توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سۇ تۇرمۇشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەدىنىمىزدىكى ھەرقايسى ئەزالار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق؟ بەدىنىمىزنى كېسەللىكلەردىن قانداق قوغدايدۇ؟ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى قانداق توسىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە سۇ بارلىق ھاياتلىقنىڭ ئاساسى، بىز سۇنىڭ بەدىنىمىزدىكى ھەر قايسى ئەزالارنى قانداق قوغدايدىغانلىقىنى بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.
سۇ جانلىقلار تېنىدىكى بارلىق فىزىئولوگىيىلىك بىيوخىمىيىلىك جەريانلارغا قاتنىشىدۇ، جانلىقلار تېنىدە سۇ كەملەپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ھاياتلىق شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاخىرلىشىدۇ، شۇڭا سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، خۇددى قۇياش نۇرى، ھاۋاغا ئوخشاش ھاياتلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان، ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ زۆرۈر تەبىئىي بايلىق ھېسابلىنىدۇ.
سۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى
سۇ بىلەن ئاشقازان-ئۈچەينىڭ مۇناسىۋىتى
ئۈچەي يولىدىكى توكسىننى تۇرمۇشتىكى بىر قىسىم ناچار ئادەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ مەسىلەن، كېچىلىك تاماق يېيىش، كەچ ئۇخلاش، يېمەك-ئىچمەك تەرتىپسىز بولۇش قاتارلىق ئادەتلەردە بۇ توكسىنلار بەدەن سىرتىغا چىقىرىلماي، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇ ئاشقازاننىڭ بۇ زەھەرلىك ماددىلارنى ۋاقتىدا تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
سۇ بىلەن بۆرەكنىڭ مۇناسىۋىتى
كۆپ سۇ ئىچىش بۆرەك ساغلاملىقىنىڭ ئاساسىي كاپالىتى. بۆرەككە تاش چۈشۈش سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. نۆۋەتتە، مېدىتسىنادا بۆرەككە تاش چۈشۈش ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزم مۇھىتى، يېمەك-ئىچمەك، كېسەللىك قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ سۇسىزلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىلىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىرىنچىدىن، يېمەكلىكتىكى كالتسىينىڭ پارچىلىنىشى، يەتكۈزۈلۈشى، چىقىرىۋېتىلىشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، بۆرەككە يىغىلىپ تاش پەيدا بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بەدەندە سۇ يېتەرلىك بولمىغاندا سۈيدۈك چىقىرىش قېتىم سانى ئازىيىش، سۈيدۈك كىسلاتاسى بەك قويۇق بولۇپ كېتىش، كالتسىي ماددىسى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلار ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا تاش پەيدا بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، بۆرەك ياللۇغلىنىشتا، كالتسىينى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكىلى بولماسلىق سەۋەدىن، كۈنسىرى يىغىلىپ تاش پەيدا بولىدۇ. بۆرەككە تاش چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى كۆپرەك سۇ ئىچىش كېرەك.
سۇ بىلەن جىگەرنىڭ مۇناسىۋىتى
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، سۇ ئىچىش مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېتابولىزم ھاسىلاتلىرى ۋە توكسىنلارنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىدۇ، بۇ جىگەرنىمۇ قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
جىگەر ئىقتىدارىنىڭ بىرى قاننى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سۈزۈش بولۇپ، سۇنىڭ بۇلغىنىشى قاننىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىشىش، ھەتتا جىگەر كېسىلى قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا، بۇلغانغان سۇ سۈپىتىمۇ جىگەر كېسىلىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
سۇ بىلەن تېرىنىڭ مۇناسىۋىتى
سۇنى كۆپ ئىچكەندە مېتابولىزمنى تېزلىتىپ، زەھەرنى ھەيدەپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، تېرىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
سۇ بىلەن قان تومۇرنىڭ مۇناسىۋىتى
بەدەندە ئۇزاق مۇددەت سۇ كەمچىل بولسا، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ، خولېستېرىن پەيدا قىلىپ ئۆزىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر خولېستېرىن ئۇزۇن مۇددەت يۈرەك، جىگەر، ئۆپكە، مېڭە قاتارلىق جايلاردا تۇرۇپ قالسا، قان تومۇر دىۋارى قېلىنلاپ، قان ئېقىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
بىز ھەر كۈنى ئىچىدىغان سۇ مىقدارىنى تەڭشىسەكلا، ھۈجەيرىنىڭ باشتىن-ئاخىر گىدراتلىشىش ھالىتىدە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز، شۇنىڭ بىلەن خولېستېرىن ھاسىل بولۇش مىقدارىمۇ ئازىيىدۇ.
سۇ بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ مۇناسىۋىتى
چوڭ مېڭىنىڭ %80 تەركىبى قىسمى سۇ. ئادەم سۇسىزلىنىپ كەتكەندە ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغىنى چوڭ مېڭىدۇر. سۇ نېرۋىنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيەسى بولۇپ، يېتەرلىك سۇ بىر كۈن ھەرىكەت قىلغان چوڭ مېڭىنى ئارام ئالدۇرىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ.
سۇ بىلەن راك كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى
راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئوكسىگېندىن بىزار بولۇش بولۇپ، پارچىلىنىش جەريانىدا كۆپ مىقداردا ئوكسىگېن سەرپ بولىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە راك كېسىلى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بەدەن سۇيۇقلۇقىدا ئۇزاق مۇددەت يىغىلىپ قېلىشى بولۇپ، ھۈجەيرىنىڭ زەخىملىنىشى ۋە جىددىي يامانلىشىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئادەم بەدىنىدە ئوكسىگېن يېتىشمىسە، راك ھۈجەيرىلىرى پەيدا بولىدۇ ۋە كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، بەدەندە سۇنىڭ كەمچىل بولۇشى راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/06/7652733.shtml