ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقكۈز پەسلىدە بۇ سەككىز خىل مېۋىنى كۆپرەك يەڭ

كۈز پەسلىدە بۇ سەككىز خىل مېۋىنى كۆپرەك يەڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ يېمەكلىككە بولغان تەلىپى بۇرۇنقى «تويۇش»تىن ئاستا – ئاستا «ياخشى يېيىش»كە ئۆزگەردى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى قانداق تاللاپ يېگەندە ئاندىن ھەم تەم سەزگۈسىنى قاندۇرغىلى ھەم ساغلام يېگىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە سىزنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرىدىغان سەككىز خىل مېۋىنى تونۇشتۇرىمىز.

دولانا : كالتسىي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى

كۈز پەسلىدىكى مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە دولانانىڭ تەركىبىدە كالتسي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەر يۈز گىرام مېۋە ئېتىدە 52 مىللىگىرام كالتسىي بار. ھامىلىدارلار ۋە بالىلارنىڭ كالتسىيغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى بولغاچقا، تاماقتىن كېيىن دولانا يەپ بەرسە بولىدۇ.(ھامىلىدارلار دولانا يېگەندە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك)

ئۇنىڭدىن باشقا، دولانا تەركىبىدە ترىتېرپېنوئىد كىسلاتا ۋە فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار بولغاچقا، قان بېسىمى ۋە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشتىكى «كىچىك ياردەمچى» دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە دولانا تەمى چۈچۈمەل، تەبىئىتىمۆتىدىل، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ، تولغاق توختىتىپ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ دەپ قارىلىدۇ. خام دولانا يەنە بەدەندىكى ماينى سېرىيدۇ، شۇڭا ئورۇقلايدىغانلار كۆپرەك يېسە بولىدۇ.

 

ئاپېلىسىن: ۋىتامىن B1 چېمپىيونى

ۋىتامىن B1نىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا سىگنال يەتكۈزۈش رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپېلىسىندىكى كاروتىننىڭ مىقدارى باشقا كۈز مېۋىلىرىنىڭكىدىن كۆپ، بۇ خىل ئوزۇقلۇق ماددا بەدەندە ۋىتامىن Aغا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ كۆزنى ئاسراپ، روشەنلەشتۈرۈش رولى بار.

 

ئانار: يېمەكلىك تالاسى چېمپىيونى

ئانارنىڭ تەركىبىدە سۇدا ئېرىيدىغان يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ھەزىم قىلىش يولىدا ئېنزىم تەرىپىدىن پارچىلانمايدۇ، ئۇ ھەم قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئانارنىڭ ئۇرىقىدا ۋىتامىن C، پولىفېنول تۈرىدىكى ماددىلار مول بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بار. شۇڭلاشقا ئانار يېگەندە ئۇرۇقىنىمۇ ياخشى چايناش كېرەك.

 

يېڭى چىلان: پۈتۈن ئېنېرگىيە چېمپىيونى

كۈز پەسلىدىكى باشقا مېۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭى چىلاننىڭ تەركىبىدە كۆپ تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، مەسىلەن: ۋىتامىن C، كالىي، ماگنىي، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىقلار. ۋىتامىن C قان تومۇرلارنى يۇمشىتىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كالىينىڭ قان بېسىمنى كونترول قىلىشتا پايدىسى بار، ماگنىي بېسىمغا قارشى تۇرۇشقا پايدىلىق.

 

چوڭ ئاپېلسىن (pomelo) : كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئەڭ تۆۋەن

ھەر يۈز گىرام يۇۋزى تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىقدارى 9.5 گىرام. بۇ سېمىزلەرگە نىسبەتەن ئەلۋەتتە خۇش خەۋەر. تېبابەتتە، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مول بولغان يېمەكلىك ئادەم بەدىنىدىكى قەنت شېكىرى ۋە ئىنسۇلىننى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇ سەۋەبلىك سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا دىيابېت ۋە يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

 

نەشپۈت: ئۆپكىنى سىلىقلاش رولى ئەڭ ياخشى

نەشپۈتنىڭ تەركىبىدە %85 ئەتراپىدا سۇ بار، ئۇنىڭ ئىچىدە فرۇكتۇزا ۋە گلۇكوزىنىڭ مىقدارى ئەڭ مول، شۇڭلاشقا يېگەندە تەمى تاتلىق، ناھايىتى يېيىشلىك. كۈزدە ئېغىز، بۇرۇن قۇرۇشۇپ، قۇرۇق يۆتەل جىقلاپ قالغاندا يېڭى نەشپۈت يېگەندە كۈزدىكى قۇرغاقلىشىش ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نەشپۈت تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئەسلىدىنلا كۆپ ئەمەس، شۇڭلاشقا نەشپۈتنى پىشۇرۇپ يېگەندە تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇققىمۇ جىق تەسىر قىلىپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن: نەشپۈتنى ھوردا، ياكى سۇدا پىشۇرۇپ ناۋات قوشۇپ يېگەندە يېيىشلىك ھەم ئوزۇقلىقىغا تەسىر يەتمىگەن بولىدۇ.

 

ئەينۇلا: تېرىنى ئاسرايدىغان يېمەكلىك

ئەينۇلا ئۆزى كىچىك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھۆسىن تۈزەش تېرە ئاسراشتىكى ئوزۇقلۇق ئامبىرى. ئەينۇلا تەركىبىدە سىئانىننىڭ مىقدارى ئەڭ مول، بۇ دەل ئۇنىڭ قېنىق قارا كۆك رەڭدە بولۇشىنىڭ سەۋەبى، سىئانىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ۋىتامىن Cنىڭكىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئارتۇق بولۇپ، تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا، داغ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

 

ئۈزۈم: ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش چېمپىيونى

ئۈزۈم تەركىبىدە بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولى بار.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-21 / 06:21:18

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ