توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى يەنىلا يۇقىرى بولۇپ، ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن بىمارلار تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ جىگەر قېتىشقا ئۆزگىرىپ، جىگەر ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشتىن سىرت، يەنە ئاسانلا ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلىۋاتىدۇ.
جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئەگەشمە كېسەللىك بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، بىمارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكەندىن سىرت ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.
جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلى دېگەن نېمە؟
جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلى
hepatic encephalopathy
肝性脑病
جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسەللىكى جىگەر كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان نېرۋا ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بولۇپ، ھەر خىل نېرۋا روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، جىگەر ئىقتىدارى زەئىپلەشكەن، جىگەر قېتىشقان ۋە جىگەر راكى بولغان بىمارلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.
كىلىنىكىلىق ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جىگەر قېتىشقان بىمارلارنىڭ جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %30 ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىگەرنىڭ زەخىملىنىشى قانچە ئېغىر بولسا، قوزغىلىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلىنىڭ قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار؟
1. خاراكتېرنىڭ ئۆزگىرىشى
بۇ جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، بىمارنىڭ خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەسىلەن، ئەزەلدىن جىمغۇر، كەم سۆز كىشىلەر تۇيۇقسىز ناھايىتى سۆزمەن، تېتىك بولۇپ كېتىدۇ ياكى ئەسلى ئوچۇق- يورۇق كىشىلەر تۇيۇقسىز كەم سۆز، غەمكىن بولۇپ قالىدۇ.
2. ھەرىكىتى بىنورمال بولۇش
بىماردا بىر قىسىم بىنورمال ھەرىكەتلەر كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، ئەسلىدە ساپالىق، ئۆز ئوبرازىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەردە خالىغانچە تۈكۈرۈش، قالايمىقان ئەخلەت تاشلاش، ھەتتا خالىغانچە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش قاتارلىق بىنورمال ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسەللىكىدىن كېلىپ چىققان-چىقمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
3. يۆنىلىش بەلگىلەش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش
ئۆزىنىڭ قەيەردىلىكىنى توغرا پەرقلەندۈرەلمەسلىك، مەسىلەن، دوختۇرخانىدا تۇرۇپمۇ ئۆزىنى ئۆيدە دەپ خاتا چۈشىنىپ قېلىش ھەمدە باشقىلارغا بولغان تونۇشىمۇ توسالغۇغا ئۇچراش، ئادەمنى توغرا تونۇيالماسلىق، ئىنكاسى ئاستىلاش، خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولۇش، سەپرا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
4. ئاڭ سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش
بىماردا ئاسانلا قالايمىقان گەپ قىلىش، ئەس-ھوشىنى يوقىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، يەنە پۇت-قوللىرى قېتىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھوشسىز ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، بۇمۇ جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسەللىكىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر دەرىجىگە يەتكەنلىكىدۇر.
شۇڭا، جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلى بايقالسا، بالدۇرراق مۇنتىزىم داۋالاش كېرەك، يېنىك كېسەللىك ئالامىتى بولغان تەقدىردىمۇ، بىمارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ بارىدۇ ھەمدە كېيىنكى مەزگىلدە مېڭە سۇلۇق ئىششىقى، مېڭە چۇقۇقى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.
جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
1. سوزۇلما جىگەر كېسىلىنى ئاكتىپ داۋالاش
ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار مۇنتىزىم داۋالاشنى پائال قوبۇل قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىپ، جىگەر قېتىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.
2. كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنىڭ ئالدىنى ئېلىش
مەسىلەن، قورساق بوشلۇقى يۇقۇملىنىش، ھەزىم يولى قاناش، قەۋزىيەت، ئېلېكترولىت قالايمىقانلىشىش قاتارلىق جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلىنى ئاسان پەيدا قىلىدىغان ئامىللارغا قارىتا ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.
3. قەرەللىك تاللاپ تەكشۈرۈش
ئەگەر جىگەر قېتىشقا گىرىپتار بولغانلار بولسا، قەرەللىك ھالدا يېنىك تىپتىكى جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسەللىكىنى تەكشۈرۈپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاپ، داۋاملىق مىجەز-خۇلقى ياكى ھەرىكىتىدىكى بىنورماللىق ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/19921581.shtml