سوزۇلما خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى
慢性宫颈炎
chronic cervisitis
kronik servisit, kronik rahim ağzı itihabı
سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى ۋاقتىدا ئۈزۈل كېسىل داۋالانمىغانلىقتىن كىسەل قوزغاتقۇچى ئېلېمنتلار بالىياتقۇ بوينى شىللىق پەردىسى ئىچىگە يوشۇرۇنىۋېلىپ ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سەۋەبى:
1)ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالىمغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
2)غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنىڭ بالىياتقۇ بوينىغا تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
3)داس بوشلۇقىدىكى ياللۇغنى ۋاقتىدا داۋالىماسلىق،داس بوشلۇقىدىكى ئەزالار يەنى بالىياتقۇ بوينى،بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغلىنىش بولغاندا ئاجرالما ماددىلارغا بالىياتقۇ بوينى ئۇزۇن مۇددەت چىلىنىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدۇ.
4)تۇغۇت،بويىدىن ئاجراش،ھەيز ۋە چىللە دەۋردىكى تازىلىق ۋە دىزىنفىكسيەگە دىققەت قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
5)ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش نەتىجىسىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.
6)ئىچكى ئاجرالما بەزلەر خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
7)بالىياتقۇ چىقىقى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
8)جىنسى تۇرمۇشنىڭ كۆپ بولۇشى ھەمدە قوپال بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
كلىنىك ئالامەتلىرى :
ئاستا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى جىنسى يول ئاجرالمىلرى كۆپىيىدۇ.كىسەل قوزغاتقۇچى مىكروب،ياللۇغلىنىشنىڭ دائىرسى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ جىنسى يول ئاجرالمىلىرىنىڭ مىقدارى،خاراكتېرى ۋە رەڭگى پۇرىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،جىنسى يول ئاجرالمىلىرىنىڭ رەڭگى سۈترەڭ شىلىمشىق بولىدۇ،بەزىدە سارغۇچ يىرىڭلىق كېلىدۇ،بەل توققۇز كۆز قىسمى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ،قورساق تۆۋەنگە قاراپ چىڭقىلىدۇ،بۇ ھەرقىتىملىق ھەيز مەزگىلىدە ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندىن كىيىن ئېغىرلىشىدۇ،بەزىدە تىگشىش خاراكتېرلىك قاناش كۆرۈلىدۇ.
دىئاگنوز قويۇش :
كلىنىك ئىپادىلىرى ۋە ئاياللار بۆلۈمىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش ئانچە تەس ئەمەس ، ئەگەر بالىياتقۇ بوينى زېدىسى Ⅱ-دەرىجىگە يەتكەن بولسا بالىياتقۇ بوينىدىن سۇۋالما ئىلىپ تەكشۈرۈپ راك ھۈجەيرىنىڭ بار يوقلۇقىنى ئىنىقلايمىز.
سىېلىشتۇرما دىئاگنوز:
بالىياتقۇ بوينى راكى (دەسلەپكى دەۋىردىكى ) راكقا گىرىپتار بولغان بىمارلاردا بالىياتقۇ بوينىدا شەلۋەرەش بولۇپ ئېغىر بولغاندا تىگىش خاراكتېرلىك قاناش بولىدۇ. بۇنى پەرقلەندۈرۈشتە يەرلىك ئورۇندىن سۇۋالما ئىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىنىقلايمىز.
ئالدىنى ئىلىش:
ۋاقتىدا ئاكتىپلىق بىلەن جىددى خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى داۋالاش.ئاياللار بۆلۈمىدە قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش.بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى بايقالغان ھامان ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش،پىلانلىق تۇغۇش،ھەيز،ھامىلدارلىق تۇغۇت ۋە چىللە مەزگىلدىكى تازىلىققا دىققەت قىلىش.تۇغۇت جەرياننى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ بالىياتقۇ بوينىنىڭ يىرىلىپ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش،يىرىلىپ زەخمىلەنگەن بولسا ئۆز ۋاقتىدا تىكىش لازىم .
داۋالاش:
بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى داۋالاشتىن ئىلگىرى بالىياتقۇ بوينىنى قىرىپ نۇسخا ئىلىپ تەكشۈرۈلۈپ دەسلەپكى دەۋردىكى بالىياتقۇ بوينى راكىنى ئىنكار قىلىش لازىم .