەپكى قەدەمدە ئايان بولغىچە ھەر كۈنى دېگۈدەك ھاياتلىق مۆجىزىسى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
1. يېتىلىش ئەھۋالى
9-10 ھەپتە بولغاندا، ھامىلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى لىجى چوڭلۇقتىن تارتىپ ئەنجۈرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە تەرەققىي قىلىدۇ، ھامىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2.5-3 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 4-5 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھامىلىنىڭ بېشى بىلەن بەدىنىنىڭ نىسبىتى تېخىمۇ ماسلىشىپ، پۇت-قول بوغۇملىرى ھەرىكەتلىنەلەيدىغان بولىدۇ، تىرناقمۇ شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، سىرتقى جىنسىي ئەزادىمۇ جىنسىي بۆلۈنۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
11-12 ھەپتىسىگە بارغاندا، ھامىلە داۋاملىق ئۆسۈپ لىمون چوڭلۇقىدا بولىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 5-6 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى 8-14 گىرامغا يېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ يۈز قىسمى تېخىمۇ ئېنىق بولۇپ، سۈمۈرۈش ھەرىكىتىنى ئىشلىيەلەيدۇ، ھەتتا ئاددىي چىراي ئىپادىلىرىنىمۇ قىلالايدۇ.
2. مۇھىم ئەزالارنىڭ يېتىلىشى
چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىش جەھەتتە، بۇ ئايدىكى ھامىلىنىڭ مېڭە قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ، نېۋرونلار تېز كۆپىيىپ، مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى ھاسىل قىلىشقا باشلايدۇ ھەمدە ئاساسىي رېفلېكس ئىقتىدارى شەكىللىنىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىمۇ ئاكتىپ يېتىلىپ، ئۈچەي يولى لۆمۈلدەشكە باشلايدۇ، جىگەر ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ھامىلە باش سۈيىنى يۇتۇپ، كەلگۈسىدىكى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەييارلىق قىلىدۇ.
سۆڭەك سىستېمىسى جەھەتتە، كالتسىيلىشىش جەريانى داۋاملىشىۋاتىدۇ، بوغۇم تېخىمۇ جانلىنىپ، كۆمۈرچەك تەدرىجىي قاتتىقلىشىدۇ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى داۋاملىق يېتىلىپ مۇكەممەللىشىدۇ.
ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر
بۇ باسقۇچتا، سىز ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت قىينالغان ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئىنكاسىنىڭ ئاستا-ئاستا يوقىلىشقا باشلىغانلىقىنى بايقىغان بولىسىز. بەدەننىڭ ھامىلىدار بولۇشقا ماسلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاشقازىنىڭىز تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشى، زېھنىي كۈچىڭىزمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن، ئومۇمىي جەھەتتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ يېنىكلەپ قالىدۇ.
لېكىن، بۇنىڭغا ئەگىشىپ يېڭى ئۆزگىرىشلەرمۇ پەيدا بولىدۇ: مەسىلەن سىزنىڭ قورسىقىڭىز سەل-پەل كۆتۈرۈلۈپ، تېرە ھالىتىڭىز ئۆزگىرىپ، يېنىك قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشى، كۆكسىڭىزدىمۇ داۋاملىق ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.
بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى جەھەتتە، بۇ ئايدىكى ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تەخمىنەن 1-2 كىلوگىرام بولىدۇ. سىز ھامىلىدارلىق خالتىسىنىڭ تەدرىجىي كېڭىيىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىسىز، بالىياتقۇ ئۆرلەشكە باشلايدۇ، قورساق ئايلانمىسىمۇ ئازراق ئاشىدۇ.
سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى داغ (Melasma) پەيدا بولۇپ، ئەمچەك گەردىشى يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، ئەمچەك توپچىسىمۇ چوڭىيىدۇ، تېرىنىڭ پارقىراقلىقىمۇ ئۆزگىرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى نورمال ئۆزگىرىش، بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ناھايىتى ئاز بىرقىسىم ھامىلىدارلاردا بۇ ئايدا يەنە داۋاملىق قۇسۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
دادىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
بۇ باسقۇچتا، بولغۇسى ئانىلارنىڭ بىئاراملىق تۇيغۇسى يېنىكلەشكە باشلايدۇ، بۇ سىزنىڭ ھەمراھىڭىز بىلەن بىرلىكتە يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ھاياتلىققا تېخىمۇ كۆپ دېققىتىڭىزنى مەزكەرلەشتۈرەلەيسىلەر.
دادىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر رول ئۆزگىرىدىغان مۇھىم مەزگىل بولۇپ، بۇنىڭدا تۇغۇت پىلانىنى پىلانلاشنى باشلاش، تۇغۇت ئۆيىنى تاللاشقا قاتنىشىش، بالا بېقىش بىلىملىرىنى چۈشىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دادا بولۇشتىكى پىسخىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ھامىلىدار خانىمنى ھېسسىيات جەھەتتە قوللاش ، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىش، مۇھىم مىنۇتلارنى خاتىرىلەش، تۇغۇت تەكشۈرۈشىگە ھەمراھ بولۇش، بالا بېقىش بۇيۇملىرىنى تەييارلاشنى باشلاش كېرەك.
ئەمەلىي ھەرىكەت جەھەتتە بولسا، بۇ مەزگىلدە مالىيە پىلانىنى ئويلىشىشنى باشلاش، بوۋاقلار ياتىقى تەييارلاش، بالا بېقىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، تۇغۇت دەم ئېلىشى قاتارلىق كونكرېت ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بولغۇسى ئانىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ئۇنىڭ خۇشال كەيپىياتنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار
دەسلەپكى مەزگىلدىكى سىزىك، ئىچى ئېلىشىش ۋە قۇسۇش ئىنكاسلىرى يېنىكلىسىمۇ، بۇ مەزگىلدىكى پەرۋىش يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كېيىنكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
تۇرمۇشنى پەرۋىش قىلىش جەھەتتە، ھامىلىدارلىق قورۇقىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئاپتاپتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، تېرىنىڭ سۇ تولۇقلىشىنى ساقلاش، غىدىقلىغۇچى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ھەرىكەت جەھەتتە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يېنىك گىمناستىكا ئىشلەپ سىناپ باقسا، مۇۋاپىق سەيلە قىلسا، بىر قىسىم يېنىك سوزۇش ھەرىكىتى ۋە داس سۆڭىكى ھەرىكىتىنى ئىشلىسە بولىدۇ.
كۈندىلىك ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە، قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش، ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى بىنورمال ئالامەتلەردىن ھوشيار بولۇش كېرەك،
ئەگەر بىنورمال قاناش، ئېغىر قورساق ئاغرىش، قىزىش، بىئارام بولۇش ياكى قاتتىق باش ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
تۇغۇت تەكشۈرۈش تۈرلىرى
ئۈچىنچى ئايدىكى تۇغۇت تەكشۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بۇ مەزگىلدە بىرىنچى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى مۇھىم تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.
سىز تىزىملىتىغلىق بولغان ئائىلە دوختۇرىڭىز بىلەن كۆپرەك كۆرۈشۈپ بېرىڭ. ھەربىر يېڭى ئاي باشلانغاندا ئائىلە دوختۇرىڭىزغا كۆرۈنۈپ ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى بىر قۇر يەتكۈزۈڭ. بۇنىڭدىن سىرت بۇ ئىككى ئايدىن بېرى سىزنى كۆرۈۋاتقان ئاياللار تۇغۇت دوختۇرىڭىز بولسا ، ئۇنىڭغىمۇ بىر قېتىم ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش ۋە تۆۋەندىكى تەكشۈرۈشلەر توغرىسىدا مەسلىھەت ئېلىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
NT تەكشۈرۈش (Nuchal Transcency) ئادەتتە 11-13 ھەپتە+6 كۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاساسلىقى ھامىلىنىڭ بويۇن قىسمىنىڭ سۈزۈك قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى تەكشۈرۈلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق خروموسوم كېسىلى بار يوقلۇقىنى باھالايدۇ. بۇ تەكشۈرۈش ئاچ قورساق تەكشۈرۈلىدۇ.
دوۋن كېسىلى شاللاش تەكشۈرۈشى (Down Syndrome Screening) : بۇ تەكشۈرۈشمۇ خروموسوم كېسىلى بولغان دوۋن كېسىلىنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرىدۇ.
مۇنتىزىم تەكشۈرۈش جەھەتتە، دوختۇر قان تەكشۈرۈش، سۈيدۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، قان بېسىمىنى كۆزىتىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ياللۇغلىنىش ئەھۋالى، ۋىتامىنلارنىڭ ئەھۋالى، قان ئازلىق بار يوقلۇقى ۋە باشقا بىنورمال ئەھۋاللارنى بىلىشكە پايدىسى بولىدۇ.
B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى ھامىلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇش ئەھۋالى، باش سۈيىنىڭ مىقدارى ۋە بالا ھەمراھىنىڭ ئورنى قاتارلىق ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىنىدۇ. بۇ تەكشۈرۈشلەر مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.
ئېھتىمالى بولغان جىددىي ئەھۋاللار ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى
ھامىلىدارلىقنىڭ ئۈچىنچى ئېيىدا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئىچىدە قان چىقىش ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ھەم ئەڭ ھوشيار بولۇشقا تېگىشلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر كۆپ مىقداردا قان چىقسا، بولۇپمۇ قورساق ئاغرىش ياكى ئوچۇق قىزىل قان ئېقىش بىلەن بىللە كەلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. ئاز مىقداردىكى قوڭۇر رەڭلىك ئاجرالمىلار ياكى ھەرىكەتتىن كېيىنكى قىسقا ۋاقىتلىق يېنىك قاناشنى گەرچە ئۆيدە كۆزەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ۋاقتىدا دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، ئانا-بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
قورساق ئاغرىش بولسا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر كېسەللىك ئالامىتى. ئەگەر داۋاملىق قاتتىق قورساق ئاغرىش، بولۇپمۇ قاناش قوشۇلۇپ كەلگەن قورساق ئاغرىقى ياكى بىر تەرەپ يوشۇرۇن ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈش كېرەك. بۇ ئالامەتلەر بەزى يوشۇرۇن خەتەرلىك ئەھۋاللاردىن بىشارەت بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا ۋاقتىدا بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
قان چىقىش ۋە قورساق ئاغرىشتىن باشقا، يەنە باشقا جىددىي ئەھۋاللاردىن ھوشيار بولۇش كېرەك. قىزىش دەرىجىسى 38 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، داۋاملىق قاتتىق باش ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش، ئېغىر بولغاندا تاماق يېگىلى بولمايدىغان قۇسۇش ياكى ئېغىر دەرىجىدە بەل ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. بۇ ئالامەتلەر بەدەندە بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، دوختۇرنىڭ كەسپىي باھالىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.
بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى: بۇ جىددىي ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە، توغرا بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپى ئىنتايىن مۇھىم. ئالدى بىلەن سوغۇققان بولۇش، دەرھال يېتىپ ئارام ئېلىش، ئەڭ ياخشىسى سول ياندا يېتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى، دەرىجىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تەپسىلىي خاتىرىلەش كېرەك، بۇ ئۇچۇرلار دوختۇرنىڭ دىياگنوز قويۇشى ۋە داۋالىشىغا ناھايىتى پايدىلىق. مەسئۇل ئاياللار دوختۇر ياكى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمى ياكى جىددىي قۇتقۇزۇشۇ بۆلۈمى بىلەن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالاقىلىشىش ياكى كۆرۈنۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئېغىر بولغاندا جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلسا بولىدۇ. كېسەل كۆرسەتكەندە ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ يۈرۈش، شارائىت يار بەرسە ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇش كېرەك.
جىددىي ئەھۋالنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىڭىزغا مەسئۇل دوختۇرنىڭ تېلېفون نومۇرى، يېقىن جايدىكى دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفون نومۇرى، جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفون نومۇرى ۋە مۇھىم ئائىلىدىكىلەرنىڭ جىددىي ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئالدىن ئالا تېلېفوندا ساقلاپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز. جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە، بۇ ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى زۆرۈر بولغان داۋالاش ياردىمىگە تېخىمۇ تېز ئېرىشىشكە ياردەم بېرىدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ئېھتىياتچان بولۇڭ، بىپەرۋالىق قىلماڭ، ۋاقتىدا داۋالانسا تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق يېمەك-ئىچمەك قوللانمىسى
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىچى ئېلىشىش ۋە قۇسۇش ئىنكاسلىرىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەزگىل ئوزۇقلۇق تولۇقلاشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. مۇۋاپىق بولغان ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش دەسلەپكى مەزگىلدىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان تېز ئۆسۈش مەزگىلىگە تەييارلىق قىلىدۇ.
ئاساسىي ئوزۇقلۇق جەھەتتە، ھەر كۈنى تەخمىنەن 1.5 گىرام كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ئاقسىل، مۇۋاپىق مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 1000 مىللىگىرام كالتسىي ۋە 27 مىللىگىرام تۆمۈر قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئالاھىدە ئوزۇقلۇق ماددىلىرى جەھەتتە يوپۇرماق كىسلاتاسى (فولىك كىسلاتاسى) نى داۋاملىق تولۇقلاپ، ۋىتامىن D نىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا دىققەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېتەرلىك يېمەكلىك تالاسى تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يېمەك-ئىچمەك پىرىنسىپى جەھەتتە، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىش، يېڭى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تاللاش، مۇۋاپىق مىقداردا كۆپ قېتىم غىزالىنىش، يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
بېلىق، راك، ئورۇق گۆش (خام بولۇپ قالمىسۇن) قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىللارنى كۆپرەك يېيىش، يىرىك گۈرۈچ قاتارلىق پۈتۈن دانلىق زىرائەتلەرنى تاللاش، يېڭى، قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش، مۇۋاپىق مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك ياغ، زەيتۇن مېيى قاتارلىقلارنى تولۇقلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
تۇرمۇش تەڭشەش تەكلىپلىرى
ئۈچىنچى ئايدا، تۇرمۇشنى تەڭشەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ساغلام تۇرمۇش قانۇنىيىتى ئورنىتىپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئىككىنچى ھامىلىدارلىق مەزگىلى (second trimester) گە تەييارلىق قىلىشتۇر.
دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، ھەر كۈنى كەچتە سەككىز سائەت يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىم دەم ئېلىش ۋاقتىنى ساقلاش كېرەك، سول تەرەپتە يېتىپ ئارام ئېلىش، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
خىزمەت جەھەتتە ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش ، مەلۇم ۋاقىتتا بىر تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش، مېڭىپ بېرىش كېرەك. كومپيۇتېر، تېلېفون ۋەيا خىزمەت يېرىدىكى باشقا رادىياتسىيەسىدىن ساقلىنىش، قەرەللىك ھالدا ھەرىكەت قىلىش، خىزمەت سىجىللىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك.
پىسخىكىلىق تەڭشەش جەھەتتە ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاپ، كىشىلىك ئالاقە پائالىيەتلىرىگە مۇۋاپىق قاتنىشىش، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ دەرسلىكىگە قاتنىشىپ، بەزى ئاددىي ھامىلە پائالىيەتلىرىنى باشلىسا بولىدۇ.
ئائىلە تەييارلىقى جەھەتتە، بۇ مەزگىلدە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بىلەن ھامىلىدار بولغانلىق خۇش خەۋىرىنى ئورتاقلىشىشنى باشلىسا، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى پىلانلىسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
3-ئايغا بولغان ئاخىرقى تېلەكلىرىمىز
سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلار، بۇ يەرنى كۆرگەن چېغىڭلار، بىرىنچى ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئۈچ ئايلىق مۇساپە سىز ئۈچۈن ئاسانغا توختىمىدى، لېكىن ھەر بىر كۈندىكى ئۆزگىرىش، بەرداشلىق بېرىش، كۆنۈش، ھەل قىلىش… سىلەرنى ئارزۇيۇڭلاردىكى كىچىك ھاياتلىققا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ھامىلىدارلىق ئىنكاسنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچ ۋە تېخىمۇ خۇشال كەيپىيات بىلەن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ كېيىنكى سەھىپىسىنى داۋاملىق ئېچىشىڭلارغا تېلەكداشتىمىز.
ھەر بىر ئانىنىڭ بۇ ئۆزگىچە سەپەردىن ھۇزۇرلىنىشىنى، شۇنداقلا ھەر بىر دادىنىڭ ھەمراھ بولۇش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز كېلەر ئايدىكى ئۇچرىشىشىمىزغا تەقەززا بولۇۋاتىمىز، شۇ چاغدا تېخىمۇ كۆپ ئېسىل ھامىلىدارلىق ھېكايىلىرى بىزنى كۈتمەكتە!
ھامىلىدار جەريانىدىكى باشقا ئايلارنىڭ مەزمونلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن تاپالايسىز:
تۇغۇت ۋاقتى مۆلچەرلىگۈچ ماشىنىسى