ياشانغانلارنىڭ بېشى زۇكامداپ قىزىپ قالغاندا ئاغرىغاندىن باشقا ، يېقىن ئورگانىزىملاردىكى كېسەللىك تەسىرىدىن ۋە چوڭ مېڭە كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا سەۋەبلەر بىلەن تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىسا ، تۆۋەندىكىدەك كېسەللىكلەرنىڭ بار – يوقلىقىنى ئويلىشىپ قويۇڭ :
جىددى خاراكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى بۇ كېسەللىك جىددى خاراكتىرلىك قان بېسىمى ، قان بېسىم بوھرانى ۋە يۇقىرى قان بېسىملىق مېڭە كېسەللىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
بۇ ئۈچ تۈرلۈك جىددى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە ، باش قاتتىق ئاغرىيدۇ ، دائىم ھوشسىزلىنىش ، قۇلاق ئاڭلىماسلىق ، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش ، يۈرەك سىقىلىش ، كۆزى تورلىشىش ، ھەتتا مۇسكۇللار كۈچسىزلىنىپ ئۇيۇشۇش ، روھىي ھالىتى پەۋقۇلئاددە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ .
مېڭە ئۆسمىسى ياشانغانلار مېڭە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولسا ، دەسلەپكى مەزگىلدە ئۆسمە تەن ھۈجەيرىسى كىچىك بولغاچقا ، ئورۇن ئېففىكتى روشەن بولمىغاچقا ، كۆپ ھاللاردا باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ .
مېڭە ئارتېرىيە ئۆسمىسى ناۋادا بۇ ئۆسمە يېرىلىپ قان چىققاندا ، كېسەللىك ئەھۋالى جىددى ئېغىرلايدۇ ، ئالدى بىلەن باش تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىيدۇ ، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ ، باش يېرىلغۇدەك قاتتىق ئاغرىيدۇ ، ئارقىدىنلا ھوشسىزلىنىدۇ ، تارتىشىپ قالىدۇ .