ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىقجىنسى ئالاقە مەسىلىسىدە دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەر

جىنسى ئالاقە مەسىلىسىدە دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. كېسەللىكتە، ئەقەللىسى تۇمۇقاپ قالغاندىمۇ جىنسى ئالاقە قىلماسلىق لازىم.

2. ھەيز كۆرگەن مەزگىلدە، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى ۋە ئاخىرقى ئىككى ئېيىدا ھەرگىز جىما قىلماسلىق لازىم. بۇنىڭغا رىئايە قىلماسلىق ئەر-ئايالنىڭ سالامەتلىكى، ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

3. قورساقنى تويغۇزۇپلا جىما قىلىش زىيانلىق.

4. جىمادىن كېيىنلا سوغۇق نەرسىلەرنى يېيىش ۋە ئىچىش، سوغۇق سۇدا ئىستىنجا قىلىش ئىنتايىن زىيانلىق.

5. ئۆزىنىڭ يېشىدىن چوڭ ئادەملەر بىلەن جىنسى ئالاقە قىلىش ئادەمنى كاردىن چىقىرىدۇ.

6. نامۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن ۋە شەكىللەر بىلەن جىما قىلىش ھەر ئىككىيلەننى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ.

7. زىنا قىلىش ئەخلاقى، قانۇنى نىزاملارغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىك بولۇپلا قالماي، شۇنىڭدەك ئىنسانىيەتنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق. سىفلىس، سۆزنەك سۈيدۈك يولى جاراھەتلىرى، جىنسى ئەزا ياللۇغى، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىكى ئەيدىز كېسەللىكى دەپ ئاتالغان دەھشەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى پاھىشىۋازلىق ۋە قەبىھ شەھۋانى جىنسى ئالاقىدىن تارقالماقتا. ئۇ يىرگىنىشلىك جىنسى ئەركىنلىكنىڭ ئىپلاس نەتىجىسىدۇر.

8. لەۋۋاتلىق (ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ جىنسى ئالاقە قىلىشى) سالامەتلىك ۋە ئىنسانىي شەرەپ غۇرۇر ئۈچۈن ئەڭ زىيانلىق شەرمەندە ھەرىكەتتۇر. خۇددى زىناغا ئوخشاشلا ئەيدىز كېسەللىكى لەۋۋاتلىق ئارقىلىقمۇ يۇقۇپ تارقالماقتا.

9. قانداقتۇر «لەززەتلىنىش» نى ئۈمىد قىلىپ، ۋاقىتسىز قۇۋۋەت دورىسىنى ئىشلىتىش، قوزغاتقۇچى، مەست قىلغۇچى دورىلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىش جىنسى ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئەمەس، بەلكى بالدۇرراق كاردىن چىقىرىدىغان خاتا چارىدۇر.يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، كىچىك بالىلار ھەم بويىغا يەتكەن قىز-يىگىت بار جايدا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قالايمىقان چاقچاقلاشماسلىقى، جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدە سۆز قىلىشماسلىقى، كىچىك بالىلار بار ئۆيدە بىرگە ياتماسلىقى لازىم.يۇقىرىقىلارغا دىققەت قىلغان ۋاقىتتا ئۆسمۈرلەر، ياشلار، چوڭلار ھەم ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكى، ئەخلاقى، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن نورمال يېتىلىشىگە ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-13

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-12 / 10:55:41

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ