بويۇن ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكى، سۆڭەك ئۆسۈكچىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ئىلگىرى كىشىلەر ‹‹سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنى ›› رېماتىزمدىن بولغان سۆڭەك ئاغرىشنىڭ بىرخىل ئالامىتى دەپ قاراپ كەلگەن، داۋالاش ئۈنۈمىمۇ كۆرۈنەرلىك بولمىغان ھازىر ‹‹سۆڭەك ئۆسۈش›› دەپ توغرا تونۇپ كەلمەكتە

تونۇش :
ھازىرقى زامان زامانىۋى مېدىتسىنا پەن تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بىلەن، كىشىلەر رېنتىگېن CR، CT، MRI قاتارلىق ئىلغار ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق سۆڭەك ئۆسكەن ئورۇن ۋە ئۆسۈش دەرىجىسىنى ناھايىتى ئاسان ۋە ئېنىق ھالدا بىلەلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكىگە بولغان تونۇشى، داۋالاش ئۈنۈمى جەھەتتە ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.

بويۇن ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكى بولسا، بويۇن ئومۇرتقا ئۆزگېرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ دېگەندە، بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى، ئومۇرتقا بوغۇمى، كۆمۈرچەك تارامۇش، مۇسكۇل، سېرىق ئەت، قاتارلىقلارنىڭكى چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشىدىن يۇلۇن، نېرۋا، قان تومۇر قاتارلىقلارنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن مەسىلەن : بېسىش، غىدىقلاش، تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش، غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنىڭ بولۇپمۇ غەيرى تەبىئىي سەۋدانىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن كېلىپ چىققان بىر قاتار كېلىنىكىلىق ئالامىتىنىڭ يىغىندىسى، بويۇن ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش دەپ ئاتىلىدۇ.

تۈرى ۋە ئالامىتى :

سۆڭەك ئۆسكەن ئورۇن، قان – تومۇر ۋە نېرىپلارنىڭ بېسىمغا ئۇچراش دەرىجىسى، ئالامىتىگە ئاساسەن بويۇن ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكى 7 تۈرگە بۆلۈنىدۇ، كېلىنىكىلىق ئالامىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

1) بويۇن تىپلىق:
كوپ خىل بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنىڭ ئالدىنقى ئىپادىسى بولۇپ، كوپ خىل سەۋەبتىن يېنىك دەرىجىدە سىرتقى زەخىم، بويۇن مۇسكۇللىرى چارچاش مەسىلەن، ئۇخلاش ھالىتى نورمال بولماسلىق، ياستۇقنى بەك ئېگىز قويۇپ يىتىش، ئۇزۇن مۇددەت بېشىنى ئىگىپ خىزمەت قىلىش قاتارلىقلاردىن بويۇن مۇسكۇلى قېرىش كېلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى بولسا: بويۇن ئەتراپى ئىچىشىپ ئاغرىش، ھەرىكەت يېنىك دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراش، كوپ خىل ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق ئىچىشىپ ياكى تىلىپ ئاغرىش، بېشىنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە ئاغرىش ئېغىرلاش، بەزىدە ئاغرىش غول تەرەپكە تارقىلىش. بويۇن قىسمى قېتىش، ھەرىكەت قىلغاندا ئاۋاز چىقىش، بەزىدە تاسمىسىمان شەكىلدە قاتتىقلىق بىلىنىدۇ، باشنى ئاغرىق تەرەپكە ئەگكەندە بويۇن ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بويۇن مۇسكۇلى بېسىلىپ ئاغرىيدۇ. ئۆزى ئەينەككە قاراپ تەكشۈرگەندە كۆرۈنەرلىك ئىششىش، قىزىرىش ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. ئۆزى تەكشۈرگەندە دائىم بىر تەرەپتە ئاغرىش ئورنىنى تاپالايدۇ .

2) نېرىپ تىپلىق :
سۆڭەك ئۆسۈكچىسى نېرىپنى باسقانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى: بويۇن، مۈرە، غول، ساھەسىدە ئاغرىش، ئىچىشىش، چىڭقىلىش، سانجىلىپ ئاغرىش، قىزىپ ئاغرىش، بويۇن ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، يۇقىرىقى مۈچە كۈچسىز بولۇش، سىقىراش، تۇتۇش كۈچى تۆۋەنلەش، مۇسكۇل يىگلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

3) يۇلۇن تىپلىق :
سۆڭەك ئۆسۈكچىسى يۇلۇننى باسقانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى: يۇقىرى تۆۋەن مۆچىلەر سىقىراش، مۇسكۇل كۈچسىز بولۇش، راۋان ماڭالماسلىق، ئاسان يىقىلىپ كېتىش، ھەتتا كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق، چوڭ-كىچىك تەرەتتە قىيىنلىشىش، قەۋزىيەت، يۇقىرى-تۆۋەن مۆچىلەر پالەچلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

4) ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى تىپلىق.
سۆڭەك ئۆسۈكچىسى ئومۇرتقا ئارتېرىيەسىنى باسقانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى : باش ئاغرىش، كۆڭلى ئىلىشىش، قۇسۇش، قۇلاق غوڭۇلداش، قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە ھالدا، ۋاقىتلىق ياكى بويۇن بىرخىل شەكىلدە بولىدۇ، بويۇن شۇخىل ھالەتتىن ئۆزگەرگەندە بىر ئاز ياخشىلىنىدۇ ياكى كېلىنىكىلىق ئالامىتى يوقىلىدۇ.

5) سىمپاتىك نېرۋا تىپلىق:
يۈرەك چالاڭغۇراش، يۇتۇش قىيىنلىشىش، نەپەس سىقىلىش، قان بېسىم يۇقۇرلاش، كوپ تەرلەش (دائىرىلىك، بىر ئورۇندا يەنى باش، بويۇن، يۇقىرى-تۆۋەن موچىنىڭ يىراق قىسمىدا ياكى يېرىم بەدەندە كۆرۈلىدۇ)

6) يۇتقۇنچاق تىپلىق:
بويۇن ئومۇرتقا ئالدى تەرىپىدىكى سۆڭەك ئۆسۈكچىسى يۇتقۇنچاقنىڭ كەينى تەرىپىنى بېسىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كىلنىكىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى : بويۇن قىسىمى ئاغرىش، قول سىقىراش، يۇتقۇنچاقتا غەيرى سېزىم بولۇش، يۇتۇش قىيىنلىشىش، بەلغەم تۇرۇپ قېلىش سېزىمى بولۇش بىلەن بىرگە نېرۋا ئاجىزلىق، كەم سۆزلۈك، ئىشتىھاسىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. ئالامىتىنىڭ ئېغىر يەڭگىل بولۇشى سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنىڭ چوڭ – كىچىك بولۇشى، ئورنى، شەكلى، بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

7) ئارىلاشما تىپلىق:
يۇقىرىدىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىپىدىكى كېلىنىكىلىق ئالامەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ كېلىشى ئارىلاشما تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى دېيىلىدۇ.

يۇقىرىقى ھەرقايسى تىپ، ئاناتومىيەسى جەھەتتىن زىچ باغلىنىشلىق، بىرلا ۋاقىتتا كېسەللىكنىڭ غىدىقلىنىشى ياكى بېسىلىشى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلىشى بىر قەدەر كوپ ئۇچرايدۇ.

سەۋەبى ۋە مېخانىزمى:

سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى ئانالىز قىلغاندا بۇخىل كېسەللىكنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشى بولۇپمۇ غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتى، موزا تەملىك بەلغەم ۋە گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ يەرلىك ئورۇنغا چۆكمىگە چۈشۈشى تەسىردىن يەرلىك ئورۇننىڭ نورمالنى ماددا ئالمىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كۆپلەپ يىغىلىپ قىلىشى، ئۇندىن باشقا سۆڭەك كالىتسىيسى بىلەن قان تەركىبىدىكى كالتسىي ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ يوقۇلىشى بىلەن سۆڭەك تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ، سۆڭەكتە زەخىم ياكى ئاجىزلىشىش يۈز بەرگەندە شۇ ئورۇنغا بەدەندىكى كالتسىي يىغىلىپ ئورنىنى تولدۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەسلىدىكى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەندە سۆڭەك ئۆسۈكچىسى شەكىللىنىدۇ.

دىياگنوز ئۆلچىمى

1) تىپىك كېلىنىكىلىق ئالامىتى، كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن
2) سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن .

5. سېلىشتۇرما دىياگنوز :

1) بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى يۈرۈشۈپ كېتىش كېسەللىكىدىن.
2) بويۇن ئومۇرتقا تىبىركىلىيۇزىدىن .
3) بويۇن ئومۇرتقا تۇزلىشىپ قىلىشتىن .
4) بويۇنغا يەل تۇرۇپ قىلىشتىن .

قانداق كىشىلەر ئاسانلا بويۇن ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ؟

1) ياش پەرقى جەھەتتە:ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا نىسبەتەن كوپ كۆرۈلىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك قېرىشى بىلەن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، ئېلاستىكلىقى ئاجىزلايدۇ، ئومۇرتقا يان قىرىدا سۆڭەك ئۆسۈكچىسى شەكىللىنىپ، تارامۇشلار قېلىنلاپ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگېرىش يۈز بىرىدۇ، بۇلار بولسا بويۇن ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىل.

2) كەسىپ جەھەتتە:ئۇزۇن مۇددەت بېشىنى تۆۋەن قىلىپ خىزمەت قىلغۇچىلار ياكى بېشىنى دائىم مەلۇم بىر تەرەپكە بۇراپ خىزمەت قىلغۇچىلاردا كوپ كۆرۈلىدۇ. بۇخىل كەسىپتىكىلەر ئىشخانا خىزمەتچىلىرى، خەت ئۇرغۇچىلار، كومپيۇتېر خىزمەتچىلىرى، ئوپېراتسىيە سېستىرالىرى، ئۇزۇن مۇددەت مىكروسكوپقا قارىغۇچىلار، قاتناش ساقچىلىرى ….بۇخىل خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۇزۇن مۇددەت بېشىنى تۆۋەن قىلىپ خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا بويۇن كەينى مۇسكۇل، تارامۇش قاتارلىق توقۇلمىلاردا قېرىش يۈز بىرىدۇ، شۇڭلاشقا كېسەل بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.

3) ئۇخلاش ھالىتى جەھەتتە:ياستۇقنى زىيادە ئېگىز ياكى زىيادە پەس ياكى ياستۇقنىڭ ئورنى مۇۋاپىق بولماسلىق بىلەن ئومۇرتقا يان مۇسكۇل، تارامۇش، بوغۇملار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ يوقۇلىشى بىلەن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قېرىش يۈز بىرىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن، ياستۇقنى ئېگىز قويۇپ ياتقۇچىلاردا ئەكسىچە ‹‹بويۇنغا يەل تۇرۇپ قىلىش›› يۇز بېرىپ، بۇ خىل كېسەللىك ئەڭ كوپ كۆرۈلىدۇ .

4) بويۇن ئومۇرتقا ساھەسى زەخىملىنىشكە ئۇچرىغانلاردا كوپ كۆرۈلىدۇ .

داۋالاش پىرىنسىپى :

1) تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتىلىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ .
2) كېسەللىك ماددىسىغا قارىتا مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىلىدۇ .
3) ماددىلارنى تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ .
4) ھەزىمنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى ۋە ئومۇمي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ .
5) بويۇندىن ئىسىش، ئۇۋلاش، يىڭنە سانجىش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ توسالغۇنى ئاچقۇچى ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلاردىن تاللاپ يەرلىك ئورۇننى ياغلاش ئىلىپ بېرىلىدۇ .
6) كېسەللىكنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە قارىتا داۋالاش ئىلىپ بېرىلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-28 / 08:40:18

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ