يۈرەك كېسىلىنىڭ تۈرلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يۈرەك كېسىىلى ناھايىتى چوڭ بىر ئۇقۇم. يۈرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن كېسەللىكلەر بار. بىز ئۇيغۇرلار دائىم دەيدىغان يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قاپتۇ دىگىنىمىز، يۈرەك كېسىلى ئىچىدىكى يۈرەك قان تومۇر جىددىي توسۇلۇپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى بىرەرسى سىزگە پالانچىنىڭ يۈرەك كېسىلى باركەن دىسە، بەلكىم ئۇنىڭ سىزگە دىمەكچى بولغىنى ئەگەر ئۇ يېشى چوڭراق ئادەم بولسا، يا يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى، ياكى يۈرەك كىلاپان كېسىلى ۋە ياكى يۈرەك مۇسكۇلى يوغىناپ كىتىش كېسىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر مەلۇم كىچىك بالىدا يۈرەك كېسىلى باركەن دىسە، بۇ بالىدا بەلكىم يۈرەك بوشلۇقلىرى ئارىسىدا تۆشۈك بولۇشتەك تۇغما يۈرەك كېسەللىكىنى دىمەكچى بولۇشى مۇمكىن.

يۈرەك كېسىلىنىڭ تۈرلىرى
يۈرەك كېسىلىنىڭ تۈرلىرى

يۈرەك كېسىلى 8 چوڭ تۈرگە ئايرىيمىز:

  1. تۇغما غەيرىلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك كېسىلى.

بۇ يۈرەك شەكلىنىڭ تۇغما غەيرى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ھامىلە ۋاقىتتا، كۆپىنچىسىنى بوۋاق تۇغۇلغاندا، يەنە بەزىلىرىنى چوڭ بولغاندا ئاندىن توغرا دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. كۆپىنچە تۇغما غەيرىلىك يۈرەك كېسىلىنى دورا ھەم ئوپىراتسىيە بىلەن ساقايتقىلى بولىدۇ.

  1. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى

بۇ كېسەللىك يۈرىكىمىزدىكى تاجىسىمان قان تومۇرلىرىنىڭ تارىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قىسمەن توسۇلۇش ياكى پۈتۈنلەي توسۇلۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇ توسىلىشنىڭ سەۋەبى، ھاراق تاماكا، ئەيشى ئىشرەت ، سېمىزلىك، دىئابىت كىسىلى، قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى، ھەم ياشنىڭ چوڭىيىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  1. يۇقىرى قان بېسىمى سەۋەبلىك يۈرەك كېسىلى

قان بېسىمى مەيلى قايسى سەۋەبتىن بولسۇن، ئەگەر قان بېسىمى ئۇزۇن مۇددەت نورمال سەۋىيەدە بولمىسا، دورا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن تەڭشىمىسە، يۈرەك مۇسكۇللىرى چىدىماي ئاخىرىدا ھېرىپ يوغىناپ كۈچىدىن كىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى يۇقىرى قان بېسىمى سەۋەبلىك يۈرەك كېسىلى دەپ قويىمىز.

  1. ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى

ئۆپكىنىڭ ئۆزىنىڭ كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن، يۈرەكتىن ئۆپكىگە كېلىدىغان قان ئېقىمىغا قارشى كۈچ ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلسا، يۈرەك مۇسكۇللىرى يوغىناپ زەئىپلىشىدۇ. بۇنى ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى دەيمىز.

  1. يۈرەك مۇسكۇلى يۈرەك پەردىسى ياللۇغىلىرى كېسەللىكلىرى

ۋىرۇس، مىكروپ سەۋەبلەردىن يۈرەك پەردىسى، يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ ياللۇغىلىنىپ قالغاندىكى ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار ياشلاردا ۋە ئاياللاردا كۆپرەك بولىدۇ.

  1. رىماتىزىملىق يۈرەك كېسىلى

بۇ ئاساسلىقى بەدەننىڭ باشقا يېرىدە كۆرۈلگەن رىماتىزىملىق كېسەكلىك يۈرەكنىڭ كىلاپانىغا تەسىر كۆرسىتىپ يۈرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن بولىدۇ.

  1. يۈرەك ئۆسمىسى

يۈرەكتە ئۆسمە ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. بولغان تەغدىردىمۇ تەڭدىن تولىسى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولىدۇ.

  1. يۈرەكنىڭ قان تومۇر ئۆزگىرىش سەۋەبلىك يۈرەك كېسىلى

قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى بولۇپ كىتىش،  سىفىلىز ۋىرۇسى ياكى مىكروپ يۇقۇملىنىش، تومۇر ياللۇغلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان غول قان تومۇر شەكلى ئۆزگىرىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇمۇ ھىساپتا بىر خىل يۈرەك كېسىلى.

بەزىلەر يۈرەكنىڭ ئىتتىك سوقۇش، رىتىمسىز سوقۇش، ئاستا سوقۇشلىرىنى يۈرەك كېسىلى دەپ چۈشىنىۋالىدۇ. بۇلار يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئەمما يۈرەك كېسىلىنىڭ ئۆزى ئەمەس. بۇ ئىككى ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىق لازىم.

بۇ 8 تۈر ئىچىدىكى يۈرەك كېسىلىنىڭ مەيلى قايسىسى بولسۇن، توغرا دىئاگنوز قويۇلمىسا، توغرا داۋالىنىش ئېلىپ بېرىلمىسا، ياكى توغرا كۈتۈنمىسە، ئاخىرىدا يۈرەك  زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. تېخىمۇ ئېغىرراق ئەھۋاللاردا ئۆلۈم يۈز بېرىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 04:20:59

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ