ئانا سەھىپەخانىم قىزلارتەربىيە ۋە ساۋاقئانىلار ھەر كۈنى ئۆز ئۆيىنىڭ سۇلتانى بولسۇن

ئانىلار ھەر كۈنى ئۆز ئۆيىنىڭ سۇلتانى بولسۇن

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھەربىر ئانا پەقەت ئانىلار بايرىمى كۈنىلا ئەمەس، ھەر كۈن ئۆزى ياشاۋاتقان ساراينىڭ بىر سۇلتانىدۇر بۇ سۆزىمىزگە ئىسپات تەلەپ قىلىۋاتامسىز نېمە؟ بولىدۇ، ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ سۆزلىرىمىزنىڭ دەلىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقايلى!

ئۇنداقتا، بۇلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، سىزمۇ ئۆزىڭىزگە سوئال قويۇپ بېقىڭ! ئائىلىڭىزنىڭ سۇلتانى ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىپ بېرەلىدىڭىز؟ سىز بىر لاياقەتلىك ئەۋلادمۇسىز؟

1. قانداق ئۆيدە تۇرۇشنى ئانا قارار قىلىدۇ.

ئۆي سېتىۋالىدىغان ۋاقىتتىكى ئىشلار يادىڭىزدىمۇ؟ بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ئۆز كۆز قارىشىنى سۆزلەيدۇ، ئەمما ئاخىرقى قارارنى ئانا چىقىرىدۇ.

2. ئانىلار نىسبەتەن ئۆي دېمەك ئاشخانا دېمەكتۇر.

مېھمانخانا ئۆينىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە كىم ھەممىدىن بەك ئېتىبار بېرىدۇ، ئەلۋەتتە سىز. ئەمما ئاشخانا ئۆينىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئەزەلدىن ئېتىبار بەرمەيسىز، چۈنكى ئۇ يەر مەڭگۈ سىزنىڭ سارىيىڭىز بولالمايدۇ، ئەمما ئانا ئۈچۈن ئەكسىچە.

3. ئانىلار خىيال سۈرىدۇ، ئاتىلار ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئانىلار ھەر دائىم ئۆيۈم ئۇنداق بولسا، بۇنداق بولسا، ئۆينى ئۇنداق ئوڭشىسام، بۇنداق ئوڭشىۋالسام دەپلا يۈرىدۇ، ئەمما بۇنداق دېگەنلىك بىلەن ھېچ ئىش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، بۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا كۈچ چىقىرىدىغان ئادەم يەنىلا دادا. يەنى سۇلتان بىر دېسە ئىككى دېيىلمەس.

4. ئانىلارنىڭ ئىشكاپ «رىشتى»

ئائىلە زىننەتلىگەندە، بەلكىم ئىشكاپنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايسىزغۇ دەيمەن، ئەمما ئۇنتۇپ قالماڭكى، ئانىلار ئىشكاپنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇ بەلكىم ئىشكاپقا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولغانلىقتىن بولسا كېرەك، قانداقلا بولمىسۇن، ئانىلارنىڭ ئىشكاپ «رىشتى» غا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

5. ئانىلارغا نىسبەتەن كىچىك ئۆي يوق.

ئەگەر سىزنى ئىككى ھۇجرا، بىر مېھمانخانىلىق، 80 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە تۇرىدۇ دەيلى، بەلكىم بۇنى ئازادە ھېسابلىماسلىقىڭىز، ئۆيىڭىزنىڭ كىچىكلىكىدىن ھەر ۋاقىت زارلىنىپ يۈرىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئاپىڭىز بۇ ئۆينىڭ ئىچىدە تازىلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلىدۇ. دېرىزە سۈرتۈش ئۈچۈن دېرىزە ئالدىغا قانچە قېتىم بېرىپ، دېرىزىگە قانچە قېتىم يامىشىدۇ، گىلەم سۈپۈرۈش، پول سۈرتۈش، توپا-چاڭلارنى تازىلاش….. دېگەندەك ئىشلار ئۈچۈنچۇ؟ شۇڭا ئانا ئۈچۈن كىچىك ئۆي يوق.

6. ئانىلار ئۆي تاللىغاندا، قوشنىلارغا بەك دىققەت قىلىدۇ.

سىز ئۆي سېتىۋالغاندا، ئەتراپتىدىكى قوشنىلارغا دىققەت قىلىپ، تاماق ئەتكەندە چىقىدىغان ھەرخىل پۇراقلارنى ئانالىز قىلىپ، قوشنىلار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان دادىنى كۆردىڭىزمۇ؟ كۆرمىدىڭىز، چۈنكى بۇ خىل «سەزگۈر» لۈك پەقەت ئانىلارغىلا خاس.

7. ئانىلارنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن تازىلاش ئاسان بولغان ئۆي تاللاڭ.

ئانىلار بەختنىڭ مەنبەسى، بىر ئائىلىدە ئانا بەختلىك بولسا، بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ يۈزىدىن كۈلكە پارلايدۇ، ئۇلارنى پەرىشان قىلىپ قويماڭ. سىرلاپمۇ پارقىراتقىلى بولمايدىغان ئىشكاپلارنى ئۇلارغا ئېلىپ بېرىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ، شۇنداقلا ئۇنداق ئىشكاپلارنى سېتىۋىلىش تەكلىپىنىمۇ بەرمەڭ.

8. ئۆينىڭ ئەتراپىدا نېمىلار بارلىقىغا دىققەت قىلىڭ.

ئۆينىڭ ئەتراپىدا، تورخانا، كۇلۇب قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىدىن خوش بولۇپ كەتمەڭ، چۈنكى بۇ پەقەت سىزنىڭ قىزىقىشىڭىز. ئانىنىڭ ئويلايدىغىنى بولسا، كۆكتات دۇكىنى، ئۇن-ماي سېتىۋىلىش قولايلىقمۇ؟ مەكتەپ، دوختۇرخانىلار بىلەن بولغان ئارىلىقى قانچىلىك دېگەندەكلەر.

9. يورۇق چۈشمەيدىغان قاراڭغۇ ئۆيلەر ئانىلارنى بىزار قىلىدۇ

ھەرقانچە تازىلىسىمۇ، پاكىز كۆرۈنمەيدىغان، يورۇق چۈشمەيدىغان، قاراڭغۇ، نەم ئۆيلەر ئانىلارنى بەكلا بىزار قىلىدۇ، شۇڭا ئائىلىنىڭ سۇلتانىنى كىچىك ياكى ئاددىي بولىشىدىن قەتئىينەزەر، يورۇق، كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆيلەردە تۇرغۇزۇڭ.

10. ئاخىرقى سۆزىمىز، ئانىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

سۆزىمىز تامام، نېمە ئۈچۈن ئانىلار ئۆيىمىزنىڭ سۇلتانى ئىكەنلىكىنى بىلگەنسىلەر، ئانىنىڭ ئېھتىياجىدىن، ئانىنىڭ خوشاللىقىدىن ئۇنىڭ بارلىقىنى ئائىلىسىگە ئاتىغان، بارلىق خوشاللىقى ۋە خاپىلىقى ئائىلىسىدىن كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانسىلەر. ئەگەر بىر لاياقەتلىك ئەۋلاد بولماقچى بولماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئائىلىدىن سۇ ئىچكۈزۈڭ، ئۆيىڭىزنىڭ سۇلتانىنىڭ كۆزلىرى بەختتىن نۇرلىنىپ كەتسۇن!

مەنبە: تۈركىيە خەۋەرلەر تورى خەۋىرى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-05-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 08:26:50

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ