ساغلاملىق گېزىتىدە مۇنۇلار دېيىلگەن ، ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلاردا ، پەقەت ئاياللارنىڭ جىنسىي ھېسىىياتلىنىشىنىڭ دەۋرى بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھېسسىياتلىنىشىمۇ بىر رىتىملىق دەۋرى بولىدۇ
شېرىن ئاينى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ، ئوتتۇرا ياش دەۋرىگە قەدەم قويغان ئەرلەر بەدىنىنىڭ ياشلارغا قارىغاندا ئاجىزلىشىشىقا قاراپ ماڭىدۇ . ئىچكى ئاجراتمىلىرىمۇ تۇراقلىشىدۇ ، ئەرلىك ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى يۇقىرى سەۋىيىدە بولماي بەلكى بىر دەۋرىيلىككە قاراپ ماڭىدۇ ، بۇنداق دېگەنلىك ، جىنسىي ھېسسىياتلىنىشمۇ دەۋرىيلىككە قاراپ ماڭىدۇ دېگەنلىك . ئەرلىك ھورمون كۆپ ئاجرىلىپ چىققاندا جىنسىي ھاۋايى-ھەۋەسمۇ كۈچلۈك بولىدۇ ؛ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى ئاز بولغاندا جىنسىي ھەۋىسىمۇ ئاجىز بولىدۇ ھەتتا قىزىقماسلىقى مۇمكىن .
بەزى كىشىلەرنىڭ بەدەن ساپاسى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ ، ئەرلىك ھورمون ئاجرىلىپ چىقىش دەۋرى بەكلا دولقۇنلانمىسا ، ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسە ، ئەرلەر ئۇزۇن ۋاقىت جىنسىي ھەۋىسى بولماسلىقتەك ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن . لېكىن بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئاستا ئاستا تۈزىتىۋالغىلى بولىدۇ . يەنى جىنسىي مۇناسىۋەت ، جىنسىي غىدىقلاشنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىپ بەرسە ، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسى قايتا قوزغىلىپ ، نورمال ھالەتكە كېلىدۇ . يېڭى توي قىلغان ، ياكى توي قىلىپ بىر مەزگىل بولۇپ جىنسىي تۇرمۇشى بىر قەدەر مەمنۇنسىز بولۇپ يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، دېيىلگەن ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ باقسا بولىدۇ .