بەزىلەر كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال يۈگۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بۇ ياخشى ئادەت ئەمەس چۈنكى ئادەم جىددىي ھەركەت قىلغاندا ، بەدەننىڭ ئوكسىگىنغا بولغان ئېھتىياجى ئاشىدۇ چوڭ مېڭە ئوكسىىننى كۆپلەپ قوبۇل قىلغانسېرى ئادەم روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىدۇ ۋە مېڭە ھۈجەيرىلىرى غىدىقلىنىدۇ، نەتىجىدە ئادەم دەرھال ئۇخلىيالمايدۇ
يەنە بەزىلەر ئاخشىمى يېتىپ كىتاپ ئوقۇشقا ئادەتەنگەن. ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ئادەم ياتقان ھامان شەرتلىك رېفلىكىس تۈپەيلىدىن چوڭ مېڭە دەم ئېلىش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. بۇنداق چاغدا كىتاپ كۆرگەندە ، چوڭ مېڭە نېرۋىلىرىدا قالايمىقانلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئادەت داۋاملىشىۋەرسە ، ئەقلىدىن ئېزىش، نېرۋا فونكىتسىيىسى بۇزۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. يېتىپ كىتاپ كۆرۈش يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي سەۋەپلەرنىڭ بىرى.
يەنە بىر قىسىم كىشىلەردە ئەتىگەنلىك تاماقنى ئاز، چۈشلۈك تاماقنى ئادەتتىكىدەك، كەچلىك تاماقنىھەم كۆپ ھەم قۇۋۋەتلىك يەيدىغان ئادەت بار. ئەتىگەنلىك تاماق ئاساسەن چۈشتىن بۇرۇنقى ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەككە سەرىپ قىلىنىدۇ.
ئادەتتە كىشىلەرنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى خىزمىتى كۆپرەك بولىدۇ ،ئەتىگەندە تاماقنى ئاز يىگەندە ، چوڭ مېڭىگە ئېھتىياجلىق ئىسسىقلىق يېتىشمەي قالىدۇ-دە ، نېرۋا ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ. كەچتە تاماقنى كۆپ ۋە قۇۋۋەتلىك يىگەندە ، ھەركەتنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەپلىك تاماق ياخشى ھەزىم بولمايدۇ. ھەزىم بولغاندىمۇ ئېنىرگىيە سەرىپ بولماي ، بەدەندە ساقلىنىپ قالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئادەم سەمىرىپ قورساق سېلىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ.